UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرمېكسىكا

مېكسىكا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا جەڭ ئىلاھى بەلگىلەپ بەرگەن جاي لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئا ق ش نىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى مېكسىكا قولتۇق سۈيى بىلەن، غەربىي تەرىپى تىنچ ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى بىر مىليون 972 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئوشۇق بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە برازېلىيە، ئارگېنتىنادىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مېكسىكا يېرىنىڭ 6/5 قىسمىنى تاغلىق، ئېگىز تەكشىلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1800 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئېگىز تەكشىلىكنىڭ شەرق، جەنۇب، غەرب تەرەپلىرىمى مادىرا تاغلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. ئېگىز تەكشىلىكنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ۋولقان، يەر تەۋرەش ھەرىكەتلىرى كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئېگىز تەكشىلىكلنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا تار تۈزلەڭلىكلەر بار. مېكسىكىنىڭ شىمال، غەربىي شىمال قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىنى 250-750 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئېگىز تەكشىلىكنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى 750-1000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ ئورۇنلرنىڭ ئىقلىمى يىللىق بولۇپ، ۋېرتىكال ھالەتتە پەرقلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبى بىلەن غەربىي جەنۇبى دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى مول بولۇپ، 1500-2500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى تروپىك ئورمانلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. مېكسىكىنىڭ كان بايلىقلىرى ناھايىتى مول. ئۇنىڭ نېفىت، كۈمۈش، قوغۇشۇن، سىنك، مىس، ئالتۇن، مارگانتېس، سىماب، تۆمۈر ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرىنىڭ زاپىسى مول بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەھەتتە دۇنيادا خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇلاردىن قالسا ئوران، گۈڭگۈرت، كۆمۈر ۋە باشقا خىل كان بايلىقلىرىمۇ بار. مېكسىكىنىڭ كۈمۈش زاپىسى 22 مىڭ 800 توننا، قوغۇشۇن زاپىسى 3 مىليون 200 مىڭ توننىغا يېتىدۇ (1984). مېكسىكا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، بۇ جايلاردا ئولتۇراقلاشقان ئىندىئان خەلقلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000 - يىللاردىن بۇرۇنلا تاشق وراللارنى ياسىغان. مىلادىيە 1 -، 2 - ئەسىرلەردە مايا مەدەنىيىتى خېلى تەرەققىي قمىلغان. مېكسىكىنىڭ ئاھالىسى 76 مىليون 791 مىڭدىن ئارتۇق (1984) بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسىدا برازېلىيىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ% 90 دىن كۆپرەكىنى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر ئىگىلەيدۇ.% 7.8 نى ھىندىئانلار، %0.5 نى ياۋروپالىق ئاق تەنلىكلەر ئىگىلەيدۇ. مېكسىكا ئىسپانىيىنىڭ بىرنەچچە يۈز يىللىق مۇستەملىكىسى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، تىل، دىن، ئۆرپ - ئادەتلىرىدە مېكسىكىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. شۇڭا ھازىر مېكسىكا دۇنيا بويىچە ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئەڭ كۆپ بىر دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئىسپان تىلىمۇ مېكسىكىنىڭ دۆلەت تىلىغا ئايلانغان، ئاھالىنىڭ 95% ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مېكسىكا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى خېلى يۇقىرى دۆلەت. ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يېزا ئىگىلىكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. سانائىتىدە نېفىت سانائىتى، نېفىت ئايرىش سانائىتى، نېفىت - خىمىيە، كان مەھسۇلاتلىرىنى قېزىش سانائىتى، پولات - تۆمۈر، ئاپتوموبىل، ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ خىل سانائەت تارماقلىرىنىڭ مەھسۇلاتى، تېخنىكىسى خېلى يۇقىرى بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. مېكسىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى تولۇق، بۇ جايدا ئاشلىق زىرائەتلىرى، ئىقتىسادىي زىرائەتلەر، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈشكە، چارۋا بېقىشقا شارائىتى تولۇق. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن ئەڭ ئاساسلىق كۆممىقوناق ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بۇغداي، شال ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىقتىسادتا كېۋەز ئۆستۈرۈش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. تالالىق ئاگاۋى، تاماكا، بانان قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. پۈتۈن دۆلەت بويىچە چارۋا بېقىلىدىغان مەيدان 97 مىليون گېكتارغا يېتىدۇ. چارۋىچىلىقىدا گۆشلۈك چارۋا ئاساس قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كالا، ئۆچكە، ئات، چوشقا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مېكسىكا چەت دۆلەتلەرگە نېفىت، كان مەھسۇلاتلىرى، پاختا، شېكەر، كوفى، كاكائو، سەي، مېۋە - چېۋە، چارۋا ئېكسپورت قىلىدۇ. ماشىنا، ئۈسكۈنە، سانائەت خام ئەشياسىنى ئىمپورت قىلىدۇ. مېكسىكىنىڭ تولۇق نامى <مېكسىكا قوشما شىتاتلىرى> بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. بىرىنچى، دۆلەت نامى ئىندىئان تىلىدىكى <Mexitle> سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇ يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىر قەبىلىسى - ئازتېك مىللىتى جەڭ ئىلاھىنىڭ ئىسمى. رىۋايەتتە <مېكسىتىل> قۇياش ئىلاھى خوجىرو بوچتىرىنىڭ باشقا نامى بولۇپ، ئازتېكلار قۇياش ئىلاھىنىڭ ئىرادىسى بويىچە، شىمالدىن جەنۇبقا يۆتكىلىپ، 1325 - يىلى مېكسىكا جىلغىسىدىكى تېسكىكىغا كېلىدۇ. قىزىل، كۆك دەريالىرى قوشۇلغان جايدا بىر پارچە گىگانت تاش قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئۈتىدە بىر تۈپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەزمۇت كاكتوس ئۆسكەن ئىكەن، بىر بۈركۈت كاكتوسنىڭ ئۇچىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئاغزىدا بىر تال ئۇزۇن يىلاننى چىشلەپ تۇرغان بولۇپ، بۇ جاي دەل قۇياش ئىلاھى بېشارەت قىلغان يەر ئىكەن. ئاز تېكلار خوشاللىقىدا قىن - قىنىغا پاتماي، قولۋاقنى بەس - بەستە كىچىك ئارالغا ھەيدەپ كېلىپ ئارالغا ئۆي سېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پايتەختىنى قۇرۇپتۇ ۋە بۇ شەھەرگە <تىنوچلىتلاند شەھرى> دەپ ئىسىم قويۇپتۇ، ئۇنىڭ ئىندىئان تىلىدىكى مەنىسى <تاش ئۈستىدىكى كاكتوس>. ئازتېكلار قەبىلىسىنىڭ گۈللەپ - ياشنىشىنى قۇياش ئىلاھى خوجىروبوچتىر ئاتا قىلغان دەپ قاراپ، ئۇنىڭ پاناھىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ باشقا نامى <مېكسىتىل> نى دۆلەت نامى قىلىپ، <تىل> سۆزىنى ئېلىۋېتىپ، <يەر، جاي> دېگەن مەنىدىكى <كا> سۆزىنى قوشۇپ، <مىكسىكا>، يەنى <جەڭ ئىلاھى (باش ئىلاھ) كۆرسىتىپ بەرگەن جاي> دەپ ئاتاپتۇ؛ ئىككىنچى، نامى ھازىرقى پايتەختنىڭ ئورنىدا ئەسلى بار بولغان بىر كۆلنىڭ نامىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئازتېكلار بۇ كۆلنى Metzlianan دەپ ئاتىغان. بۇ نام - Metztli(مەنىسىى <ئاي>) ۋە atl (مەنىسى <كۆل>) سۆزلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان (بۇ كۆل ئايغا ھەدىيە قىلىنغان ئىكەن). 1325 - يىلى ئازتېكلار كۆلدىكى ئارالدا بىر شەھەر قۇرۇپ، نامىنى Co - Xih - Metz (مېكسىكا) دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى <ئاي كۆلىنىڭ مەركىزىدىكى> (<مەركەز> نىڭ خەت يۈزىدىكى مەنىسى <قوساق>) دېگەنلىك بولىدۇ، بۇ نام كېيىن دۆلەت نامى قىلىنغان. مېكسىكا بىر قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ، مايا مەدەنىيىتى ۋە ئازتېك مەدەنىيىتى بىر مەزگىل گۈللەپ ياشنىغان. 1521 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1821 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 1822 - يىلى مېكسىكا ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. 1824 - يىلى نامىنى <مېكسىكا قوشما شىتاتلىرى> قىلىپ رەسمىي بېكىتكەن. مېكسىكىنىڭ يەر مەيدانى 1 مىليون 972 مىڭ 547 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 93 مىليون. بۇنىڭ % 88 ى ياۋرۇپا - ئىندىئان شالغۇت قان تىپىدىكىلەر، % 11ى ئىندىئانلار، % 1ى باشقا چەتئەل كۆچمەنلىرى بولۇپ، ھەممىسىلا ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئاھالىنىڭ % 88 ى كاتولىك دىنىغا، 10%ى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى مېكسىكا شەھرى، پۇل بىرلىكى مېكسىكا پېسوسى. <كاككۇس دۆلىتى > - مېكسىكا مايا مەدەنيىتى بىر ھەل چاقنىغان ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى مەدەنىي دۆلەت. 1521 - يىلى مېكسىكا ئىسپانىيىنڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مېكسىكا خەلقى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن ئۈچ ئەسر كۈرەش قىلىپ، 1821 - يىلى مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مۇستەقىل ھەرىكىتىدە خەلقنى يېتەكلەپ ماڭغان يېشل، ئاق ۋە قىزىل رەڭلىك بايرقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان؛ 1823 - يىلى يېشىل، ئاق ۋە قىزىل رەڭنڭ تەرتىپىنى مۇقىملاشتۇرغان. يېشىل رەڭ مۇستەقىللىقنىڭ، ئاق رەڭ دىننىڭ سىمۋولى بولغان. قىزىل رەڭ مىكسىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بىرلىكىگە ئوقۇلغان مەدھىيىسىدۇر. 1968 - يىلى مېكسىكا شەھىرىدە ئولېمىپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزلۈش ئالدىدا، دۆلەت بايرىقىغا يەنە دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى قوشۇلغان. مېكسىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ دۆلەت گېربىدە مېكسىكىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى قەدىمكى رىۋايەتلەر خاتىرىلەنگەن. يىراق قەدىمكى زامانلاردا مېكسىكىلىقلارنىڭ ئاتا - بوۋىسى ئازتېكىلار سەرسان بولۇپ ھەر يەردە سەرگەردانلىق قىلىپ يۈرگەندە، قۇياش ئىلاھى ئۇلارنى قۇ تقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا بىر چۈشنى ھاۋالە قىلىپ، يىلاننى تۇتۇپ كەلگەن بۈركۈتنىڭ كاككۇشقا قونغانلىقىنى كۆرسەڭلار، شۇ جاينى تېپىپ ماكانلىشىڭلار دېگەنىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئازتېكىنلار ھەر تەرەپ چېپىپ، بۇ يەرنى ئىزدىگەن، بىر كۆلنىڭ قىرغىقىدا ئۇلارغا مۇنداق بىر مەنزىرە كۆرۈنگەن: كۆپكۆك كۆلنىڭ ئارىسىدا غەلتە تاشلار غادىيىپ تۇرۇپتۇ، بىر يېشىل كاككۇس تىرىكتەكلا كۆرۈنۈپتۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغان بىر بۈركۈتنىڭ تۇمشۇقىدا بىر يىلان تولغىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇ دەل چۈشتىكى كۆرسەتمىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئازتېكلار ئىلاھىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە مۇشۇ كۆلنىڭ بويىدا ئولتۇراقلىشىپ، قەلئە ياساپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مۇشۇ يەردە ياشاپ، كۆپىيىپ، ھازىرقى مېكسىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىكەن. 1822 - يىلى، مېكسىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن دۆلەت گېربىنى تۈزۈپ چىققان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر