UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەركۈۋەيت

كۈۋەيت

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا كىچىك قورغان غەربىي ئاسىيادكى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپى ئەرەب (پېرسىيە) قولتۇق سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. قۇرۇقلۇقتا ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يەر مەيدانى 18 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر (ئەتراپىدىكى بوبتىن، فاراكا قاتارلىق ئاراللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 695 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى چەت ئەللەردىن كەلگەن ئىشچىلار،% 40 نى كۈۋەيتتىكىلەر تەشكىل قىلىدۇ. چەت ئەللىكلەر ئىچىدە پەلەستىنلىكلەر 400 مىڭ، مىسىرلىقلار 150 مىڭ، ھىندىستانلىقلار 130 مىڭغا يېتىدۇ، قالغىنىنى ئىران، پاكىستان ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ %95 تى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، كۇۋەيتنىڭ يەر ۋەزىيىتى تۈزرەك كېلىدۇ، ئۇ جايدا ئېگىز تاغلار يوق، يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى چۆللۈكلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئىقىمى قۇرغاق ئىسسىق بولۇپ، يەر يۈزىدە دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان دەريالار يوق، تاتلىق سۇ كەمچىل، ئىچىدىغان سۇنى ئىراقتىن، يەر ئاستى قىسمىدىن ئلىدۇ. تۇزلۇق سۇنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش زاۋۇتىلىرى ئارقىلىق سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. كۇۋەيت 7 - ئەسىردىن باشلاپ ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ دائىرىسىدە بولغان، 1756 - يىلدىن باشلاپ ساباھ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، 1765 - يىلى كۇۋەيتنىڭ ئاھالىسى تەخمىنەن 10 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسلىق سودا - سېتىق، بېىلىقچىلىق، مەرۋايىت ئېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1871 - يىلى تۈرك ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق بەسرە ئۆلكىسىنىڭ بىر ناھىيىسى بولغان، 1899 - يىلى باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1961 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1971 - يىى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. كۇۋەيت ئىقتىسادتا نېفىتنى ئاساس قىلىدىغان ھەم نېفىت ئاساسىدا بېيىۋاتقان دۆلەت. ئۇنىڭ بىر يىللىق نېفىت كىرىمى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ، پۈتۈن مالىيە كىرىمىنىڭ%90 نى ئىگىلەيدۇ، كۇۋەيت سانائىتىنىڭ ئاساسىي قىسمىمۇ نېفىت ئايرىش، نېفىت خىمىيەت سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى، سېمونت، مېتالچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، تۇزلۇق سۇنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. كۇۋەيتنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلمىغان، ئۇنىڭ تېرىلغۇ يېرى پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ ئاران %1 نى تەشكىل قىلىدۇ، ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئات، قوي، تۆگە بېقىلىدۇ، ئاشلىقنى ئىمپورت قىلىدۇ. كۈۋەيتنىڭ تولۇق نامى <كۈۋەيت دۆلىتى> بولۇپ، غەربىي ئاسىيادىكى پارىس قولتۇقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىغا، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى شەھەر نامىدىن كەلگەن. ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا مىلادى 17 - ئەسىردە كۈۋەيت <قۇرەيش> دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ <كىچىك مۈڭگۈز> مەنىسىدە، چۈنكى كۈۋەيتنىڭ شەكلى ھىلال ئايغا، ئاينىڭ ئىككى بېشى بىر جۈپ كالا مۈڭگۈزىگە ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداق ئاتالغان. 1614 - يىلى، قۇرەيش رايونى خالىد جەمەتىنىڭ خەلىپىسى ئىبنى ئۇلەيئال ھازىرقى كۈۋەيت شەھەر رايونىنىڭ دېڭىزغا يېقىن يېرىگە بىر شەھەر قورغىنى سېلىپ، سېلىپ نامىنى <ئۇلەيئال كوت> قىلىپ بېكىتكەن. <كوت> سۆزى كۈۋەيت يەرلىك تىلىدا <قورغان>، <مۇھىم ئۆتكەل> دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا خالىد جەمەتىنىڭ خەلىپىسى سۇلايمان ئۆلۈپ سەككىز يىلدىن كېيىن، يەنى 1760 - يىلى خالىد جەمەتى يەنە جەھرەدىن دېڭىز تۇمشۇقىغىچە بىر سوقما تام سېلىپ، قۇرۇقلۇقنى ئۈچ تەرەپتىن قورشاپ، تامنىڭ سىرتىغا خەندەك كولىتىپ، ئۈچ تەرىپى سېپىل، بىر تەرىپى دېڭىزغا قاراپ تۇرغان شەھەرنى بەرپا قىلغان، كۈۋەيتلىكلەر مۇشۇ مۇستەھكەم سېپىللارغا تايىنىپ تۇرۇپ، قوشنا قەبىلىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايدىكى تىرىكچىلىكىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا كۈۋەيتلىكلەر بۇ شەھەرگە ئىنتايىن ئامراق بولۇپ، ئۇنى < كىچىك قورغان> دەپ ئاتىغان. <كىچىك قورغان> دېگەن سۆزنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئاھاڭى <كۈۋەيت> بولىدۇ. كېيىنچە <كۈچەيت> نامى بۇ شەھەرنىڭ رەسمىي نامىغا ئايلىنىدۇ. مىلادى 7 ـ ئەسىردە كۈۋەيت ئەرەب ئىمپېرىيىسى بەسرە ئۆلكىسىنىڭ بىر ناھىيىسى بولغان. 1756 - يىلى كۈۋەيت خەلىپىلىكى قۇرۇلۇپ، 1871 - يىلى يەنە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى بەسرە ئۆلكىسىنىڭ بىر ناھىيىسى بولغان. 1899 - يىلى ئەنىگلىيە كۈۋەيتكە <ھامىيلىق> قىلىپ 1939 - يىلى كۈۋەيتنى رەسمىي ھالدا مۇستەملىكە قىلىۋالغان. 1961 - يىلى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كۈۋەيت مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، دۆلەت نامىنى <كۈۋەيت> قىلىپ بېكىتكەن. كۈۋەيتتىكى غايەت زور نىفىت بايلىقى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي زىددىيەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشى، پەلەستىن مەسىلىسى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتى قاتارلىق بىر قاتار مۇرەككەپ زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن، 1990 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئىراق كۈۋەيتكە تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغان. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى خەۋپكە ئۇچرىغاچقا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قوشۇنلىرى كۈچەيتنى 1991 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىراقنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغان. <كۈۋەيت> نامى ھەم دۆلەت نامى، ھەم پايتەخت، ئۆلكە ۋە ئۆلكە مەركىزىنىڭ نامى بولۇپ، بىر نامىنى تۆت خىل ئىشلىتىش دۇنيادا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. كۈچەيتنىڭ يەر مەيدانى 17.818 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون 440 مىڭ، كۈۋەيتلىكلەر % 42 نى، قالغىنىنى قوشنا ئەرەب ئەللىرى پۇقرالىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب، ئىنگلىز تىلى كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى كۈۋەيت، پۇل بىرلىكى دىنار. كۇۋەيت پارىس قولتۇقى رايونىدا نېفىت كۆپ چىقىدىغان ئاساسىي قانۇنلۇق خانلىق تۈزۈمىدىكى ئېمرات بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئاتامان جەمەتى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن. 1698 - يىلى مايدا، كۇۋەيت مۇستەقىل بولغان. 1998 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن كۇۋەيت مەخپىي كىلىشىم ئىمزالاپ، ئەنگلىيە كۇۋەيتنىڭ مېتروپولىيسى بولغان. 1691 - يىلى ئىيۇلدا، ئەنگلىيە كۇۋەيت ئېمراتنىڭ تولۇق مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. كۇۋەيت دۆلەت بايرىقى روشەن ھالدا ئۆزىنىڭ ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش كۇۋەيتنىڭ دۆلەت بايرىقىمۇ يېشىل، ئاق، قىزىل ۋە قارا تۆت خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان، ئۇ ئەرەب مىللىتىنىڭ تومۇرداش تارىخىي مەنبەسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. كۇۋەيت دۆلەت بايرىقىدا يېشىل رەڭ گۈزەل زېمىننى، ئاق رەڭ دۆلەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قىزىل رەڭ باتۇرلارنىڭ ئىسسىق قېنىنى، قارا رەڭ ئىس - تۈتەككە تولغان جەڭ مەيدانىنى بىلدۈرىدۇ. كۆكتە قانات قېقىپ پەرۋاز قىلۋاتقان بىر ئەرەب شۇڭقارى كۈچلۈك ئىككى قانىتى بىلەن كۇۋەيت دۆلەت گېرىبىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان، كۆك ئاسماندا ئاق بۇلۇت بولۇپ، دېڭىز دولقۇنلاپ ئاققان، قەدىمكى بىر يەلكەنلىك كېمە پارس قولتۇقى يېنىدىكى كۇۋەيتنىڭ دېڭىزدا سەپەر قىلىپ سودا قىلىشتەك ئۇزاق تارىخىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستىگە < كۇۋيت دۆلتى > دېگەن ئەرەبچە خەت يېزىلغان. شۇڭقارنىڭ كۆكسىگە دۆلەت بايرىقىنىڭ سۈرىتى بىلەن ئوخشاش قالقان ئېسىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
كۈۋەيت | UyghurWiki | UyghurWiki