UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىياتنىڭ ئىدىيىۋىلىكى

ئەدەبىياتنىڭ ئىدىيىۋىلىكى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن بارلىق پېرسوناژلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدىيۋى ئەھمىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئىدىيۋىلىكنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەنلىك پەرقى بولىدۇ. ئەسەر ئىدىيىۋىلىكىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى ئاپتورنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى قانچە ئىلغار بولسا، رېئال تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئىپادىلىشىمۇ شۇنچە گەۋدىلىك، چوڭقۇر بولىدۇ، ئەسەرنىڭ ئىدىيۋىلىكىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. پرولېتارىيات ئەدەبىياتى ماركىسىزمنى يېتەكچى قىلىشنى، رېئال تۇرمۇشقا ئاساسەن يۈكسەك ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىك ئۆز ئارا بىرلەشكەن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ خەلقنى كوممۇنىستىك ئىدىيىدە تەربىيلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات