مىف
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
گرېكچە mythos _ ئەپسانە، رىۋايەت سۆزىدىن
قەدىمكى زامان كىشىلىرىنىڭ كائىنات ۋە ھاياتنىڭ پەيدا بولۇشى، تەبىئەت ھادىسىلىرى، خۇدالار ۋە ئەپسانىۋى قەھرىمانلار توغرىسىدىكى ئەقىدە ھەم خام خىياللىرىنى بايان قىلىدىغان رىۋايەت ۋە ئەپسانىلەر. «مىف» ئەرەبچە «ئەساتىر» دەپ ئاتالغان.