UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەريېشىل تۇمشۇق

يېشىل تۇمشۇق

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا يېشىل رەڭلىك دېڭىز تۇمشۇقى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرا شەرق قىسمىدىكى يېشىل تۇمشۇق تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇ ياۋروپا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم دېڭىز، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن. مەيدانى 4033 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، سانتوئانتاۋ، سال فوگو، بوئاۋستا، سانت ياگو قاتارلىق 15 تىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ كۆپى يانار تاغ ئاراللىرىدىن ئىبارەت. بۇ جايدا دېڭىز يۈزىدىن 2829 مېتىر ئېگىز بولغان فوگو ھەرىكەتتىكى ۋولقانى بار. بۇ جايلارنىڭ ئىقلىمى تروپىك قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24 قا يېتىدۇ. ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاران 100-300 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. يېشىل تۇمشۇق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىسى 310 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ % 80نى ئافرىقىلىقلار بىلەن پورتۇگالىيىلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، %19 نى بانتو تىل سىستېمىسىدىكى ئافرىقىلىقلار، 1% نى ياۋروپالىقلار (ئاساسلىق پورتۇگالىيىلىكلەر) تەشكىل قىلىدۇ. يەرلىك خەلق كىلىئور تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىنىڭ % 98ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى پرايا شەھىرى. يېشىل تۇمشۇق تاقىم ئاراللىرىغا 1462 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن، 1495 - يىلدىن تارتىپ 1975 - يىلغىچە پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1975 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مۇستەقىل بولغان. 1976 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. يېشىل تۇمشۇق يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت. ئاھالىسىنىڭ %80 ى دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا كوفى، كاكائو، كۆممىقوناق، شېكەر قومۇشى، ئاپېلسىن ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەيلمەيدۇ. ئۇنىڭ بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. يىللىق بېلىق مەھسۇلاتى 9000 توننىدىن ئاشىدۇ. يېشىل تۇمشۇق ئاراللىرىدا تەبىئىي پورت، چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى بار. ئۇنىڭ قاتناشتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. يېشىل تۇمشۇقنىڭ تولۇق نامى <يېشىل تۇمشۇق جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان، چوڭ - كىچىك 18 ئارالدىن تەركىب تاپقان ئارال دۆلىتى، 1445 - يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىسى داننېس فېرناندوس كېمە بىلەن ماۋرىتانىيىنىڭ چاقناپ تۇرغان قۇم ساھىلىدىن ئۆتۈپ، غەربىي ئافرىقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىكى روۋانز دەرەخلىر بىلەن قاپلىنىپ تۇرغان ياپيېشىل دېڭىز بوغۇزىغا يېتىپ كەلگەن. فېرناندوس بۆرتۈپ چىققان تۇمشۇققا دېڭىزچىلىق خەرىتىسىدە <يېشىل تۇمشۇق> دەپ نام قويغان، بۇنىڭ پورتۇگال تىلىدىكى مەنىسى <يېشىل رەڭلىك دېڭىز تۇمشۇق>. لېكىن ھازىر بۇ ئەتراپ بىر پارچە قاقاش قۇم دۆۋىسى بولۇپ، ئازراقمۇ يېشىللىق مەۋجۇت ئەمەس. 1456 - يىلى، پورتۇگالىيىلىك كارىل دارمىستو بۇ دېڭىز بوغۇزىنىڭ 515 كىلومېتىر غەربىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر تاقىم ئارالغا كېلىپ قېلىپ، ئافرىقىدىكى يېشىل تۇمشۇقنىڭ نامىدا بۇ تاقىم ئارالغا <يېشىل تۇمشۇق تاقىم ئاراللىرى> دەپ نام قويغان. 1462 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر يېشىل تۇمشۇق تاقىم ئاراللىرىنى ئىگىلەشكە باشلاپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتكى نېگىرلارنى ئۇلار ئۈچۈن بىنەم ئېچىپ، يەر تېرىشقا مەجبۇرلىغان ۋە نېگىرلار بىلەن تويلىشىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، شۇ ئارقىلىق كونتروللىقىنى كۈچەيتكەن. كېيىن، پورتۇگالىيە - ئافرىقا ئارىلاش قانلىق بۇ كىشىلەر ھازىرقى ئارالدىكى ئاساسلىق ئاھالە - كېلئورلارغا ئايلانغان. ئىككىكنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئافرىقا مىللىي ئازادلىق ھەركىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېشىل تۇمشۇق ۋە گۋىنىيە بېسسائو خەلقلىرى 1963 - يىلىدىن باشلاپ قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، 11 يىلدىن كېيىن پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىرىنى ئاخىرى قوغلاپ چىقارغان. 1975 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تاقىم ئارال مۇستەقىللىق جاكارلاپ، يېشىل تۇمشۇق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. يېشىل تۇمشۇقنىڭ يەر مەيدانى 4033 كۋادرات كىلومىتىر، ئاھالىسى 361 مىڭ، %97ى پورتۇگالىيە - ئافرىقا ئارىلاش قان سىستېمىلىق كېلئورلار بولۇپ، پورتۇگال تىلى دۆلەت تىلى، % 98ئاھالە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى پرايا، پۇل بىرلىكى يېشىل تۇمشۇق ئىسكۇدوسى. بۇ دۆلەت ب د ت تەرىپىدىن <دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەت> دەپ بېكىتىلگەن 30 دۆلەتنىڭ بىرى. 15 - ئەسىردە پورتۇگالىيە ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى ئاتلانتىك ئوكياندىن ئافرىقىنىڭ ئەك غەربىي چېتىگە تەخمىنىەن 500 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل تۇمشۇقنى بايقىغان، 1495 - يىلى يېشىل تۇمشۇق پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇزاق يىللاردا، ئەركىنلىك ئۈچۈن يېشىل تۇمشۇق خەلقى بوشاشماي جەڭ قىلىپ، 1975 - يىلى ئىيۇل مۇستەقىل بولغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان. دۆلەت بايرىقى سول تەرەپتىكى قىزىل تىك بەلدەم بىلەن ئوڭ تەرەپتىكى ئۈستى سېرىق، ئاستى يېشىل توغرا بەلدەمىدىن تەركىب تاپقان. دۆلەت بايرىقى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئۆزىنى تەقدىم قىلغان يېشىل تۇمشۇق خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېشل رەڭ كەڭ زېمىن، يېزا ئىگىلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدىدىن كەلگەن؛ سېرىق رەڭ ئەمگەك مېۋىسى، ئىجتىمائى پاراۋنلىقى ۋە مەدەنىيەت مائارىپىنىڭ سىمۋولدۇر. دۈگلەكسىمان قىزىل گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر دۈگىلەكسىمان گېرن ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۈستىگە مۇستەقىل، ئىززەت - ئابرۇيى، ئەركىنلىك ۋە تىنىچلىقنىڭ سىمۋوى بولغان بىر بەش بۇرجەكلىك قارا يۇلتۇز، كان ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان بىر تۆمۈر كولىغۇچ ۋە سانائەتنى بىلدۈرىدىغان بىر چىشلىق چاق سىزىلغان؛ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسى ئېچىلغان بىر كىتاب بىلەن ئىپادىلەنگەن. كىچىك دۈگلەكسىمان گېربكە ئورالغان بىر سېرىق چەمبىرەككە < ئىتتىپاقلىق - ئەمگەك- تەرەققىيات> دېگەن سۆز يېزىلغان. سېرىق قۇلۇلە قېپى، ئىككى تال كۆممۈقۇناق شېخى ۋە توق دانلانغان ئىككى كۆممقۇناق بېشى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىقنى بىلدۈرگەن. دۈگلەكسىمان قىزىل گېربىنىڭ ئۈستىگە پورتۇگالىيىچە < يېشىل تۇمشۇق جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر