مالدىۋې
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
ئوردا ئارىلى
ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىي ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. ئۇنىڭ سىرىلانكا بىلەن بولغان ئارىلىقى 640 كىلومېتىر كېلىدۇ. مالدىۋې شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ 650 كىلومېتىرغا سوزۇلغان 19 ئارال گۇرۇپپىسى ۋە ئۇلارغا تەۋە
2000 غا يېقىن ئارال ۋە خفدا تاشلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ 200 ئارىلىدا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان، ئاراللارنمىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 298 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاراللارنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەس بول،ۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن دېڭىز يۈزىدىن 7 مېتىر ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى تروپىك مۇسسۇنلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھاۋاسى نەم ئىسسىق بولىدۇ، ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24-℃28 بولۇپ، يىل بويى ياز بولىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1800 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. مالدېۋىنىڭ ئاھالىسى 178 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى مالدىۋې خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا، ئاز قىسمى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئەمەلدارلىرى دىۋارى تىلىنى قوللىنىدۇ، يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ئىنگلىز تىلىنى ئىشلىتىدۇ، پايتەختى مالې شەھىرى، مالدىۋېدا بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان، 116 - يىلى ئىسلام سۇلتانلىقى قۇرۇلغان، 400 يىلدىن بۇيان پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1965 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى دۆلەت نامىنى مالدىۋې جۇمھۇرىي7تىگە ئۆزگەرتكەن، 1972 - يىلى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. مالدىۋې ئىقتىسادتا دېڭىز ترانسىپورتى، ساياھەتچىلىك، بېلىقچىلىق ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن دۆلەت خەلقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قۇرۇتۇلغان بېلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ %90 نى تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا كۆممىقوناق، تېرىق، بانان، كوكۇس پالمىسى، ئەنبەھ، ئاناناس، شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈلىدۇ.
مالدىۋېنىڭ تولۇق نامى <مالدىۋې جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، سىرى لانكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھىندى ئوكيانغا جايلاشقان. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا تۆت خىل چۈشەندۈرۈش بار: بىرىنچى، ئاساسىي ئارال مالې ئارىلىدىن كەلگەن بولۇپ، <گۈلچەمبىرەك تاقىم ئاراللىرى> ياكى <ئوردا ئارىلى> دېگەن مەنىدە؛ ئىككىنچى، مالاپار تىلىدىكى <مىڭ ئارال دۆلىتى> دىن كەلگەن. چۈنكى بۇ دۆلەت 19 گۇرۇپپا مارجان خادىسى، 2000 دىن ئارتۇق مارجان ئارىلىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل قاراش دۆلەت تۈۈلۈشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە؛ ئۈچىنچى، سانسكىرىت تىلىدىكى <ئارال> ياكى <تاغ چوققىسى> دىن كەلگەن. تۆتىنچىسى، مالدىۋېنىڭ مەنىسى <قۇياشنىڭ ئەزىزى>. چۈنكى ئۇ يەردە كۈن نۇرى پارلاق، تۆت پەسل باھاردەك، ئۈسۈملۈكلەر بۈك ـ باراقسان، گۈل ـ گىياھلار خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدىغان بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. بۇندىن 2000 يىلى ئىلگىرىلا مالدىۋېلىقلار ئارالدا ماكانلىشىپ بولغان. مالدىۋې ھۆكۈمەت ماتېرىياللىرىدا ھازىرقى مالدىۋېلىقلارنى ھىندىستان، سىر لانكا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسمى كۆچمەنلەرنىڭ يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە تەدرىجى شەكىللەنگەن دەپ يېزىلغان. مالدىۋېلىقلار ئەسلى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىن 1116 - يىلى ئىسلام سۇلتانلىقى قۇرۇلغان. 16 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە ،گوللاندىيىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچراپ، 1887 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. 1953 - يىلى ئەنىگلىيە مالدىۋېنى ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەت دەپ ئېتىېرا قىلغان. 1965 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مالدىۋې مۇستەقىللىق جاكارلاپ 1968 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى <مالدىۋې جۇمھۇرىيىتى>نى قۇرغان.
مالدىۋېنىڭ يەر مەيدانى 298 كۇۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 236 مىڭ، ھەممىسى مادىۋې مىللىتىگە تەۋە. دىۋىس ۋە ئىنگلىز تىلى قوللىنىلىدۇ. ئەرەب يېزىقى ئىشلىتىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى مالې. پۇل بىرلىكى مالدىۋې رۇپىيىسى.
ھىندى ئوكياندىكى ئاراللىق دۆلەت - مالدۋې ئەسلىدە بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، قەدىمكى دۆلەت بايرىقى قىزىل بايراق ئىدى. ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرگەندىن كىيىن 1116 - يىلى ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنغان سۇلتان خانلىقىنى قۇرغان. قىزىل بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېشىل رەڭلىك ئۇزۇن چاس بىلەن بىر ھىلال ئاينى قوشقان. 1968 ـ يىلى نويابىردا مالدۋې جومھۇرىيتى قۇرۇلغاندىمۇ مۇشۇ بايراقنى ئىشلەتكەن. يېشىل ئۇزۇن چاسىنىڭ تۆت ئەتراپى قىزىل بولۇپ، قىزىل ئۇرۇننقڭ كەڭللىكى بايراقنىڭ تۆتتىن بىرقىسمىنى، يېشىل ئۇزۇن چاسىنىڭ كەڭلىكى بايراقنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن. يېشىللىق ئىسلام دىنىدا مۇقەددەس كۆرىدىغان رەڭ بولۇپ، ھاياتلىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش نامايەن قىلىنغان؛ ئاق ھىلال ئاي تىنىچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مالدۋې خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتقادىنىڭ سمۋولىدۇر؛ قىزىل رەڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلغان مىللىي قەھرىمانلارنىڭ قان بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.
دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر ھىلال ئاي بىلەن ئاق ۋە قارا ئىككى خىل رەڭدىكى بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز سىزىلغان. ئاي بىلەن يۇلتۇزنىڭ ئىككى يېنىغا بىرىن دۆلەت بايرىقى قادالغان. ئارقىسىدا بىر تۈپ ئېگىز پالما دەرىخى بولۇپ، مالدۋېنىڭ ھىندى ئوكيانغا قاراپ تۇرىدىغان تروپىڭ بەلۋاغدىكى ئارال مەنزىرىسىنى ۋە خەلىقنىڭ بۇ ھاياتلىق سىمۋولىغا بولغان ھۆرمىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا ئەرەبچە < مالدۋې جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت يېزىلغان.