ئىران
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
نۇر دۆلىتى
ئاسىيانىڭ غەربىدىكى ئىران ئېگىز تەكشىلىكىگە جايلاشقان دۆلەت. ئۇ ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئە، كاسپىي دېڭىز، قارا دېڭىز، يەر ئوتتۇرا دېڭىز، قىزىل دېڭىز، ئەرەب دېڭىزىدىن ئىبارەت بەش دېڭىز ئارىلىقىدىكى مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جاي. ئۇنىڭ يەر مەيدانى بىر مىليون 645 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1200 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ كاسپىي دېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن پېرسىيە قولتۇق بويلىرىدا تار، ئۇزۇن سوزۇلغان دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى بار. قالغان قىسىملىرىنى تاغلىقلار، قۇملۇقلار، تاغ ئارىسى ئويمانلىقلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئېگىز تاغلىقلار قورشاپ تۇرىدۇ. ئېگىز تەكشىلىكنىڭ مەركىزىي قىسمىدا دەشتى لوت، دەشتى كەبىر قۇملۇقلىرى بار. ئۇنىڭ شىمالىدىكى ئېلبورىس تېغىدىكى دېماۋېند چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 5604 مېتىر بولۇپ، ئىران بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. ئىراننىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك چۆل ۋە ئوتلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، ھۆل - يېغىنى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، ئۇنىڭ كاسپىي دېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن زاگروس تاغلىرىنىڭ غەربىي تەرەپلىرىنىڭ ئىقلىمى نەم سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. بۇ جايلاردا يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. قۇرۇقلۇقنىڭ مەركىزىي قىسىملىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى ئاز بولۇپ، 50-500 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ. ئىراننىڭ ئاھالىسى
44 مىليون 383 مىڭدىن ئوشۇق (1986) بولۇپ، بۇنىڭ% 50 نى پارسلار، قالغىنىنى ئەزەربەيجانلىقلار، كوردلار، بەختىيار بەلوجىستانلىقلار، قاشىگى خەلقلىرى، ئەرەبلەر، ئافغانلار، يەھۇدىلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 90 ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى پارس تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىران قەدىمىي دۆلەت بولۇپ، تارىخت پېرسىيە (پارس) دەپ ئاتالغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 500 - يىللاردا ئانىشان پادىشاھى كىرۇس ئىراندىكى قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، كېيىن دائىرىسىنى كېڭەيتىپ بابىل ۋە يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىغا قەدەر بارغان. 7 - ئەسىردىن كېيىن ئەرەب، موڭغۇل، ئافغان، تۈرك قاتارلىق مىللەتلەر بېسىپ كىرىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 19 - ئەسىردىن باشلاپ چارروسىيە، ئەنگلىيىلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1921 - يىلى پەھلىۋى پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، 1935 - يىلى دكلەت نامىنى ئىرانغا ئۆزگەرتكەن. 1971 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئىران ئىقتىسادتا نېفىت ۋە كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. نېفىت ئۇنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. نېفىت ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ% 90 نى، مالىيە كىرىمىنىڭ% 70 نى تەشكىل قىلىدۇ. نېاىتتىن قالسا تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. كان سانائىتىدىن باشقا نېفىت ئايرىش، نېفىت - خىمىيە، پولات - تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېمونت، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، گىلەم توقۇش قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ خېلى تەرەققىي قىلغان. ئىراننىڭ يېزا ئىگىلىكى سۇغىرىشقا تايىنىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، شال، كېۋەز، قىزىلچا، ھەرخىل مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق قوي بېقىلىدۇ. چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى قىممىتى پۈتۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 3/1 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئىراننىڭ تولۇق نامى <ئىران ئىسلام جومھۇرىيىتى> بولۇپ، ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، قەدىمكى پارسلار ئۆزلىرىنى <ئېلام> دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى <نۇر> بولىدىكەن. <ئېلام> نامى 1935 - يىل ى<ئىران> غا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، قەدىمكى <ئېلام> سۆزىنىڭ ھازىرقى زامان پارىس تىلىدىكى تەلەپپۇزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئىككىنچى، يىراق قەدىمكى زامان دەۋىرلىرىدە ئىران قەبىلىلىرى يەرلىك خەلىقلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدىن كەلگەن قەبىلىلەر بىلەن بىرىكىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن بولۇپ، يېڭىدىن شەكىللەنگەن بۇ مىللەت ئۆزىنى <ئارىئانلار>؟؟ دەپ ئاتىغان، قەدىمكى پارىس تىلى ۋە سانسكرىت تىلىدا <ئارىئان> سۆزى <ئېسىلزادە، مەرتىۋىلىك> دېگەن مەنىدە بولۇپ، <ئارىئانلار> نىڭ مەنىسى <ئېسىلزادىلەر، مەرتىۋىلىك ئادەملەر> دېگەنلىك بولىدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ دۆلىتىمۇ <ئارىئانلار دۆلىتى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئىران نامىمۇ <ئارىئانلار سۆزىنىڭ ئاھاڭىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. ئىران قەدىمدە >پىرىسىيە<، >فارفىيە< دەپ ئاتالغان، >پىرىسىيە (ياكى پارىس)< نىڭ مەنىسى >ئات چىقىدىغان جاي< بولىدۇ، چۈنكى ئىران ئېگىزلىكىدىن مەشھۇر نەسىللىك ئات چىقىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. >فارفىيە< نامىمۇ >پىرىسىيە (ياكى فىرىسىيە)< نامىدىن ئۆزگىرىپ پەيدا بولغان، ئىران 4000 ~ 50000 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي دۆلەت بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 - ئەسىردە ئىمپېراتور دارىئوس بىرلىككە كەلگەن پىرىسىيە ئىمپېرىيسىنى قۇرغان. بۇ ئىمپېرىيە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 330 - يىلى ماكىدونىيىلىك ئالىكساندىر تەرىپىدىن يوقىتىلغان. ئالىكساندىر ئۆلگەندىن كېيىن، ئىراندا يەنە فارفىيە سۇلالىسى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 246 - يىلىدىن مىلادى 224 - يىلغىچە)ۋە ساسانىيلار سۇلالىسى (مىلادى 224 - 651 - يىلىغىچە)قۇرۇلغان. 7 - ئەسىرىدن 18 - ئەسىرگىچە ئەرەبلەر، موڭغۇللار، ئاففانلار ۋە تۈركلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېسىپ كىرگەن، ئىران تەدرىجىي ھالدا غەرب تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يېرىم مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. 1905 - يىلىدىن 1911 - يىلىغىچە ئىراندا ئىنقىلاب بولۇپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇلغان. 1925 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا پەھلىۋى سۇلالىسى قۇرۇلۇپ، 1935 - يىلى نامىنى ئىران پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن، 1979 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دىنىي داھىي ئاياتۇللا ھۈمەينى رەھبەرلىكىدە پادىشاھلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
ئىراننىڭ يەر مەيدانى 1.648 مىليون كۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 65 مىليون. بۇنىڭ ئىچىدە پارىسلار % 47نى، ئازەرىلەر % 35نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا تۈركمەنلەر، ئەرمەنلەر ۋە ئەرەبلەر ياشايدۇ. پارىس تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى تېھران، پۇل بىرلىكى ئىران رىئالى.
ئىران 4000 يىللىق پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمكى دۆلەت، ئامما ئىسلام جۇمھۇرىيتى خۇددى ئەتگەنكى قۇياشقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ دۆلەت بايرىقى دۆلەت گېربىمۇ ئوخشاشلا ياش. 1979- يىلى فېۋرالدا، ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە دىنىي داھىيسى ھومەينى ئىسلام ئىنقىلابىنى قوزغاپ، مىراسلىق خانلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ، دۆلەت بايرىقى بىلەن دۆلەت گېربى ئوتتۇرسىغا ئورۇنلاشقان. يېشىل، ئاق ۋە قىزىل رەڭ ئايرىمـ ئايرىم ھالدا ئىسلام ئەقىدىسى ، تىنىچلىق ۋە باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان. ئاق ئۇزۇقن چاسىنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى قىرغىقىغا ئەرەبچە < ئاللاھۇ ئەكبەر> دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، ئاستى ۋە ئۈستىدىكى سۆز 11 جۈملىدىن بولۇپ،ھەر يىلى 11- فېۋرال كۈنىنىڭ ئىسلام ئىنقىلابى غەلبە كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 11- فېۋرال كۈنى ھەم ئىسلام يىلنامىسى بويىچە 11- ئاينىڭ 22- كۈنى بولۇپ، بايراقتىكى 22 جۈمىلە < ئاللاھۇ ئەكبەر> دېگەن سۆز 22- كۈننى بىلدۈرۈپ، ئىسلام ئىنقىلابى خاتىرلەنگەن. دۆلەت گېربىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرىسىدا تۇرۇشى جومھۇىيەتنىڭ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغانلىقىنى، ھۆكۈمەت بىلەن دىننىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ۋە دىني ھاكىمىيەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئىراننىڭ دۆلەت گېربى تۆت ھىلال ئاي، بىر قۇرئان ۋە بىر زۇلپىقاردىن تەركىب تاپقان. تۆت ھىلال ئاي بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى قۇرئان ئەپچىللىك ھالدا بىرلىشىپ، ئەرەبچە <ئاللاھۇ> دېگەن خەتنى ھاسىل قىلغان، <قۇرئان> دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىدا بولۇپ، ئىسلام دىني ئەقىدىسنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، جۇمھۇرىيەت ھەرىكەت مىزانىنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى سىمۋول قىلغان؛ ھىلال ئاي بىلەن زۇلپىقار ئىسلام دىنىدىكى بەش چوڭ ئەقىدىنى ۋە ئىران خەلقىنىڭ مۇستەھكەم ئېتقاد بىلەن تەڭداشسىز كۈچنى بىلدۈرگەن، يۇمىلاق شەكىل يەر شارىنى ھەم ئاللانىڭ ئىسلام ئىدىيسىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئىران دۆلەت بايرىقى بىلەن دۆلەت گېربى سىياسىي بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈپ، دىنىي داھىيسى ھومەيىننڭ < سىياسىي دىننىڭ لوگىكىغا ئۇيغۇن ھالدا كېڭىيشىدۇر> دېگەن ئىدىيسىنى تولۇق ئىپادىلىگەن.