UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرقىرغىزىستان

قىرغىزىستان

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچى قىرغىزىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى بىر جۇمھۇرىيەت بولۇپ، سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. شىمال، غەرب، جەنۇب تەرەپلىرى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان بىلەن، شەرقىي قىسمى دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 198 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 3 مىليون 976 مىدىن ئاشىدۇ (1985)،% 48 دىن كۆپرەكىنى قىرغىزلار، تەخمىنەن% 30 نى روسلار، قالغىنىنى ئۆزبېك، ئوكرائىن، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى فرۇنزې شەھىرى. قىرغىزىستان تاغلىق جاي بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 500 مېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ. يېرىنىڭ 1/3 قىسمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000-4000 مېتىرغىچە كېلىدۇ. تىيانشان تاغلىرىنىڭ غەربىي بۆلىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، غەربىي جەنۇبىنى پامىر ئالاي تاغلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئېگىز تاغلار يىل بويى قارمۇزلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئوتلاقلار پۈتۈن يېرىنىڭ% 50 نى ئىگىلەيدۇ. قىرغىزىستاننىڭ ئىقلىمى ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 200-800 مىللىمېتىر كېلىدۇ، ئېگىز تاغلىقلارنىڭ 1000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. سىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى نارىن دەرياسى دۆلەتنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، سۇ بايلىقى مول. قىرغىزىستاننىڭ كۆمۈر، سىماب، سۈرمە قاتارلىق كان بايلىقلىرى بىر قەدەر كۆپ. قىرغىزىستاننىڭ غەربىي قىسمى بۇرۇن قوقان خانلىقىغا تەۋە بولغان، 1876 - يىلى چارروسىيە بىلەن بىرلەشكەن، ئوتتۇرا شەرق قىسىملىرى جۇڭگونىڭ يېرى بولۇپ، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى چارروسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1926 - يىلى قىرغىزىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئىقتىسادتا چارۋىچىلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاساسەن قوي، كالا، ئات بېقىلىدۇ. قوي بىلەن قوي يۇڭى مەھسۇلاتىدا روسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك فېدېراتسىيىسى، قازاقىستاندىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دېھقانچىلىقىدا ئاساسلىق بۇغداي، كېۋەز، قىزىلچا، كۆممىقوناق، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. باغۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلغان، ھەرخىل مېۋە - چېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائىتىدە كان سانائىتى، ماشىنىسازلىق سانائىتى، چگىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. قاتناش ترانسىپورتىدا تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ. قىرغىزىستاننىڭ تولۇق نامى <قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىستان تۆمۈر يولىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۇ تەڭرى تېغىنىڭ غەربكە سوزۇلغان تارماق تىزمىلىرى باغرىدىكى تاغلىق دۆلەت. دۆلەت نامى، مىللەت نامىدىن كېلىپ چىققان. <قىرغىز> نىڭ مەنىسى <يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچى> بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسلى گەۋدىسى 6 - ئەسىردە قۇرۇلغان قىرغىز خانلىقىدۇر. دەسلەپكى مىللەت تارىخىي ھون، دىڭلىڭ،ئۇيسۇن، ۋە ساكلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كېيىنچە موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن، قىسمەن تۈرك قەبىلىلىرى ئاستا ـ ئاستا غەربكە كۆچكەن، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبقا ماڭغانلىرى پامېر تاغلىرىغا كېلىپ مىللەت (قىرغىزلار) بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ زېمىننىڭ غەربىي قىسمى ئەسلى قوقان خانلىقىنىڭ دائىرىسىدە بولۇپ، 1876 - يىلى چار روسىيە بېسىۋالغان. قىرغىزىستاندا 1917 - يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان؛ 1924 - يىلى 10 - ئايدا قارا - قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلۇپ، رۇس فېدېراتسىيىسىگە تەۋە بولغان، 1926 - يىلى 2 - ئايدا قىرغىزىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇريىتىگە ئۆزگەرتىلگەن، 1936 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان. 1990 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى جۇمھۇرىيەت <ئىگىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلىپ، ئىككىنچى يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، <قىرغىزىستان جۇمھۇرىيتى> نى قۇرغان. قىرغىزىستاننىڭ يەر مەيدانى 198.5 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون 512 مىڭ، قىرغىزلار% 52.4نى، رۇسلار% 21.5نى تەشكىل قىلىدۇ. يەنە ئۆزبىك، ئۇكرائىن، ئالمان (نېمىس)، ئۇيغۇر، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر بار. پايتەختى بىشكەك، پۇل بىرلىكى قىرغىز سۇمى. مىلادىيە 6 - ئەسىردىن 12 ـ ئەسىرگىچە، قىزغىزىستان ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ، تۈرك خاقانلىقى ۋە قاراخانىلار سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. 13 ـ ئەسىردىن باشلاپ موڭغۇللار بۇ يەرنى بويسۇندۇرغان، 15 ـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قىزغىزلارنىڭ زېمىنى يەنە قوقان خانلىقىغا تەۋە بولغان، 19 ـ ئەسىرنىڭ 60 - 70 ـ يىللىرىغىچە قىزغىزىستاننىڭ تۆت ئوبلاستى رۇسىيگە ئايرىۋېلىنغان. قىزغىزلار 1916 - يىلدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا قوزغىلىڭى ۋە < ئۆكتەبىر ئىنقىلابى> غا قاتناشقان. 1926 - يىلى قىرغىزىستاندا ئاپتۇنومىيىلىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان، 1936 ـيىلى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1991 - يىلى ئاۋغۇستتا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى رەسمىي مۇستەقىل بولغان. دۆلەت بايرىقى قىزىل بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا قۇياش نۇر چېچىپ تۇرغان، قىزىل رەڭ قۇتلۇق ۋە خۇشاللىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، قىزغىزلار ياقتۇرىدىغان رەڭدۇر؛ ئالتۇن قۇياش قىزغىزىستان رېمىنىنى مەڭگۈ يورۇتۇپ، ئاۋات ۋە باياشاتلىقنى كىشىلەر ئارىسىغا ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قۇياشنىڭ ئىچىدىكى ئالتە گىرەلەشمە قىزىل سىزىق مۇستەقىل ۋە ئەركىنلىك يولىغا تۇتىشىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئىشلىتىپ كەلگەن قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيتىنىڭ بەلگىسىدۇر.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر