بوسنىيە - ھېرتسېگوۋېنا
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
<ئېقىۋاتقان دەريا> ۋە <گېرتسوگنىڭ سۇيۇرغال يېرى>
بوسنىيە گېرتسىگوۋىنانىڭ تولۇق نامى <بوسنىيە - گېرتسىگوۋىناجۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ياۋروپا بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. >بوسنىيە< نامى بوسنىيە دەرياسى (Bosna) نىڭ نامىدىن، دەريا نامى بولسا ئىللىرىيە تىلىدىكى na - bhogi سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى >ئېقىۋاتقان< بولىدۇ. سېربىيە تىلىدىكى Bosna نىڭ مەنىسى >سوغاق< ياكى >سۈپسۈزۈك< بولىدۇ. گېرتسىگوۋىنا سۆزى سېربىيە تىلىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى >گېرتسوگنىڭ سۇيۇرغال يېرى<. ئۇنىڭ سېرىيە تىلىدىكى مەنىسى يەنە قەدىمكى كائوت تىلىدىن كەلگەن، مەنىسى >گېرتسوگ<. تارىختا سلاۋيانلار مىلادى 12 - ئەسىردە بوسنىيە گېرتسوگلىقىنى قۇرغان، 15 - ئەسىردىن باشلاپ ئوسمان ئىمپېرىيسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا 500 يىلغا يېقىن تۇرغان، 1908 ئاۋسترو - ۋېنگر ئىمپېرىيىسى بېسىۋالغان، 1918 - يىلى سېربىيە - كرودىيە - سلوۋېنىيە پادىشاھلىقىغا ئەزا بولۇپ، 1945 - يىلى يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسىدىكى بىر جۇمھۇرىيەت بولغان. 1992 - يىلى 3 - ئاينىڭ بېشىدىكى ئومۇمىي خەلق قارارى ئارقىلىق بۇ جۇمھۇرىيەت مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. ئاھالىسىنىڭ 43% مۇسۇلمان، 31% سېرب، 15% كروئات، پايتەختى سارايېۋو، يەر مەيدانى 51100 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون 479 مىڭ.
مىلادىيە 12 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سلاۋيانلار مۇستەقىل بوسىنىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1463 - يىلى تۈركىيە بوسىنىيىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بۇ يەر ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا مۇسۇلمانلار بىر قەدەر كۆپ توپلاشقان جايغا ئايلانغان. يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن بوسنىيە - ھېرتىسېگوۋېنا بىر قانچە مەمۇرىي ئۆلكە ۋە ئاپتونومىيىلىك رايونغا ئايرىلغان. 1945 - يىلى بوسىنىيە - ھېرتسېگوۋېنا بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر جۇمھۇرىيىتى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان سېربلار قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق مۇسۇلمان مىللىتى دەپ بەلگىلەنگەن. 1991 - يىلى ئۆكتەبىردە، ئاھالىسى كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان مۇسۇلمانلار بوسنىيە ھېرتسېگوۋېنانىڭ يۇگۇسلاۋىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، سېربلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا زور كۆلەمدە دەھشەتلىك ئۇرۇش پارتىلىغان.
بوسنىيە بىلەن ھېرتسېگوۋېنانىڭ دۆلەت بايرىقى ياۋروپا ئەللىرىدىكى دۆلەت بايراقلىرى ئىچىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاپئاق بايراقنىڭ مەركىزىگە بوسنىيە ھېرتسېگوۋېنانىڭ قالقانسىمان كۆك دۆلەت گېربى سىزىلغان. بىر ئاق بەلدەم گېربىنى ئۈستىدىكى سول بۇرجەكتىن ئاستىدىكى ئوك يېنىغىچە ئىككىگە ئايرىپ، بوسىنىيە بىلەن ھېرتسېگوۋېنانى بىلدۈرگەن؛ قالقانسىمان گېربىنىڭ ئىككى بۆلىكىگە ئوخشاشلا ئۈچتىن ئالتۇن رەڭلىك پىياز گۈلى سىزىلغان. ئاق رەڭ پاكلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ ھەم بوسنىيە - ھېرتسېگوۋېنادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن؛ كۆك رەڭ ئەركىنلىك ، مۇستەقىللىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان. ئالتۇن رەڭلىك پىياز گۈلى سىزىلغان قالقانسىمان گېرب بوسنىيە - ھېرتسېگوۋېنانىڭ قەدىمكى ئەنئەنىسى ۋە دۆلەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى نامايان قىلغان، مىلادىيە 15 - ئەسىردە بوسنىيىلىكلەر مۇشۇ قالقانسىمان گېربىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا تۈركىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۆپ قېتىم كۈرەش ئېلىپ بارغان. بوسنىيە ھېرتسېگوۋېنانىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربى پۈتۈن دۇنياغا بالقان يېرىم ئارىلىدىكى بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا باش كۆتۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى نامايەن قىلغان.