UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرلىۋىيە

لىۋىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا ئاق تەنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان جاي شىمالىي ئافرىقىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ يېرىنىڭ كۆپ قىسمى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 300-600 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىكلەردىن ئىبارەت. شىمالدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىلا پەس، تار سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلەر بار. ئۇنىڭ يېرىنىڭ% 90 نى قۇملۇقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ، دۆلەتتە دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان دەريالار، چوڭ كۆللەر يوق، قۇملۇقلار ئارىلىقىدا بوستان بار. بۇ رايونلار لىۋىيىنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ھېرسابلىنىدۇ. لىۋىيىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمى تىپىغا، قالغان كۆپ قىسىم جايلىرى تروپىك چۆل ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. لىۋىيىنىڭ يەر مەيدانى بىر مىليون 759 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 3 مىليون 600 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ% 80 نى ئەرەبلەر، قالغىنىنى بېر - بېر خەلقلىرى، گرېكلار، ئىتالىيانلار تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى ھېسابلىنىدۇ. لىۋىيە ئافرىقىدىكى ئەڭ قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000 - يىللاردا قەدىمىي مىسىرنىڭ شەكىللىك ھەرپلىرى بلىەن لىۋىيە ھەققىدە يېزىلغان خاتىرىلەر بار. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2 - ئەسىردىن 1 - ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېرىنىڭ بىر قىسمى رىم ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 7 - ئەسىرگە كەلگەندە ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان، 1912 - يىلى ئىتالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1951 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، لىۋىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان، 1963 - يىلى بىرلەشمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، لىۋىيە پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1977 - يىلى 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى دۆلەت نامىنى <ئەرەب لىۋىيە سوتسىيالىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتكەن. لىۋىيە ئىقتىسادتا كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت، تەبىىئي گاز ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ لىۋيىنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. لىۋىيە نېفىت تېپىلىشتىن بۇرۇن قالاق يېزا ئىگىلىك دۆلىتى ئىدى. نېفىت تېپىلغاندىن كېيىن نېفىتتىن قىلغان كىرىمى ئاساسىدا ئۇنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مەدەنىي مائارىپ قاتارلىق تارماقلىرى تېز تەرەققىي قىلشىقا باشلىغان. يېزا ئىگىلىكىدە ئارپا، بۇغداي، كۆممىقوناق، ياغلىق زەيتۇن، خاسىڭ، تاماكا، خورما قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ، چارۋىچىلىقىدا قوي، كالا، ئات ۋە باشقا ئۆي قۇشلىرىنى باقىدۇ. ئاھالىنىڭ% 85 ى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2.3 نى تەشكىل قىلىدۇ. لىۋىيە سىرتقا نېفىت، تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشتىن سىرت، يەنە تۆمۈر رۇدىسى، خاسىڭ، تېرە قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ. نېفىت سانائەت ئۈسكۈنىلىرى، ماشىنا، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. نېفىت تۇرۇبا ئارقىلىق ئىتالىيىگە، پاراخوت ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەر توشۇلىدۇ. لىۋىيىنىڭ تولۇق نامى <بۈيۈك لىۋىيە خەلق سوتسىيالىستىك ئاۋام دۆلىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. بىرىنچى، لىۋىيە سۆزى گرىك تىلىدىن كەلگەن، بۇ <ئاق تەنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان جاي> دېگەن مەنىدە بولۇپ، سەھرايى (قارا تەنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان جاي) سۆزىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قويۇلغان. لىۋىيە نامى ئىنتايىن قەدىمكى نام بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000 - يىللىرىلا قەدىمكى مىسىرنىڭ ئېروگېلىف يېزىقلىرىدا خاتىرىلەنگەن. قەدىمكى يۇناندىكى ھومېر داستانى <ئودىسسا> دىمۇ تىلغا ئېلىنغان، لېكىن بۇ يەردە مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى شىمالىي ئافرىقا ياكى ئومۇملاشتۇرۇپ پۈتكۈل ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقنى كۆرسەتكەن، تەخمىنەن مىلادى 300 - يىلى داكاشان پادىشاھى سىرانىنگارنىڭ شىمالىغا يۇقىرى لىۋىيە ۋە تۆۋەنكى لىۋىيە ئۆلكىلىرىنى قۇرغان. بۇ نام ئىزچىل ھالدا ترىپولى ياكى بەربىيىنىڭ جۇغراپىيىلىك كۆچمە نامى قىلىپ ئىشلىتىلىپ، ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ، شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كۆرسەتكەن. 1934 - يىلىغا كېلىپ، ئىتالىيە سىرانىنگار ۋە ترىپولتانىلەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئۆلكە بىرلەشتۈرۈپ لىۋىيە مۇستەملىكىسى دەپ ئاتالغان؛ ئىككىنچى، بۇ نام ئەسلى مىسىردىكى نېل دەرياسى ۋادىسنىڭ غەربىدىك چۆل قەبىلىلىرىنىڭ نامى بولۇپ، Lebu ياكى Rebu دەپ ئاتالغان، كېيىن گرېكلار مىسىرلىقلاردىن باشقا بارلىق شىمالىي ئافرىقىلىقلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ لىۋىيىلىكلەر دەپ ئاتىغان. ھازىرقى نامى شەھھان تىلى سىستېمىسىدىكى سام تىلى Lehabim سۆزىنىڭ گرېكچە يېزىلىشى ھېسابلىنىدۇ؛ ئۈچىنچى، گرېكچە Liba ياكى Lips سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى غەربىي جەنۇب شامىلى، بۇ لىۋىيىنىڭ گرېتسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلىشىپ، دېڭىز ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغانلىقىغا قارىتىلغان، قەدىمك دەۋردە لىۋىيىنىڭ ئاھالىسى ئاساسىي جەھەتتىنبەربەرلەر بولۇپ، مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە نومىدىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى ئەسىردە رىم ئىمپېرىيسىنىڭ زېمىنى بولغان. مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە ئەرەبلەر بەربەرلەرنى بويسۇندۇرغان. 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى لىۋىيىنى ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئىگىلىگەن. 1912 - يىلى ئىتالىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا لىۋىيىنى ئەنگلىيە - فرانسىيە بۆلۈپ ئىدارە قىلغان. 1951 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، لىۋىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1963 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى لىۋىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1969 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1977 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن. لىۋىيىنىڭ يەر مەيدانى 1.76 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون 880 مىڭ. مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەرەبلەر بولۇپ، يەنە بەربەرلەرمۇ ياشايدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى، يەنە ئىنگلىز تىلىمۇ قوللىنىلىدۇ. پايتەختى ترىپولى، پۇل بىرلىكى لىۋىيە دىنارى. ئوتتۇرا شەرققە يېقىن دۆلەت - لىۋىيە تارىختا ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالغان ئىدى، 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە ئايرىلغان، كېيىن يەنە ئارقا - ئارقىدىن ئىتالىيە، ئەنگلىيە، فراىسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بېسىۋالغان. 1951 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، پادىشاھلىق دۆلىتى قۇرۇلغان. 1969 - يىلى سېنتەبىردە كازافېي باشچىلىقىدىكى ياش ئوفېسېرلار سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئىدىرىس خاندانلىقى ئاغدۇرۇپ، ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرغان ھەمدە مىسىر بىلەن ئوخشاش قىزىل، ئاق ۋە قارا رەڭلىك بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان. 1971 - يىلى لىۋىيە بىلەن مىسىر، سۈرىيە بىرلىشىپ، ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، بىر تۇتاش قىزىل ئاق، قارا رەڭلىك بىرلەشمە دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن. 1977 - يىلى، مىسىر زۇڭتۇڭى سادات ئىسرائىلىيە بىلەن ياراشقاندىن كېيىن كازافېي بۇنى ئەرەب بىرلىكىدىن ئىبارەت ئۇلۇغىۋار ئىشقا خائىنلىق قىلغانلىق دەپ قاراپ، بىرلەشمە دۆلەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ، دۆلەت نامىنى ئەرەب لىۋىيە خەلقى سوتسىيالىستىك ئاۋام دۆلىتىگە، دۆلەت بايرىقىنى يېشىل بايراققا ئۆزگەرتكەن. لىۋىيە ئىسلام دۆلىتى بولۇپ، مۇسۇلمانلار يېشىل رەڭنى مۇقەددەس بىلىدۇ؛ كازافېي رەھبەرلىك قىلغان < سېنتەبىر ئىنقىلابىي >، < يېشىل ئىنقىلاب> دەپمۇ ئاتالغان. شۇڭا، لىۋىيە خەلقى يېشىل رەڭنى ئىنقلابنىڭ بەلگىسى دەپ قاراپ، قۇتلۇق ۋە غەلبىسىنىڭ سىمۋولى قىلغان ھەم دىنىي مەنىگە ئىگە مىننەتدارلىقنىمى بىلدۈرگەن. بىر ئالتۇن شۇڭقار لىۋىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت گېربىدىكى ئاساسلىق كۆرۈنۈش بولغان، ئۇ باتۇر ۋە قەيسەر بولۇپ، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا قاراشلىق قەبىلىنىڭ توتېمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭقارنىڭ كۆكىسىدىكى يېشىل قالقان كىشىلەر قەلبىدە ئىسلام دىننىڭ تەشنالىق ۋە ئۆزىنى قوغداش داۋامىدا مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان. شۇڭقارنىڭ قولى ئاستىدىكى لېنتىغا ئەرەبچە < ئەرەب جۇمھۇرىيىتى فېدېراتىسىيسى > دېگەن خەت يېزىلغان. 1977 - يىلى بىلەن 1985 - يىلى، لىۋىيىنىڭ دۆلەت نامى ئىككى قېتىم ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، دۆلەت گېربىدىكى بۇ نامدا ئۆزگىرىش بولمىغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
لىۋىيە | UyghurWiki | UyghurWiki