كۆپ پەردىلىك دراما
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
پۈتۈن دراما ۋەقەلىكى بىر نەچچە پەردە ئىچىدە، باشلىنىشتىن تارتىپ ئاخىرلاشقىچە راۋاجلىنىدىغان چوڭ تىپتىكى دراما.
پەردە دراما ئەسەرلىرى ۋە دراما ئويناشتىكى بىر ئابزاس ھېسابلىنىدۇ. كۆپ پەردىلىك دراما ئەنە شۇنداق ئابزاستىن بىر نەچچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆپ پەردىلىك درامىلارنىڭ بەزىىرىدە پەردە ئىچىدە يەنە كۆرۈنۈش بولىدۇ. كۆپ پەردىلىك دراما پەردىلەر ۋە كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنگەنلىكتىن، پەردە ۋە كۆرۈنۈشلەرنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى يۆتكەپ، تۇرمۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، شۇڭا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تۇرمۇش سىغىمچانلىقى زور، ۋەقەلىك سۇژېتى بىر قەدەر مۇرەككەپ، پېرسوناژلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ.
كۆپ پەردىلىك دراما <كۆپ كۆرۈنۈشلۈك دراما> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.