UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتكومېدىيە

كومېدىيە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى گرېكچە komodia قۇۋناق، تاماشا، قوشاق سۆزىدىن دراماتىك ئەسەرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىيەتتىكى كۈلكىلىك ھادىسىلەر تەسۋىرلىنىدۇ، ئىجتىمائىي ياكى ئائىلىۋى ماجرالار، ئادەملەر خاراكتېرىدىكى ناچار، يامان خۇسۇسىيەتلەر مەسخىرە قىلىنىدۇ. كومېدىيە دەسىلەپتە قەدىمكى گرېتىسيىدە مەيدانغا كەلگەن. يىغىپ ئېيتقاندا، كومېدىيە جەمئىيەتتە ئۆمرى تۈگەپ بېرىۋاتقان كونىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىۋاتقان يېڭلىقنىڭ غالىبانە مەسخىرىلەپ كۈلۈشىدۇ. تەبىئىيكى، جەمىئيەت تەرەققىياتنىڭ قانۇنلىرى بويىچە كونا نەرسىلەر يوقىلىشقا تېگىشلىك، لېكىن، ئۇ ئۆزلۈكىدىن يېڭى نەرسىلەرگە ئورۇق بەرمەيدۇ، كومېدىيە بۇ جەھەتتە كىشىلەرگە روشەن ئوبرازلارنى كۆرسىتىپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ، تاماشىبىنلارغا بەدىئىي زوق بېغىشلايدۇ، كومېدىيىنىڭ ئالاھىدىلىكى «كۈلكە» بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي قورالى كۈلكىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ بارلىق ۋەقەلىكى (سۇژېتى) ۋە قاتناشقۇچىلىرى كۈلكىلىك بولۇشى شەرت. ئەكسىچە بولغاندا، كومېدىيىدىن گەپ ئېچىشقا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
كومېدىيە | UyghurWiki | UyghurWiki