كومپوزىتسىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
لاتىنچە kompositio - تۈزۈپ چىقىش، تەرتىپكە سېلىش سۆزىدىن
ئەسەرنىڭ تۈزۈلۈشى، بۆلەكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ۋەقەلەر باياننىڭ تەرتىپى كومپوزىتسىيە دېيىلىدۇ. كومپوزىتسىيە ئاساسلىق بەدىئىي ۋاستىلەردىن بىرى. ئۇ كىشىلەر ۋە تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى يازغۇچنىڭ غايىۋى مەقسىتىگە ئاساسەن تەرىپىلەش ۋە سۈپەتلەشكە خىزمەت قىلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، كومپوزىتسىيە - بەدىئىي ئەسەر تەركىبىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى.