UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەربرازىلىيە

برازىلىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا قىزىل سەندەل دۆلىتى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 8 مىليون 511 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت. دۇنيادىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى، كانادا، جۇڭگو، ئا ق ش لاردىن قالسا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. برازىلىيىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېكۋاتور بىلەن جەنۇبىي تروپىك سىزىقى دائىرىسىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ھاۋا تېمپراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى مول بولىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىدىكى ئامازون دەريا بويلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تروپىك ئورمان رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 400-900 مېترغىچە كېلىدۇ. بۇ جايلار تروپىك ئوتلاقلىرى بىلەن قاپلانغان. برازىلىيە ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدا كەڭلىكى 50-100 كىلومېتر كېلىدىغان دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى ئورۇن ئالغان. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنبۇ تەرىپى پەسلەپ پاراگۋاي ئويمانلىقلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. برازىلىيە دائىرىسىدە ئامازون، سان فرانسىسكو، پارانا قاتارلىق ئۈچ چوڭ دەريا بار بولۇپ، سۇ كۈچى ئېنېرگىيىسى ناھايىتى مول، كان بايلىقلىرىنىڭ تۈرى، زاپىسى ناھايىتى مول بولۇپ، دۇنيادا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. برازىلىيىنىڭ % 60 يېرى ئورمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇ دۇنيادا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالسا ئورمان كۆلىمى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ جايدىن قىممەت باھالىق ئېسىل ياغاچ ماتېرىياللىرى چىقىدۇ. برازىلىيە ئاھالىسى 131 مىليوندىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ % 55 نى ئاق تەنلىكلەر،% 6 نى نېگىرلار، % 38 نى ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، ھىندىلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، % 0.2 نى ئىندىئانلار تەشكىل قىلىدۇ، خەنزۇلار (1982 - يىللىق مەلۇمات بويىچە) 60 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ% 70 دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئولتۇراقلاشقان. % 63 ئاھالە شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئاھالىنىڭ% 88.7 نى تەشكىل قىلىدۇ. پورتۇگال تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. برازىلىيە 16 - ئەسىردىن باشلاپ تاكى 1822 - يىلغىچە پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1822 - يىلى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. 1974 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. برازىلىيە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى ئىچىدە ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان دۆلەت. ئۇنى غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئومۇمىي ئىقتىسادىي كۈچى ئا ق ش، ياپونىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، كانادالاردىن قالسا سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. برازىلىيىدە سانائەت، يېزائىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان كان بايلىقى، تېرىلغۇ يېرى، ئورمان، سۇ ۋە باشقا شارائىتلار تولۇق. ئۇجايدا تېرىشقا بولىدىغان 290 مىليون گېكتار يەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر تېرىلىۋاتقىنى ئاران 50 مىليون گېكتارغا يېتىدۇ. برازىلىيە يېزا ئىگىلىكىدە ئىقتىسادىي زىرائەتلەر بىلەن ئاشلىق زىرائەتلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ دۇنيادا شېكەر، كوفې ئىشلەپچىقىرىشتا بىرىنچى ئورۇندا، كاكائو ئىشلەپچىقىرىشتا ئىككىنچى ئورۇندا، دادۇر ئىشلەپچىقىرىشتا كاپىتالىزىم دۇنياسى بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. يۇقىرىقى زىرائەتلەردىن باشقا كېۋەز، كۆممىقوناق، شال، بۇغداي، ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەرمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. برازىلىيىنىڭ چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان، ئۇ كالا، چوشقا، ئات بېقىشتا لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. برازىلىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا ئا ق ش دىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. برازىلىيە لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە سانائەت تەرەققىيات سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت، ئۇ پولات - تۆمۈر، نېفىت ئايرىش، كېمىسازلىق، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، توقۇمىچىلىق، شېكەر، كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشتا لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. برازىلىيە دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەتكە ئايروپىلان، تانكا، برونېۋىك ۋە باشقا ھەربىي قورال - ياراقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ، ئۇ ھازىر قورال - ياراق ئېكسپورت قىلىش جەھەتتە دۇنيادا ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. برازىلىيىنىڭ قاتناش ترانسپورتىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، پۈتۈن دۆلەتتە 30 مىڭ كىلومېتردىن ئوشۇق تۆمۈريول، بىر مىليون 500 مىڭ كىلومېتر تاشيول، 36 مىڭ كىلومېتردىن ئوشۇق ئىچكى دەريا قاتناش لىنىيىسى بار. برازىلىيىنىڭ تولۇق نامى <برازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. نامى شۇ جايدىن چىقىدىغان بىر خىل <برازىل> دەپ ئاتىلىدىغان قىزىل سەندەل دەرىخىنىڭ ئىسمىدىن پەيدا بولغان. برازىلىيە ئەسلى ئىندىئانلار ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، 1500 - يىلى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى پورتۇگالىيىلىك پېررو ئاۋالى كابلېر دېڭىز سەپىرىدە جەنۇبىي ئامېرىكىغا كېلىپ، بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى بايقىغان ۋە پورتۇگالىيە خان جەمەتىنىڭ گېربى ئۇيۇلغان بىر كرىستنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇ يەرگە <مۇقەددەس كرىست يېرى> دەپ نام قويغان، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە يەنە ئۇنى پورتۇگالىيىنىڭ تەۋەلىكى دەپ ئېلان قىلغان، كېيىن ئۇلار بۇ جاينىڭ ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ بىر قىسمى، يەنى بۈگۈنكى برازىلىيە قىرغاقلىرى ئىكەنلىكىنى ئاندىن بايقىغان. ئەينى چاغدا پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىرى ئالتۇن ئىزدەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن بىر خىل ئەتىۋارلىق ياغاچ ماتىرىيالنى بايقاپ قالغان. چۈنكى بۇ خىل ماتىرىيالدىن بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان بوياق ماتىرىيالى ئاجرىتىپ ئالغىلى بولغاچقا، ئۇنىڭ نامى پۈتكۈل ياۋرۇپادا مەشھۇر بولغان. بۇ خىل نامسىز دەرەخ شەرقنىڭ قىزىل سەندەل دەرىخىگە ئوخشىغاچقا، ئۇنىڭغا <برازىل> دەپ نام قويۇلغان. پورتۇگال تىلىدا <برازىل> نىڭ مەنىسى <قىزىل سەندەل دەرىخى> بولۇپ، <ئوتتەك ئىسسىق> سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. چۈنكى پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىرى بۇ قۇرۇقلۇقنى تالان - تاراج قىلىشنى برازىل دەرىخىنى كېسىشتىن باشلىغان بولغاچقا، برازىل سۆزى <مۇقەددەس كرىست يېرى> نامىنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي بېسىپ، ھازىرقى دۆلەت نامىغا ئۆزگەرگەن، بىرازىلىيە 16 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1822 - يىلى پورتۇگالىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، <برازىلىيە ئىمپېرىيىسى> نى قۇرغان؛ 1889 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىمپېرىيە تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان؛ 1891 - يىلى <برازىلىيە قوشما شىتاتلىرى> قۇرۇلۇپ، 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يەنە بىر قېتىم <برازىلىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى> دەپ ئېلان قىلىنغان. برازىلىيىنىڭ يەر مەيدانى 8.511965 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 158 مىليون، ئاق تەنلىكلەر % 62نى، شالغۇت نەسىللىكلەر% 30نى، ساپ نېگىرلار % 6نى ئىگىلەيدۇ. % 90 ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، پورتۇگال تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى برازىلىيە، پۇل بىرلىكى برازىلىيە كرۇزېيروسى. برازىلىيە جەنۇبىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت. پورتۇگالىيە كېمىچىلىرى ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىش سەپىرىدە ئەڭ بۇرۇن مۇشۇ جايدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، پادىشاھ جەمەتىنىڭ مۆھۈر بەلگىسى ئويۇلغان كرېسىتنى بۇ يەرگە تىكلەپ، بۇ يەرنى پورتۇگالىيىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، 1889 - يىلىغىچە مۇستەملىكلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئېلىپ بارغان. 1889 - يىلىدا برازىلىيە مۇستەقىل بولۇپ، بىرلەشمە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. برازىلىيە دۆلەت بايرىقى تېگى يېشىل بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا بىر سېرىق رومبا، رومبىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر كۆك گلوبۇس سىزىلغان، ئۈستىگە پورتۇگالىيىچە < تەرتىپ ۋە تەرەققىيات> دېگەن خەت يېزىلغان بىر ئاق لېنتا گلوبۇسنى ئىككىگە ئايرىغان يېشىل رەڭ بىلەن سېرىق رەڭنىڭ ھەممىسى برازىلىيىنى بىلدۈردىغان رەڭ بولۇپ، يېشىل رەڭ برازىلىيە زېمىنىنى قاپلاپ تۇرغان قويۇق ئورمانلارنى، سېرىق رەڭ مول قېزلما بايلىقنى بىلدۈرگەن. گلوبۇسنىڭ ئاستى يېرىمى جەنۇبىي يېرىم شارىدىكى ئاسماننى بىلدۈردىغان، ئارىلىقنى بىزەپ تۇرغان 23 چوڭ كىچىك ئاق يۇلتۇز برازىلىيە بىرلەشمىسىدىكى 23 شىتات بىلەن رايوننى بىلدۈرگەن. برازىلىيە دۆلەت گېربىگە ئويۇلغان < 1889 يىلى 15 - نويابىر > دېگەن خەت، برازىلىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈننى بىلدۈرىدۇ. دۆلەت گېربىدىكى قىزىل قىرلىق بەش بۇرجەكلىك چوڭ يۇلتۇز مۇستەقىل ۋە بىرلىكىنىڭ بەلگىسى بولغان. ئالتۇن يۇلتۇزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆك دۈگىلەكىنىڭ ئىچىدە بەش ئاق يۇلتۇز مولۇپ، ئۇ جەنۇبىي يېرىم شارىنىڭ ئاسمىنىدا چاقنىغان جەنۇبىي كرېسىت يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى كۆرسەتكەن ھەمدە ئايلىنىپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق ئاسماندا برازىلىيىنىڭ 23 شىتاتىنى بىلدۈرىدىغان 23 كىچىك بەشيۇلتۇزنىڭ ئايلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چوڭ ئالتۇن يۇلتۇزنىڭ دەل ئاستىدىكى قىلىچ ئىززەت - ئابرۇي ۋە باتۇرلۇقىنى بىلدۈرگەن. كافى دەرىخى بىلەن تاماكا كۆكى برازىلىيىنىڭ ئاساسلىق زىراەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. دۆلەت گېربى ئالتۇن نۇرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، برزىلىيە خەلقىنىڭ كېلەچەككە بولغان ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى چاقناتقان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر