مەنىۋى مۇھىت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى چە ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىلىنىشى بىرلىشىپ شەكىللىنىدىغان بىر خىل بەدىئىي دائىرە مەنىۋى مۇھىت بولىدۇ. ئۇ تۇرمۇشتىكى ئوبرازلارنىڭ ئوبيېكتىپ ئەكس ئېتىلىشى بىلەن سەنئەتكارنىڭ ھېسسىي غايىسىنىڭ يارىتىلىشىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئۇ قىسقارتىلىپ ھېسسىيات بىلەن مەنزىرە، ياكى مەنىۋىيەت بىلەن مۇھىت دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مەنىۋى مۇھىت ئوبيېكتىپ مەنزىرە بىلەن سۇبيېكتىپ ھېسسىي ھەۋەسلىنىشنىڭ بىردەكلىكىدۇر. ئۇ، سەنئەتكارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى دائىرىسىنىڭ ئەكسلىنىشىنى تىپىكلەشتۈرۈشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. شېئىرلار ۋە رەسىملەردىكى «مەنىۋى مۇھىت» بىلەن ھېكايە، تىياتىرلاردىكى تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك خاراكتېر پاراللېل تەڭلىكتە تۇرىدىغان ئىككى خىل بەدىئىي كاتېگورىيە بولۇپ، ئاشۇنداق ھېسسىيات بىلەن مەنزىرىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشىدىن يېپيېڭى بىر خىل بەدىئىي مۇھىت شەكىللىنىپ چىقىدۇ. ئۇ، كىتابخاننىڭ ئەسەر تەمىنلىگەن چەكلىك، كونكرېت كارتىنا ئارقىلىق تەسىرلىنىدىغان ئوبرازدىن تاشقىرى، يەنىمۇ چوڭقۇر، يەنىمۇ مول بولغان نەرسىلەرگە ئىگە بولۇشىغا، ئۆزىنى ئۆزگىچە بىر ھېسسىي ئالەمگە بارغاندەك سېزىپ، گۈزەللىك تەسىراتىغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
مەنىۋى مۇھىت دەۋرلىككە ۋە يازغۇچىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. تۇرمۇش ھادىسىلىرى خىلمۇخىل، رەڭگارەڭ، مول بولغانلىقتىن بەدىئىي مۇھىت دائىرىسىمۇ چەكسىز، ھەر خىللىقلىققا ئىگە بولىدۇ. مەنىۋىيەت بىلەن مۇھىت دائىرىسىنىڭ بىرلىشىشىدە مەنىۋىيەتكە (سۇبيېكتىپ ھېسسىياتقا) ئېغىشمۇ، ھەمدە مۇھىتقا (ئوبيېكتىپ مەنزىرىگە) ئېغىشمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.