UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرئۆزبېكىستان

ئۆزبېكىستان

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا ئۆزىگە ئۆزى بەگ سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. مەيدانى 447 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 17 مىليون 989 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىنىڭ %68.9 نى ئۆزبېكلەر ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمىنى رۇس قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. پايتەختى تاشكەنت شەھىرى. ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىي قىسمىنى تىيانشان تاغلىرى بىلەن جىسار ئالاي تاغلىرى قورشاپ تۇرىدۇ، بۇ جايدا مەشھۇر پەرغانە ۋادىسى بار. ئۆزبېكىستان بويىچە ئاتاقلىق ئەنجان، نەمەنگان، پەرغانە، مەرغىلان، قوقاند قاتارلىق شەھەرلەر مۇشۇ جايغا جايلاشقان. پەرغانە ۋادىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، مېۋىچىلىكى تەرەققىي قىلغان. ئۆزبېكىستاننىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىنى قۇملۇقلار قاپلاپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى ماتىرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم بولۇپ، تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، يازلىقى تومۇز ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 80-90 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ ھۆل - يېغىنى خېلى كۆپ بولىدۇ. ئۆزبېكىستاندىكى ئامو، سىر دەريالىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئۆزبېكىستاندا تەبىئىي گاز، كۆمۈر، نېفىت، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، ۋولفرام، مولىبدىن، ئالتۇن قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. ئۆزبېكىستاندا قوقاند قاتارلىق خانلىقلار ئۆتكەن. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا روسىيە تەركىبىگە قوشۇلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن روسىيە فېدېراتسىيىسى تەركىبىدە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولغان، 1925 - يىلى ئۆزبۈېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئۆزبېكىستان سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، شۇنداقلا تەبىئىي گاز، قارا كۆرپە، يىپەك ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مۇھىم ئورنى، پاختىزارلىقلار پۈتۈن سوۋتې ئىتتىپاقىنى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 3/2 قىسمىنى، يىپەك مەھسۇلاتى 3/1 نى تەشكىل قىلىدۇ. شال، قۇرۇق ئۈزۈم، مېۋە - چېۋە ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سانائەتتە چىگىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك - ئىچمەك، كانچىلىق، ئېلېكتر، خىمىيە سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ تولۇق نامى <ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كېلىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى لوقايلىقلار، خارەزىملىكلەر، پەرغانىلىكلەر ھەمدە سام، مەشھەت قاتارلىقلارغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە بىر قىسىم تۈك قەبىلىلىرى سىر ۋە ئامۇ دەرياسى ئارىسىدىكى رايونلار (<ماۋرا ئۇننەھىر> --- ئىككى دەريا ئارىسىدىكى جاي مەنىسىدە) غا كىرىشكە باشلىغان؛ 6 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۈرك خانلىقىغا قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپلىگەن تۈرك قەبىلىلىرى كۆچۈپ كەلگەن. كېيىنچە، بۇ كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر شۇ يەردىكى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان غەربىي تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن ئۆز ئارا سىڭشىپ كەتكەن؛ 14 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئۆزبېكخان (1312 - 1342) قورال كۈچى بىلەن ئۆزبېكلەر باشچىلىقىدىكى خانلىق قۇرغان. 15 - ئەسىردە چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىپ قىسمەن ئاھالىسى چۇ دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەتكەن، ئۆز جايىدا قېپقالغانلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئۆزبېكلەر دەپ ئاتىلىپ، تەدرىجىي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئىسپاتلىنىشچە <ئۆزبىك> نىڭ ئەسلى مەنىسى <ئۆزىگە ئۆزى بەگ>، يەنى <مۇستەقىل> دېگەن مەنىدە ئىكەن. ئۆزبېكلەر 16 - ئەسىردە بۇخارا خانلىقى ۋە خىۋا خانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرنى قۇرغان؛ 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چار روسىيە بېسىۋالغان، 1917 - يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، 1924 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى <ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان؛ 1990 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى جۇمھۇرىيەت پارلامېنتى >ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى< نى ماقۇللىغان. 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ نامىنى ھازىرقى دۆلەت نامىغا ئۆزگەرتكەن. ئۆزبېكىستاننىڭ يەر مەيدانى 447.4 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، 23 مىليون. ئۆزبىكلەر% 74، رۇسلار % 8نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر قازاق قاتارلىقلار بار، پايتەختى تاشكەنت، پۇل بىرلىكى سۇم. 11 - ئەسىردىن 12 - ئەسىرگىچە، ئۆزبېك قەبىلىسى ئاساس قىلىنغان دۆلەت بولۇپ، شەكىللەنگەن. 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ئەل بېشى ئۆزبېكخان قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ ئۆزبېك باشچىلىقىدىكى خانلىق دۆلەتنى قۇرغان ھەمدە تەدرىجىي ئۆزبېك مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن. 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىردا،ئۆزبېك پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 19 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، ئۆزبېكىستاننىڭ بىرقىسىم زېمىنى رۇسىيىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. > ئۆكتەبىر ئىقىلابى < دىن كېيىن سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. 1924 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان. 1991 - يىلى سېنتەبىردە ئۆزبېكىستان مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان. ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى كۆك، ئاق ۋە يېشىل رەڭدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بايراقنىڭ ئۈستىدىكى سول تەرىپىگە كۆك زېمىنىغا ماسلاشتۇرۇپ ھىلال ئاي بىلەن بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ رەسىمى بېرىلگەن. كۆك رەڭ ئاسماننىڭ رەڭگى بولۇپ، ئېنىق ھالدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى نامايەن قىلغان؛ ئاق رەڭ تىنىچ ھەم پاك بولۇپ، تىنىچلىق ۋە خاتىرجەملىككە بولغان تەشنالىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن؛ يېشىل رەڭ كەڭ تەبىئەتتىكى يېشىل ھاياتنىڭ جۇشقۇنلۇقىنى چەكسىز ئۈمىد ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ھىلال ئاي يېنىدىكى بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزلار تراپېىتسىيە شەكىلدە ئۈچ رەت تىزىلىپ، جەمئىي 12 تال بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بىلەن بۇ 12 شىتاتنى بىلدۈرگەن. ھىلال ئاي يۇلتۇزلار ئىسلام دىنىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۆزبېكلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىدىكى ئاساسلىق رەسىم پەرۋاز قىلىش ئالدىدا تۇرغان بەخت قۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا قىزىل قۇياش كەڭ ئۆزبېكىستان زېمىنىدا كۆتۈرلۈۋاتقان كۆرۈنۈش بېرىلگەن؛ ئوڭ ۋە سول تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇغداي باشىقى ۋە كېۋەز غوزىسى بىلەن بېزەلگەن، چوققىسىغا بىر بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بىلەن ھىلال ئاينىڭ سۈرىتى كىرگۈزۈرلگەن سەككىز بۇرجەكلىك يۇلتۇز سىزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر