باھاما
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
تېيىز قىرغاق
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. ئۇ 30 چوڭ ئارال، 700 دىن ئوشۇق كىچىك ئارال ۋە 2400 دىن ئارتۇق مارجان ئاراللىرىدىن تەركىب تاپقان. يەر مەيدانى 13 مىڭ 950 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 220 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ % 80 نى نېگىرلار، قالغىنىنى ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئا ق ش لىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ، ئاھالىنىڭ % 50 ى پروۋىدنېس ئارىلىغا، % 20 ى چوڭ باھاما ئارىلىغا مەركەزلەشكەن، قالغانلىرى يەنە 28 ئارالغا بۆلۈنۈپ ئولتۇراقلاشقان. پايتەختى — باسساۋ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 58 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. باھاما ئاراللىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى تەكشى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلار يوق. ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 40-60 مېتر، ئەڭ ئېگىز جايى دېڭىز يۈزىدىن 125 مېتر ئېگىز تۇرىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ ئورۇنلىرىغا سازلىقلار، تېيىز كۆللەر ئورۇنلاشقان. شۇڭا بۇ ئورۇنغا ئىسپانچە باھاما — سازلىق ئورۇن دەپ نام بېرىلگەن. باھاما ئاراللىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن شىمالىي تروپىك سىزىقى كېسىپ ئۆتىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى مو بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃23، ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. ئاراللارنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى ياپيېشىل ئورمانلار، ئوت - چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل. باھاما ئاراللىرى 1492 - يىلى كولۇمبونىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە قىلغان بىرىنچى قېتىملىق سەپىرىدە تېپىلغان. كولۇمبو بۇ ئاراللار ئىچىدىكى سان سالۋادور (خاتلىن ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئارىلىغا كەلگەن. 1513 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ پوئېرتو — رىكودا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيىسى شىمالغان بىر قېتىملىق سەپىرىدە بۇ ئاراللارنى يەنە بىر قېتىم ئۇچراتقان ھەم بۇ ئاراللارغا <باھاما> دەپ نام بەرگەن. 17 - ئەسىردىن تاكى 1973 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىككە ئېرىشكەنگە قەدەر ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. باھاما كارايىپ رايونى بويىچە باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ساياھەتچىلىك، پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. يېزا ئىگىلىكىدە تروپىك مېۋىلىرىنى (ئاناناس، بانان، ئاپېلسىن قاتارلىقلارنى) ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ خىل مېۋىلەرنى ئا ق ش، كانادالارغا ئېكسپورت قىلىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن كۆممىقوناق، پۇرچاق تىپتىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. % 80 ئاشلىقنى ئىمپورت قىلىدۇ. ئەتراپىدىكى دېڭىزلاردىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. سانائىتىدە نېفىت ئايرىش، كونسېرۋا، شېكەر، ھاراق، سېمونت، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئۇنىڭ ئا ق ش كاپىتالى بىلەن قۇرۇلغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتى كۈنىگە 70 مىڭ توننا نېفىتنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇ نېفىت ئىمپورت قىلىپ، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. ساياھەتچىلىك باھامانىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى بولۇپ، پۈتۈن باھاما ئەمگەك كۈچىنىڭ 2/3 قىسمى ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ئىشلەيدۇ، ساياھەت كىرىمى پۈتۈن دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ تەخمىنەن % 60 نى تەشكىل قىلىدۇ. باھاماغا ساياھەت قىلىپ كېلىدىغان كىشىلەر 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ (1982)، ساياھەت كىرىمى بىر مىليارد ئامېرىكا دولىرىغا يېتىدۇ. باھاما ئا ق ش ئۈچۈن مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن، ئۇنىڭ بىلەن ئا ق ش نىڭ فلورىدا ئارىلىنىڭ 96 كىلومېتر كېلىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئا ق ش بۇ جايدا دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى قۇرغان. 60 - يىللاردىن باشلاپ ئا ق ش بۇ جايدا يېڭىدىن ھەرخىل زامانىۋى قۇرۇلۇشلارنى كۆپەيتتى. باھاماغا كىرگۈزۈلىدىغان ماللارنىنڭ % 8875نى ئا ق ش ماللىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئا ق ش نىڭ باھاما بانكىلىرىغا قوشقان كاپىتالى 88 مىلىيارد 600 مىليون دوللىرىغا يېتىدۇ.
باھامانىڭ تولۇق نامى <باھاما ئىتتىپاقى> بولۇپ، كارىب دېڭىزىدىكى باھاما تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان. بىرىنچى، ئۇنىڭ نامى ئەسلى كۇبانىڭ شىمالىدىكى بىر كىچىك دەريانىڭ ئىسمى بولۇپ، كېيىن كۇبا ۋە فلورېدا يېرىم ئارىلى ئارىسىدىكى دېڭىز بوغۇزى يېڭى باھاما دېڭىز بوغۇزى (ھازىر فلورېدا دېڭىز بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتىلىپ، كېيىن بوغۇزنىڭ نامى بۇ تاقىم ئارالنىڭ نامىغا ئۆزگەرگەن؛ ئىككىنچى، 1492 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سەھەردە، كولومبو يېتەكلىگەن ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى دېڭىزدا ئىككى ئايدىن ئارتۇق ئۈزۈپ يۈرۈپ، باھاما تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى بىر ئارالنى بايقىغان. كولۇمبۇ قىرغاققا ئەڭ بۇرۇن چىقىپ، ئارالنى <نىجاتكار ئارىلى> (يەنى ھازىرقى سالۋادور) دەپ ئاتىغان ۋە بۇ جايلارنى ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ تەۋەلىكى دەپ جاكارلىغان. 1513 - يىلى 3 - ئايدا ئىسپانىيە باسمىچىسى بونسا دېررائون ئۈچ كېمىنى باشلاپ كارىب دېڭىزىغا سەپەر قىلغان، 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۇ كۇبانىڭ شىمالىدىكى دېڭىدا ئۇنىڭ قارىشىچە سۇغا چېلىشىپ تۇرغان ئاراللارنى بايقاپ،ئۇنى باھاما دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ ئىسپانچىدىكى مەنىسى <تېيىز قىرغاق>. 15 - ئەسىردىن ئىلگىرى، ئىندىئانلارنىڭ ئالاۋاك مىللىتى بۇ جايدا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئەينى چاغدىكى كارىب رايونى بويىچە ئاھالىسى ئەڭ زىچ رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان، 1509 - يىلىدىن باشلاپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى باھاما تاقىم ئاراللىرىدىكى يەرلىك ئاھالە ئىندىئانلارنى ئارقىمۇ - ئارقا تۇتقۇن قىلىپ، كۇبا، ھايتى قاتارلىق جايلاردىكى كانلارغا ئاپىرىپ قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن، نەتىجىدە باھاما تاقىم ئاراللىرى ئادىمىزاتسىز چۆلدەرەپ قالغان. 16 - ئەسىردە، ئەنگلىيە بۇ جاينى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى دەپ جاكارلىغان. 1779 - يىلىدىن 1783 - يىلغىچە بولغان ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيە ئامېرىكا مۇستەملىكلىرىنى تالشىش ئۇرۇشىدا، ئىسپانىيە يېڭى پىروۋېتنىس ئارىلىنى ئىگىلىگەن. 1783 - يىلىدىكى ئەنگلىيە - ئىسپانىيە يارىشىش كىلىشىمىگە ئاساسەن، بۇ تاقىم ئاراللار ئەنگلىيىگە تەۋە بولغان. كېيىن باھاما ئىزچىل ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. باھاما خەلقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرىشى ئارقىسىدا، 1964 - يىلى 1 - ئايدا باھاما ئەنگلىيە ئىتتپاقى ئىچىدە <ئىچكى ئاپتونومىيە> ئورنىغا ئېرىشكەن. 1973 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى باھاما مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنڭ ئەزا دۆلىتى بولغان.
باھامانىڭ يەر مەيدانى 13.935 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 263 مىڭ. ئاھالىنىڭ % 85ى نېگىر ۋە بەزى شالفۇت كىشلەر، قالغىنى ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ھايتى كۆچمەنلىرى. ھەممىسىلا خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى بىردىن بىر تىل ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى ناسسائۇ. پۇل بىرلىكى باھاما دوللىرى.
غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان باھاما بىر گۈزەل ئارال دۆلىتىدۇر. ئارالنىڭ يېرى تەكشى، ئاسمىنى سۈزۈك، مەنزىرىسى گۈزەك بولۇپ، < كارىب سىۇرىفى > دېگەن نامى بار. باھاما ئارىلىدىكى ئاساسلىق ئاھالىلەر نىگېرلار بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئەنگلىيە مۇستەملىكچىكىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1973 - يىلى ئىيولدا، باھاما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بىرلىشىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئەركىن دۆلەت بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن كۆك، سېرىق، قارا رەڭدىكى باھاما دۆلەت بايرىقى ئەركىن باھاما زېمىنىدا جەۋلان قىلغان. باھاما بىرلەشمىسىنىڭ دۆلەت بايرىقىدا غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى دۆلەتلەردە ئۇمۇميۈزلۈك بولغان ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۈستى ۋە ئاستىدىكى ئىككى كۆك بەلدەم بۇ گۈزەل ئارال دۆلىتىنى چۆرىدەپ تۇرغان ئوكيانىڭ سىمۋولى بولغان. ئوتتۇرىسىدىكى سېرىق بەلدەم بۇ ئارال دۆلىتىنڭ نۇرغۇن ئالتۇن ساھىللىرىغا سىمۋول قىلىنغان. بايراقنىڭ سېپى تەرەپتىكى قارا ئۈچبۇلۇڭ 700 دىن ئارتۇق ئارالداىن تەركىب تاپقان بۇ بىرلەشمە دۆلىتىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقىغا سىمۋول قىلىنغان.
باھاما دۆلەت گېربىدە دولقۇنلار يېرىپ ئالغا بېسىۋاتقان بىر سېرىق يەلكەنلىك كېمە بولۇپ، 1492 - يىلى ئۆكتەبىردە كولۇمبۇ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا سەپەر قىلغاندا بۇ ئارالنى بايقىغانلىقى خاتىرلەنگەن. كۆك ئاسماندا نۇر چاچقان ئالتۇن قۇياش يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بۇ دۆلەتنىڭ ئەتىگەندىكى قۇياشتەك ئەمدىلا كۆتۈرلۈۋاتقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستىگە كۆك ۋە ئاق رەڭلىق گۈلچەمبىرەك بىلەن بېزەلگەن دۇبۇلغا سىزىلغان، يېشىل تۆمۈر دەرەخكە يۆلەكلىك دېڭىز قۇلۇلىسى باھامانىڭ ئاراللىق مەنزىرىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن. سول تەرەپتىكى دولقۇندىن شۇڭغۇپ چىققان كۆك يەلكەن بېلىق باھامانىڭ تەرەققىي تاپقان بېلىقچىلىقىنى كۆرسەتكەن؛ ئوڭ تەرەپتىكى يېشىل زېمىندا بىر نازاكەتلىك قىزىل لەيلەك بولۇپ، بۇ باھامانىڭ دۆەلت قۇشىدۇر. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا< قەدەملەپ مېڭىپ، ئورتاق ئالغا باسايلى> دېگەن سۆز يېزىلغان.