ئاناخرونىزم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە)
بىرەر دەۋرنى تەسۋىرلىگەندە ئاشۇ دەۋرگە خاس تارىخىي ئېنىقلىقتىن يىراقلىشىش، تەسۋىرلىنىۋاتقان دەۋر كىشىلىرى ئوبرازى ئورنىغا باشقا زاماندا ياشىغان كىشىلەر ئوبرازىنى يارىتىش، ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ نۇتقىدا شۇ قەھرىمانلار ياشىغان زامان كىشىلىرىگە نامەلۇم بولغان سۆز ۋە ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش؛ مەلۇم بىر دەۋرگە خاس ھايات شارائىتلىرىنى باشقا بىر دەۋرگە كۆچۈرۈپ تەسۋىرلەش ۋەھاكازالار.
ئاناخرونىزم ھادىسىلىرى كۆپرەك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ. چۈنكى، خەلق ئېغىز ئىجادىي ئەسەرلىرى ئېغىزدىن ئېغىزغا، زاماندىن زامانغا ئۆتۈش جەريانىدا ئەسەر بارلىققا كەلگەن دەۋر ھاياتىغا خاس بولغان نەرسە ۋە ھادىسىلەر بىلەن كېيىنكى دەۋرلەرگە خاس نەرسە ۋە ھادىسىلەر يانمۇ يان ياكى ئارىلاش ھالدا بولىدۇ. مەسىلەن: <ئالپامىش> داستانىدا قەبىلىۋى ھايات شارائىتلىرى ھەم فېئودالىزىم جەمئىيتىگە خاس ھادىسە ۋە ئادەتلەرمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقان. ياكى ئىپتىدائىي جامائە دەۋرىنى ئەكىس ئەتتۈرگۈچى چۆچەكلەردىكى قەھرىمانلارنىڭ مىلتىق ۋە توپ قاتارلىق قوراللاردىن پايدىلىنىشى ۋەھاكازالارمۇ <ئاناخرونىزم> ھادىسىسىدىن دالالەت بېرىدۇ.
ئاناخرونىزم بەزى يازغۇچىلارنىڭ تارىخىي ۋەقە ھەم پاكىتلارنى ياخشى ئۆگەنمەي، خاتاغا يول قويۇشى نەتىجىسىدە سادىر بولىدۇ.
لېكىن شۇنىمۇ تەكىتلەش لازىمكى، بەزى يازغۇچى، ئەدىبلەر ئاڭلىق ھالدا تۈرلۈك دەۋرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ياكى تۈرلۈك دەۋر كىشىلىرىنى بىرلا دەۋر تەسۋىرىدە بېرىپ، بۇ ئارقىلىق مۇئەييەن بىر مەقسەتنى كۆزدە تۇتىدۇ. ناۋايىنىڭ <سەددى ئىسكەندەر> داستانىنىڭ خاتىمىسىدىكى خىيالىي بىر ئېپىزوت بۇنىڭغا روشەن مىسال بولالايدۇ: ناۋايى بىر گۈزەل چىمەندە، ئۇ چىمەننى شادلىق ۋە مەمنۇنىيەت كېزىپ يۈرمەكتە، يىراقتا سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغان بىر مۇنچە كىشىلەر نامايان بولىدۇ، خىسراۋ دېھلەۋىنىڭ شاگىرتى ھاسان دېھلەۋى ناۋايىنى ئۇلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بارىدۇ. بۇ يەردە نىزامى، خىسراۋ دېھلەۋى، جامى، قىردەۋسى، ئەنسارى، سانايى، خاقانى، ەنۋەرى، سەئدى، ھافىز ۋە باشقا سۆز ئۇستىلىرى سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغانىكەن. ئۇلار ناۋايىنى كۆرۈپلا ئېھتىرام بىلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىدۇ ۋە ئۇنىڭ نىر قولىدىن خىسراۋ دېھلەۋى، يەنە بىر قولىدىن جامى تۇتۇپ نىزامىنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزىدۇ. بۇ خىيالىي ئېپىزوتتا تۈرلۈك دەۋر ۋە تۈرلۈك ئۆلكىلەردە ئۆتكەن مەشھۇر شەرق شائىرلىرى بىر ۋاقىت ۋە بىر ئورۇندا بېرىلگەن. ناۋايى بۇ ئېپىزوت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ <خەمىسە> سىنى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن تۈگەتكەنلىكىنى ۋە شەرقنىڭ بۈيۈك شائىرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغىنىنى پەخىر بىلەن تەكىتلەپ كۆرسەتكەن.
ئۆتمۈش ساقىدىلىرى، قالدۇق كونا قاراشلار ۋە شۇنىڭغا مۇۋاپىق ئادەتلەرمۇ <ئاناخرونىزم> دەپ ئاتىلىدۇ.