UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرشىۋېتسىيە

شىۋېتسىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا شۋېتلارنىڭ پادىشاھلىقى شىمالىي ياۋروپادىكى سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇ ئارالنىڭ% 60 نى ئىگىلەيدۇ. شۋېتسىيەشىمالىي ياۋروپادىكى نورۋېگىيە، فىنلاندىيە، دانىيە، ئىسلاندىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت ئىچىدە يەر مەيدانى، ئاھالىسى، خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىم قىلىنىشى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىسى 8 مىليون 342 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). ئاھالىنىڭ %90 نى شۋېتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن قالسا فىلان، راپو (15 مىڭ) قاتارلىق مىللەتلەر ۋە 800 مىڭدىن ئوشۇق چەت ئەل كۆچمەنلىرى بار. ئاھالىنىڭ % 95خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى شۋېت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى ستوكگولم شەھىرى. شۋېتسىيە سىكاندىناۋىيە تاغلىرىنىڭ شەرقىي يانباغرىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي قىسمىدا نۇرلاند ئېگىزلىكى، بالتىق دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. شۋېتسىيىدە مۇزلۇقلارنىڭ ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن كۆللەر 92 مىڭ بولۇپ، كۆللەر بىلەن كىچىك دەريالار تۇتىشىپ كەتكەن. شۋېتسىيىنىڭ %15 يېرى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى دائىرىسىدە بولسىمۇ، لېكىن كۈچلۈك شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان يىللىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن ئىقلىمى بەك سوغۇق ئەمەس، يامغۇرى مول. بىرىنچى ئايدا شىمالىي قىسىملىرىدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃16 -، جەنۇبىدا ℃1، 7 - ئايدا شىمالىدا ℃12، جەنۇبىدا ℃16 بولىدۇ. ئىقلىمى ئوخشاش كەڭلىكتىكى باشقا ئورۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا ℃10 تىن ℃13 قىچە يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 450-1000 مىللىمېتىرغىچە، تاغلىق رايونلاردا 1500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. قىش پەسلىدە قېلىن قار ياغىدۇ. ئورمان پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ %57 نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا شۋېتسىيە <ئورمان پادىشاھى> دەپ نام ئالغان. شۋېتسىيە ياۋروپادىكى قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى، مىلادىيە 1000 - يىللاردا ئۇ جايدا دۆلەت بارلىققا كەلگەن. 12 - ئەسىردە فىنلاندىيىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان. 1397 - يىلى دانىيىنىڭ كونتروللۇقىدىكى خفمار ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان. 1523 - يىلى قايتا مۇستەقىل بولغان. ئىككىلا قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. شۋېتسىيە ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت. سانائىتىدە پولات - تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، قاتناش ئۈسكۈنىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئېغىر سانائەتنىڭ قىممىتى پۈتۈن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. پولات سانائىتىدە ئەلا سۈپەتلىك پولات بىلەن ئالاھىدە سۈپەتلىك پولات ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ماشىنىسازلىقىدا بۇرغىلاش ماشىنىسى، پار ماشىنىلىرى، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ستانوك ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ئاپتوموبىل، ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. كېمىسازلىق سانائىتىدە دۇنيادا ياپونىيە، جەنۇبىي چاۋشيەندىن قالسا 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىكى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا بولۇپ، ئاساسەن سۈتلۈك كالا بېقىلىدۇ، چارۋىچىلىق كىرىمى پۈتۈن يېزا ئىگىلىك كىرىمىنىڭ % 80 نى ئىگىلەيدۇ. چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ، سىرتقا سېرىق ماي، ئىرىمچىك ۋە باشقا ھەرخىل سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، قىزىلچا، قارا بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. سىرتتىن شېكەر، مېۋە، سەي قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. شۋېتسىيىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. قۇرۇقلۇقتا زىچ تۆمۈريول، تاشيول تورى شەكىللەنگەن. شۋېتسىيىنىڭ تولۇق نامى <شۋېتسىيە پادىشاھلىقى> بولۇپ، شىمالىي ياۋرۇپا سكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى شۋېت تىلىدىكى Svearike تىن پەيدا بولغان بولۇپ، <شۋېتلارنىڭ پادىشاھلىقى> دېگەن مەنىدە بولىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردە گىرمانلارنىڭ تارمىقى بولغان شۋېتلار گوتلار بىلەن بىللە ھازىرقى شۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مېللىران كۆلى رايونىدا <شۋېت دۆلىتى> قۇرغان. <شۋېت> سۆزى قەدىمكى كائوت تىلدىن پەيدا بولغان بولۇپ، <ئۇرۇق - تۇغقان> دېگەن مەنىدە <شۋېت> سۆزى قەدىمكى ئىنگلىزچىدە <شۋين>، ئوتتۇرا ئەسىردە نېمىسچە <شۋېد> دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئىنگلىزچە يەر نامى <شۋېتسىيە> بولسا مۇشۇ ئىككى خىل ئاتالمىنىڭ قوشۇلۇپ ئۆزگىرىشىدىن بولغان. شۋېتسىيە مىلادى 1000 - يىللىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە دۆلەت قۇرغان. 13 - ئەسىردىن ئىلگىرى، دۆلەت ئىچىدە بەگلىكلەر تەرەپ - تەرەپتە قۇرۇلۇپ، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ھاكىم بولىۋالغان. 1379 - يىلىدىن باشلاپ دانىيە كونتروللۇقىدىكى كارمېل ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1532 - يىلى قايتا مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. شۋېتسىيە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپلىك جاكارلىغان. 1905 - يىلى رەسمىي <شۋېتسىيە پادىشاھلىقى> نى قۇرغان. يەر مەيدانى 449 مىڭ 964 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 8 مىليون 800 مىڭ. كۆپچىلىكى شۋېدلار. پايتەختى ستوكھولۇم. پۇل بىرلىكى كرونا. شۋېتسىيە دانىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوشنا دۆلەتلەر بىلەن قويۇق قانداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىمۇ ئۆز ئار سىڭىشىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ دۆلەت بايرىقىمۇ بەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پادىشاھ ئايرىك فىلاندىيىگە يۈرۈش قىىشتىن بۇرۇن ئۇزاق ۋاقىت ئىخلاسمەنلىك بىلەن دۇئا قىلغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئالتۇن كرېسىتكە ئوخشاش نۇرنىڭ كۆك ئاسماننى كېسىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەنىكەن. شۇ سەۋەبلىك شۋېتسىيە 1562 - يىلى ئۇنى بىرلىككە كەلگەن دكلەتنىڭ سىمۋولى قىلىشنى قارار قىلغان. 1906 - يىلى شۋېتسىيە نورۋىگىيە بىلەن ئايرىلغاندىن كېيىن شۋېتىسىيە بۇ بايراقنى قانۇن ئارقىلىق پادىشاھلىقنىڭ رەسمىي دۆلەت بايرىقى قىلىپ بەلگىلىگەن. شۋېتسىيە دۆلەت بايرىقى شۋېتسىيە خەلقىنىڭ بۇ قەدىمكى، شەرەپلىك، گۈزەل تاغلىق زېمىنىغا ۋە قۇياش نۇرى ھەم ئاسمانغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
شىۋېتسىيە | UyghurWiki | UyghurWiki