UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرئېفىئوپىيە

ئېفىئوپىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا چىرايى ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن ئادەم ئافرىقا بويىچە ئەڭ ئېگىز تەكشىلىك بولۇپ، ئىپوپىيىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. مەيدانى 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 2500 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئېگىز داشەن چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 4620 مېتىرغا يېتىدۇ. ئېپوپىيە ئېگىز تەكشىلىكى <ئافرىقىنىڭ ئۆگزىسى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا شەرقىي شىمال، غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان چوڭ ئۈزۈلمە بەلبېغى بار. كەڭلىكى 40-60 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۈزۈلمە بەلبېغى رايونىدا زىۋاي، ئابايا، چامو قاتارلىق كۆل ئويمانلىقلىرى بار. بۇ ئېگىز تەكشىلىك 2000 مېتىر قېلىنلىقتىكى ۋولقان لاۋىلىرى بىلەن قاپلانغان. ئېگىز تەكشىلىكنىڭ شەرقىي يانباغرىلىرى قۇرغاقراق بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. غەربىي يانباغرى نەم بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000-1500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، بۇ جايلار نىل دەرياسىنىڭ مۇھىم سۇ بىلەن تەمىنلەش رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ. يەر ۋەزىيىتى پەسرەك رايونلار بىلەن دەريا ۋادىلىرى قېلىن تروپىك ئورمانلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. بىر قەدەر قۇرغاق رايونلاردا شالاڭ ئورمانلار ئۆسىدۇ. سۇ بۆلگۈچ رايونلاردا چاتقال تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قۇرغاققا چىداملىق ئورمانلار ئۆسىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 1600 دىن 2600 مېتىرغىچە بولغان ئورۇنلارنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بولۇپ، بۇ جايلاردا ئاساسلىق يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلار ئۆسىدۇ. ئېفىئوپىيىنىڭ تولۇق نامى <ئېفىئوپىيە خەلق دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىگە، قىزىل دېڭىزنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 975 - يىلى مېنلىك Ⅰ پادىشاھ بولغان. مىلادى 13 - 16 - ئەسىرلەردە ئومخارا مىللىتى ھەبەشتان پادىشاھلىقىنى قۇرغان، ھەبەشنىيە سۆزى پورتۇگال تىلى بولۇپ، 1520 - يىلى ئەرەب تىلىدىكى habasi سۆزىدىن پورتۇگال تىلىغا كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ مەنىسى <قارا رەڭدىكى> (يەنى قارا تەنلىكلەرنىڭ يۇرتى)، كېيىن غەرب دۆلەتلىرى <ھەبەشنىيە> نامىنى بۇ دۆلەت نامىنىڭ ئومۇمىي ئاتالغۇسى قىلغان. سېللىس Ⅰ ( 1892 -- 1975) بۇ نامنى ياقتۇرماي قەدىمكى گرېك تىلىدىن <ئېفىئوپىيە> سۆزىنى ئېلىپ دۆلەت نامى قىلغان. بۇنام گرېك تىلىدىكى aithos (ئاپتاپتا قارىيىپ كەتكەن) ۋە ops (چىراي) سۆزلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مەنىسى <چىرايى ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن ئادەم>، ئېفىئوپىيىگە 16 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيىلەر ئىلگىرى - كېيىن بېسىپ كىرگەن. 1890 - يىلى ئىتالىيە بىر تەرەپلىمە ھالدا ئېفىئوپىيىنى ئۆزىنىڭ <ھامىلىقى> دا دەپ ئېلان قىلىپ، 1896 - يىلى ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1935 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىتالىيە ئىككىنچى قېتىم بېىسپ كىرىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تەسلىم بولغان. 1941 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن باشلاپ <ئېفىئوپىيە> دەپ ئاتالغان، 1984 - يىلى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى <ئېفىئوپىيە خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى> دەپ ئاتالغان. يەر مەيدانى 1.098 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 54 مىليون 790 مىڭ. پايتەختى ئەددىس - ئەبېبە. ئاھالىسى خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنى قاتارلىق ئون نەچچە خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، پۇل بىرلىكى ئېفىئوپىيە بىرى. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپلا ئېفىئوپىيىە يېشىل، سېرىق قىزىل رەڭلىك يوللۇق بايراقنى ئىشلەتكەن. ھازىرقى زامان تارىخىدا ئېفىئوپىيە ئەركىن مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تۇنجى ئافرىقا دۆلىتىدۇر. ئۇ ئافرىقا قىتئەسىدىكى قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، 3000 يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، يېشىل، سېرىق ۋە قىزىل رەڭلەر بۇ زېمىننى تېخىمۇ چوڭقۇر مەزمۇنلار بىلەن بېيىتقان. تارىختا، بۇ رەڭلەر كوپتىك چېركاۋىنىڭ ئىبادەت يوسۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىنسانىيەت ئەركىنلىكىدە ياقتۇرىدىغان ساداقەتلىك ، ئۈمىد ۋە مېھىر- شەپقەتتىن ئىبارەت 3 خىل گۈزەل ئەخلاقنى ئىپادىلگەن. بۇ ئۈچ خىل رەڭ يەنە ئېفىئوپىيىنىڭ ئۈچ رايونى - تاكلې (قىزىل )، ئامۇخارا ( سېرىق )، سېئويە ( يېشىل ) نى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈنكى ئېفىئوپىيە يېشىل رەڭنى ئوت - چۆپ، يەر - زىمىن ۋە مول بايلىققا، سېرىق رەڭنى تەبىئىي بايلىق، تىنچلىق، ۋە دۆلەت قۇرۇشتىكى ئىرادىسىگە، قىزىل رەڭنى خەلقنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇشتەك جەسۇرانە ئىرادىسىگە ئوخشاتقان. بۇ بايراق 1974 - يىلى رەسمىي قوللىنىلغان. 1991 - يىلى ئېفىئوپىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى يېڭى دۆلەت گېربى تۈزۈپ چىقتى، بۇ دۆلەت گېربى يۇمىلاق شەكىللىك بولۇپ، قانات قېقىۋاتقان بىر ئۇچار قۇش، بىر تارازا ۋە بىر كۆۋرۈك قاتارلىق سۈرەتلەردىن تەركىب تاپقان. ئەتراپى بۇغداي باشىقى ۋەچىشلىق چاق بىلەن بېزەلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئېفىئوپىيە | UyghurWiki | UyghurWiki