UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرمالايسىيا

مالايسىيا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا تاغ دۆلىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان دۆلەت، ئۇ مالايا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى بىلەن كالىمانتان ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ساراۋاڭ، سابالاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تەشكىللەنگەن، يەر مەيدانى 329 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. مالايشىيا شىمالىي كەڭلىك ° 1بىلەن ° 7 ئارىلىقىدىكى تروپىك بەلبېغىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى مول بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000-3000 مىللىمېتىر، ئايرىم جايلىرىدا 4000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. شۇڭا ھەممە جايلىرىنى يىل بويى ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى% 60 دىن ئاشىدۇ. مالايشىيانىڭ ئاھالىسى 15 مىليون 839 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىنىڭ 47% نى مالاي خەلقلىرى،% 34 نى جۇڭگو قان سىستېمىسىدىكى مالايلىقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى،% 9 نى ھىندىلار، پاكىستانلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، مالاي تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. مالايشىيا قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنلا دۆلىتىمىز بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىپ كەلگەن. 16 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيىلىكەرنىڭ تاجفۋۇزىغا ئۇچرىغان. 18 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن قايتىدىن ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1957 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، مالايا فېدېراتسىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان. 1963 - يىلى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مالايا، ساراۋاڭ، سابا، سىنگاپورلار بىرلىشىپ، مالايشىيا ئىتتىپاقى بولۇپ قۇرۇلغان (1965 - يىلى سىنگاپور چېكىنىپ كەتكەن).، مالايشىيا ھازىرمۇ ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. مالايشىيا ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېزا ئىگىلىك بىلەن كانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. كاۋچۇك، پالما يېغى، قەلەي مەھسۇلاتى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادا 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەتتە قەلەي، نېفىت، تەبىئىي گازنى ئاساس قىلىدۇ. كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەلەي ئېرىتىش، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، ئېلېكترون، ماشىنىسازلىق، پولات - تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ياساش، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق قاتارلىق سانائەتلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مالايشىيانىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى شارائىتى ياخشى، تېرىشقا بولىدىغان يېرى %30 گە يېتىدۇ (ھازىر پايدىلىنىۋاتقىنى% 12.7). يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 21 نى (1984) تەشكىل قىلىدۇ. ئاساسلىق كاۋچۇك، ياغلىق پالما، كاكائو، كاۋاۋىچىن، پالما، شال قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. گۈرۈچ بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەش نىسبىتى %75 گە (1984) يېتىدۇ. ياغاچ مەھسۇلاتىغا باي. بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان، چارۋىچىلىقىدا ئۆي قۇشلىرى، چوشقا، كالا، قوي بېقىلىدۇ. مالايسىيا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان بولۇپ، مالاي، سابا ۋە سالورادىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، قەدىمىي ھىندىستاندا ئىشلىتىلگەن دارلوپتا تىلىدىكى مالاي تىلىنى سۆز مەنبەسى قىلغان دۆلەت نامى بولۇپ، بۇ يېرىم ئارال <مالاي> (تاغ) دىن تەشكىل تاپقان، كېيىن <مالاي يېرىم ئارىلى> دېگەن بۇ نام ئىشلىتىپ قېلىنغان. ھازىرقى دۆلەت نامى مالايسىيا مالاي يېرىم ئارىلىدىكى يەر نامى ۋە يەر نامى كەينىگە كەينى قوشۇلغۇچى ia (... دۆلىتى) نى قوشۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان بولۇپ، <مالاي يېرىم ئارىلى دۆلىتى>، <تاغ دۆلىتى> دېگەنلىك بولىدۇ؛ ئىككىنچى، مالاي رايونى ۋە كالىمانتان رايونىدا ئولتۇراقلاشقان مالاي ئاھالىسى سەۋەپلىك شۇ نام بىرىلگەن بولۇپ، <مالايلىقلارنىڭ دۆلىتى> دېگەن مەنىدە؛ ئۈچىنچى، گرېك تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، <قارا تۇپراق> مەنىسىدە، يەنە بەزىلەر ئۇنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى مولاي تىلىدىكى <كىچىك دېڭىز قولتۇقى> نىڭ خاتا تارقىلىشى بولۇپ، ئەسلى مەنىسى <قاقاس ۋە خەتەرلىك كىچىك دېڭىز قولتۇقى> بولىدۇ، <سابا> بولسا يەرلىك تىلدا شامالسىز جاي دىگەنلىك بولىدۇ، چۈنكى، بۇ يەرنىڭ كەڭلىكى تۆۋەن، تىنچ ئوكيان ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ شامىلى ئاسانلىقچە كېلەلمىگەچكە، ئۆتكەن ـ كەچكەن كېمىلەر بۇ يەرگە دائىم پاناھلانغىلى كېلىدىكەن. شۇڭا سابا دەپ اتالغان. مالايسىيا مالاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئورتاق ئاتالغۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ياۋروپا مۇستەملىكچىلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، لېكىن ئۇنىڭ بىر سىياسىي ئاتالغۇ بولۇشى 1960 - يىلى ئەتراپىدىكى ئىش مالايسىيا مىلادىنىڭ دەسلىپىدە شىدا، لاشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنى قۇرغان بولۇپ، 15 - ئەسىردە ماسىكار شاھلىقى باش كۆتۈرۈپ چىققان. كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر پورتۇگالىيە، گولۆندىيە، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان 1948 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مالايدا قوشما شىتات قورۇلغان. 1957 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ 1963 - يىلى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مالاي، سابا، سالورالار مالايسىيا فېدىراتسىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان ( 1965 - يىلى سىنگاپور چېكىنىپ چىققان). مالايسىيانىڭ يەر كۆلىمى 329.589 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 20 مىليون. بۇنىڭ ئىچىدە % 60 مالايلار، قالغىنى خەنزۇلاردىن ئىبارەت. ھىندى ۋە پاكىستانلىقلار%10نى ئىگىلەيدۇ. مالاي تىلى دۆلەت تىلى، ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. پايتەختى كۇئالا لومپۇر. ئىسلام دىنى مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. پۇل بىرلىكى رىڭگىت. توغرىسىغا تارتىلغان 14 قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك بەلدەم، ھىلال ئاي ۋە 14 بۇرجەكلىك يۇلتۇز مالايسىيا ئىتتىپاقىنىڭ 14 شىتاتىغا ۋەكىللىك قىلىنغان؛ 1965 - يىلى سىنگاپور فېدېراتىپىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، مالايسىيا دۆلەت بايرىقى ئۆزكەرمىگەن، لېكىن يېڭى مەزمۇن بېرىلگەن: 14 توغرا بەلدەم بىلەن 14 بۇرجەكلىك يۇلتۇز فېدېراتىپ ھۆكۈمىتى ۋە 13 شىتاتقا ۋەكىللىك قىلىنغان. قىزىل ۋە ئاق ئككى خىل رەڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرنىڭ ئەنئەنىۋى رېڭى؛ سول تەرەپتىكى كۆك ئۇزۇن چاس مالايسىيانىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقىنىڭ سىمۋولى بۇلۇپ، ھەم ئۆزنىڭ ئەنگىلىيە فېدېراتىپى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلدۈگەن: ئاي ۋە يۇلتۇز مالايسىيانىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقىنى، سېرىق رەڭ مالايسىياغا ئىتتىپاقىداش توققۇز دۆلەتنىڭ سۇلتانىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېرىبىدىكى سۈرەتلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۆلەت باشلىقلىرى ۋە فېدېراتىپىنىڭ 13 شىتاتىنى بىلدۈرگەن. قالقان ئۈستىدە غىلاپقا سېلىنغان بەش خەنجەر قاتار تىزىلغان بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا جوھور، كېدا، پېرلىس، كېلانتان ۋە تېرېڭگانو شىتاتلىرىنى بىلدۈرگەن؛ سول تەرەپتىكى كۆك ۋە ئاق دولقۇنسىمان دېڭىز سۈيى بىلەن ئۈچ تال كۆك تۆگىقۇشنىڭ پېيى پىناڭ شىتاتىنىڭ شىتات گېبى ؛ ئوڭ تەرەپتىكى بىر تۈپ مالاككا دەىخى مالاككا شىتاتىنى بىلدۈرگەن؛ ئاستىدىكى سول تەرەپتە بېغىررەڭ ئىككى قول بىر بايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن بولۇپ، شاي شىتاتىنى بىلدۈرگەن؛ ئوڭ تەرەپتىكى پەرۋاز قىلغان قىزىل، قارا ۋە كۆك ئۈچ خىل رەڭلىك ئۇچار قۇش ساراۋاكنى بىلدۈرگەن؛ ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل پەرەڭگۈل مالايسىيانىڭ دۆلەت گۈلى بولۇپ، مالايسىيا دۆلەت باشلىقىغا سىمۋول قىلىنغان، بۇ رەسىم 1967 - يىلى كىرگۈزۈلگەن، ئەسلى بۇ سىنگاپورغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە ئىدى. گېرب ئۈستىدە سېرىق ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز بولۇپ، .ئىسلام دىنى بىلەن خانىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. گېربنىڭ ئىككى يېنىدا بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇرغان يولۋاس بولۇپ، ئارقا پۇتى ئالتۇن رەڭلىك لېنتىنى دەسسەپ تۇرغان، لېنتىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا مالايچە، جاۋيچە<ئىتتىپاقلىق - كۈچ > دېگەن ھېكىمەتلىك سۆز يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
مالايسىيا | UyghurWiki | UyghurWiki