UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرئالبانىيە

ئالبانىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا تاغ بۈركۈتى دۆلىتى ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىگە، ئادرىئاتىك دېڭىزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 28 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، يېرىنىڭ 3/4 قىسمىنى تاغلىق، ئېدىرلىقلار ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئادرىئاتىك دېڭىز بويلىرىدا تار سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلىرى بار. يەر شەكلى مۇرەككەپ، ھەر قايسى ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمىدا پەرق چوڭ. دېڭىز قىرغاق رايونلىرى يىللىق نەمرەك بولۇپ، يەر ئوتتۇرا دېڭىز خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. بۇ رايون قىشلىقى يىللىق يامغۇرلۇق، يازلىقى ئىسسىق، ئاز يامغۇرلۇق كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىقلارنىڭ ئىقلىمىنىڭ ماتىرىك خاراكتېرلىكى كۈچلۈك بولۇپ، يازلىقى سالقىن، قىشلىقى سوغۇق بولىدۇ، قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىك رايونلىرى ھكل - يېغىن 1000-1400 مىللىمېتر، تاغلىق رايونلاردا 2600 مىللىمېترغا يېتىدۇ. ئالبانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1000-2000 مېتر كېلىدۇ. ئالبانىيىنىڭ يەر ۋەزىيىتى شەرقتىن غەربكە قاراپ پەسىيىپ بارغانلىقتىن دىرىن، ماتى، ۋىئوسا، سكوب، سېمانى قاتارلىق دەريالىرىمۇ دكلەتنىڭ شەرقىي قىسمدىكى تاغلىقلاردىن باشلىنىپ غەربكە قاراپ ئېقىپ ئادرىئاتىك دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ قاتناشتىكى ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس، بىراق سۇ ئېنېرگىيىسىگە باي. ئالبانىيىنىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 900 مىڭدىن ئوشۇق (1984)، بۇنىڭ % 97 نى ئالبانلار، قالغىنىنى گرېكلار سىگانلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئالبان تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئالبانىيىلىكلەرنىڭ بۇرنقى ئاتا بوۋىلىرى ئىرىلىيە خەلقلىرى بولۇپ، ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ بالقان يېرىم ئارىلىدا ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2 - ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسى ئالبانىيىنى ئىگىلىگەن، كېيىن شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى (ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى) بىلەن يۇگوسلاۋىيىلىكلەرنىڭ ھۆكۈمدارلىقىدا بولغان. 15 - ئەسىردىن باشلاپ 450 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرالىقىدا بولغان. 1912 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى مۇستەققىلىككە ئېرىشكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىتالىيە ۋە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1944 يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئازادلىققا ئېرىشكەن. 1946 - يىلى 1 ـ ئاينىڭ 11 - كۈنى ئالبانىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1976 - يىلى 12 - ئايدا ئالبانىيە سوتسىيالىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1949 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى دۆلىتمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئالبانىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ياۋروپا بويىچە ئارقىدا تۇرىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن، سانائەتنىڭ تەرەققىياتى خېلى تېز بولدى. ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ% 70 نى ئىگىلەيدۇ. سانائىتىدە كانچىلىق، پولات - تۆمۈر، نېفىت، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يېمەك - ئىچمەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، تاماكا، قىىلچا، پاختا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئالبانىيىدە تەبىئىي ئوتلاقلار كۆپ، چارۋىچىلىقنى خېلى تەرەققىي قىلغان. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. قاتناش ترانسپورتىدا تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ. سىرتقى سودىسىدا نېفىت، تەبىئىي ئاسفالت، خۇرۇم، مىس، تاماكا، مېۋە - چىۋىلەرنى ئېكسپورت قىلىدۇ. سانائەت ئۈسكۈنىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ترانسپورت قوراللىرى، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. ئالبانىيىنىڭ تولۇق نامى <ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا يالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، قەبىلە نامىدىن پەيدا بولغان. ئالبانىيە مىللىتىنىڭ ئاتا - بوۋىسى ئېللېرلار بولۇپ، بالقان يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى قەبىلە نامى Album، دۆلەت نامى Alba ئىكەن. Album سۆزى لاتىنچە albus سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <ئاق رەڭ>، چۈنكى ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جايدىكى تاغلار ئاق قار بىلەن قاپلانغانلىقى ئۈچۈ شۇنداق ئاتالغان، ئىككىنچى، olba سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسىى <كەنت>، ئۆتمۈشتە ئالبانلارنىڭ ئەجدادلىرى ئادىرىئاتىك دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، كېيىنچە رىملىقلارنىڭ قوغلىشى بىلەن ھازىرقى ئالبانىيە رايونىغا چېكىنىپ كېلىپ، تاغلىق كۆپ بۇ رايوندا قويۇق ئىللېر (قەدىمكى يەر نامى، بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادىرىئاتىك دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا) مىللىتىنىڭتۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ قالغان، ئۇلار بى رتاغ جىلغىسىدىكى كەنتلەردە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇ كەنتلەر < olba> دەپ ئاتالغان. ئوتتۇرا ئەسىردە، ئۇنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونلىرى بىر مەزگىل <ئالبېرىيە> ياكى <ئالبېرنىيە> رايونى دەپ ئاتالغان، كېيىنچە بۇ يەر نامى ئۆزگىرىپ، <ئالبانىيە> دېگەن دۆلەت نامى بولغان؛ ئۈچىنچى، كىچىك ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى ئەتراپلىرىدا alb سۆزى <تاغ> دېگەنلىك بولۇپ، ئالبانىيىنىڭ مەنىسى <تاغ دۆلىتى> بولىدۇ. 15 - ئەسىردە بۇ جاي تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغان چاغدا، ئېلىنۇت ۋە shqiperia دېگەن نام پەيدا بولغان، بۇنىڭ مەنىسى <تاغ بۈركىتىنىڭ بالىسى>، <تاغ بۈركۈتى دۆلىتى>. ئالبانلار تاغ بۈركۈتى ( shqipe) نى جەسۇر - باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. لېكىن يۇقۇرىقى ئىككى خىل نامنىڭ ئالبان مىللىتى ۋە دۆلىتىنىڭ نامى بولۇشى 18 - ئەسىردىن باشلانغان، بەزىلەر مىلادىدىن بورۇن پېللو ماكىدونىيىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، دۆلەت نامى بۈركۈت بولغان دەپ قارىشىدۇ، ئالبانىيە دۆلەت ئىچىدە يۇقۇرىقى ئىككى خىل نامنىڭ خېتى ۋە ئۇنىڭ زادى <بۈركۈت> نامىدىن بولغان بولمىغانلىقى توغرىسىدا تېخىچە بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش يوق. ئالبانىيە مىلادىدىن بورۇنقى ئىككىنچى ئەسىردىن باشلاپ ئۇزۇن مۇددەت رىم ئىمپېرىيىسى ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغان، 1912 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، دۆلىتىنى <شىچىپېرىيە ( shqiperia) پادىشاھلىقى> دەپ ئاتىغان. 1946 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى <ئالبانىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى> نى قۇرغان، 1976 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى <ئالبانىيە سوتسىيالىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن. 1991 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەلق پارلامېنتى يەنە بىر قېتىم نامىنى <ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان. ئالبانىيىنىڭ يەر مەيدانى 28.7 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 3 مىليون 300 مىڭ. ئالبانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا، ئاز قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئالبان تىلىنى قوللىنىدۇ. يەنە %2 ئەتراپىدا باشقا خەلقلەر ياشايدۇ. پايتەختى تىرانا، پۇل بىرلىكى لېك. بالقان يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئالبانىيە < بۈركۈت دۆلىتى > دەپ ئاتالغان، رىۋايەتتە ئالبانلارنىڭ ئەجدادى بۈركۈتنىڭ ئەۋلادلىرى دېىىلگەن. 1443 - يىلى، مىللىي قەھرىمان ئىسكەندەر ئالبانلارنىڭ قوزغىلىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، تۈركىيە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى 25 يىل كۈرەش قىلىپ، ئاخىر غەلبە قازانغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۈركۈت مىللىي قەھرىمان ئىسكەندەرنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. 1912 - يىلى، ئالبانىيە مۇستەقىل بولۇپ، تۇنجى دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان. قىزىل بايراق ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى باشلىق بىر قارا بۈركۈتنىڭ كۆزىدىن نۇر چاقناپ تۇرغان بولۇپ، ئالبانىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت ـ ئابرۇيىنى نامايان قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىتالىيە ئەسكەر چىقىرىپ بۇ تاغلىق دۆلەتنى بېسىۋالغان بولسىمۇ، ئالبانىيە خەلقى بۇ مىللىي بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىشغالىيەتچى قوشۇن بىلەن كۈرەش قىلىپ، كۈچلۈك دۈشمەننى يەنە بىر قېتىم بۇ زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقارغان. 1946 - يىلى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت دۆلەت بايرىقىغا سېرىق قىرلىق بىر بەش بۇرجەكلىك قىزىل يۇلتۇزنى قوشۇپ، كوممۇنىزمغا سىمۋول قىلىنغان. 1991 - يىلى ئاپرېلدا، ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى قىزىل يۇلتۇزنى دۆلەت بايرىقىدىن چىقىرىۋېتىپ، ئەسلىدىكى دۆلەت بايرىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرىسىدىكى قارا بۈركۈت ئالبانىيىنىڭ < بۈركۈت دۆلىتى >ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مىللىي قەھرىمان ئىسكەندەر ۋەكىللىكىدىكى باتۇر ئالبانىيە خەلقىگە سىمۋول قىلىنغان. بۈركۈتنىڭ ئىككى بېشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرق ۋە غەرب تەرەپكە قاراپ تۇرغان بولۇپ، ئالبانىيىنىڭ دەل شەرق بىلەن غەرب، ئاسىيا بىلەن ياۋروپا قىتئەسى تۇتىشىدىغان جايغا ئورۇنلاشقانلىقىنى، جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن. قىپقىزىل بايراق مىڭ يىللاردىن بۇيان ئالبانلارنىڭ باتۇرانە كۈرەش داۋامىدا تەقدىم قىلغان ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بولۇپ، ئالبانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ۋە شەرەپلىك تارىخىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىدىكى ئاساسلىق سۈرەت دۆلەت زېمنىنى قوغداپ تۇرغان ئىككى باشلىق بىر قارا بۈركۈتتۇر، ئۇ مول ھوسۇلنىڭ سىمۋولى قىلىنغان ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي باشاقلىرى بىلەن تۈزۈلگەن گۈلچەمبىرەك ئارىسىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئالبانىيىنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك دۆلىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر