UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرسالۋادور

سالۋادور

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا نىجاتكار ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 21 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ كىچىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇبىي تەرىپى تىنچ ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. قالغان تەرىپى قۇرۇقلۇق بىلەىن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. سالۋادورنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى ۋولقان لاۋىلىرى بىلەن پەس پەلەمپەي ئورۇنلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئۇ ۋولقان بەلبېغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن يەر تەۋرەش، ۋولقان پارتلاش ھەرىكەتلىرى بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنى <يانار تاغ دۆلىتى> دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ جايدىكى مۇقەددەس ئانىنا ھەرىكەتتىكى ۋولقاننىڭ ئېگىزلىكى 2385 مېتىر كېلىدۇ. سالۋادورنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃25-℃ 28 ئەتراپىدا بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىقلاردا 1800 مىللىمتېر، دېڭىز قىرغاقلىرىدا 1000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. سالۋادرونىڭ ئاھالىسى 4 مىليون 998 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). ئۇ ئوتتۇرا ئامېرىكا بويىچە ئاھالىسى ئەڭ زىچ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ (ھەر كۋادرات كىلومېتىر ئورۇنغا 200 دىن ئوشۇق ئادەم توغرا كېلىدۇ). ئاھالىسىنىڭ %84 نى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر،% 5 نى ئىندىئانلار، قالغىنىنى ئاق تەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى پۈتۈن ئاھالىنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ% 88 ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسپان تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. سالۋادور ئەسلى ئىندىئانلارنى مايا مەدەنىيىتىنىڭ كېلىپ چىققان مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1524 - يىلدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1821 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1841 - يىلى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. سالۋادور ئىقتىسادىي جەھەتتىىن يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 60.8 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 25 نى، سانائەت% 14.5 نى تەشكىل قىلىدۇ (1980). يېزا ئىگىلىكىدە ئەڭ ئاساسلىق كوفى بىلەن كېۋەز، ئۇلاردىن قالسا كۆممىقوناق، شال، شېكەر قۇمۇشى، كاكائۇ، تالالىق ئاگاۋى ئۆستۈرۈلىدۇ، سالۋادور ئېكسپورتىنىڭ %65 نى كوفى،% 13 نى پاختا ئىگىلەيدۇ. سالۋادونىڭ سانائىتى ئوتتۇرا ئامېرىكا بويىچە خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى تارماقنى ئاساس قىلىدۇ. پۈتۈن سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 25% نى يېمەك - ئىچمەك،% 11.5 نى توقۇمىچىلىق سانائىتى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن قالسا سېمونت، تاماكا، كىيىم - كېچەك، نېفىت ئايرىش، ماشىنىسازلىق، تېرە - خۇرۇم قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. سالۋادورنىڭ تولۇق نامى <سالۋادور جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ شەربىي شىمالىغا جايلاشقان. نامى ئىسپان تىلىدىكى Saviour سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <نىجاتكار> (ئەيسانى كۆرسىتىدۇ، بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى <قۇتقازغۇچى خۇدا> بولۇپ، ئەرەبچە <مەھدى> دەپ ئاتىلىدۇ، خرىستىئانلار ئەيسانى ئۆلمىدى، ئاخىرقى زامان كۈنى چوقۇم پەيدا بولۇپ، ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزىۋالىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئەيسانى <قۇتقازغۇچى خۇدا> دەپ ئاتايدۇ). ئىسپانلار بېسىۋېلىشتىن بورۇن، ئامېرىكىدىكى ئازتېك مىللىتى بۇ جاينى <قاشتېشى چىقىدىغان جاي> دەپ ئاتىغان. 1524 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ ئالۋاردو مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى گۋاتېمالارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، داۋاملىق جەنۇبقا مېڭىپ، پىپلېست مىللىتىنىڭ زېمىنىغا يېتىپ كەلگەن. يوللار ئەگرى - بۈگرى ۋە خەتەرلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرۇپ - تۇرۇپ پېپلېستلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربىسىگە ئۇچراپ تۇرغاچقا، ئۇلار توپتوغرا ئون نەچچە كۈن يول يۈرۈپ، ئاخرى ئېتىز قىرلار - تۇتاش كەتكەن كەڭرى بىر ئېگىزلىككە يېتىپ كېلىپ، شۇندىلا ئىندىئانلارنىڭ زەربىسىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇلار قۇنۇش ئۈچۈن بۇ جايغا ئىستىھكام قۇرىدۇ. ئەسكەرلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايغا ھايات كېلەلىگەنلىكى ئۈچۈن خۇداغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرى قۇرغان ئىستىھكامنى سالۋادور (Salvador El، <نىجاتكار>) دەپ ئاتىغان. كېيىن مۇستەملىكىچى ئارمىيە مۇشۇ ئىستىھكامنىڭ ئىسمىدا بۇ ئەتراپتىكى رايونلارنى <سالۋادور رايۇنى> دەپ ئاتىغان ۋە ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى دەپ جاكارلىغان. ئۇ 1821 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇستەقىل بولغان، 1823 - يىلى ئوتتۇرا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىگە ئەزا بولغان. 1838 - يىلى فېدېراتسىيە پارچىلىنىپ، 1841 - يىلى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. سالۋادورنىڭ يەر مەيدانى 21.156 مىڭ، ئاھالىسى 5 مىليون 479 مىڭ. شالغۇت پۇقرا % 85نى، ساپ ئىندىئانلار % 10نى ئىگىلەيدۇ. ئىسپان تىلى ۋە يەرلىك مايا تىلى قوللىنىلىدۇ. % 90ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى سان - سالۋادور. پۇل بىرلىكى سالۋادور كولونى. ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمىسى پارچىلانغاندىن كېيىن داۋاملىق بىرلەشمىنىڭ كۆك، ئاق ۋە كۆك بەلدەملىك بايرىقىنى جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلىپ ئىشلەتكەن. 1865 - يىلى ئۇنىڭ ئورنىنى ئامېركىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئوخشايدىغان < بالداقلىق بايراق> ئىگىلىگەن. 1912 - يىلى يەنى ئىلگىرىكى دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن. بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا سالۋادورنىڭ دۆلەت گېربى قوشۇلغان. كۆك رەڭ سالۋادورنىڭ كۆك ئاسمىنى بىلەن غەربىي قىرغىقىدىكى تىنىچ ئوكياننى بىلدۈرگەن. ئاق رەڭ تىنىچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ دۆلەتتە ئىچكى ئۇرۇش توختىماي خەلق ئۇرۇشىنىڭ جاراھىتىەە قاتتىق ئوچىرىغانلىقتىن تىنىچلىققا ئىنتايىن تەشن بولغان، تىنچلىقنىڭ قەدىرىگە يەتكەن. 1992 - يىلى سالۋادوردىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك يارشىپ، ئىچكى ئورۇشنى ئاخىر ئاخىرلاشتۇرغان. سالۋادور دۆلەت گېربى بىر تەڭ تەرەپلىك ئۈچبۇلۇڭ ئۈچ سېرىق سىزىقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا باراۋەرلىك، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى بىلدۈرگەن. تىنىچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئارلىقىدا چوقچىيىپ چىققان بەش يانار تاغ ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بەش دۆلەتكە سىمۋول قىلىنغان. < ئەركىنلىك تايىقى > بىلەن قىزىل < ئەركىنلىك تومىقى > ئېگىز چوققىدا ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنىڭ نۇرىنى چاقناتقان . ئالتۇن نۇر ئىچىدىكى < 1821 - يىلى 15 - سېنتەبىر > دېگەن خەت سالۋادورنىڭ مۇستەقىل بولغان كۈنى بولۇپ، ئاسماندىكى ھەسەن - ھۈسەندىن خوشاللىق ۋە ئۈمىد تاشقىنلاپ تۇرغان. ئاستىدىكى سېرىق لېنتىغا ئىسپانىيىچە < تەڭرى، ئىتتىپاق، ئەركىن > دېگەن خەت يېزىلغان، ئۈچبۇلۇڭ يېشىل لاۋېر شېخى بىلەن چەمبىرەكسىمان ئورالغان بولۇپ، دۆلەت گېربىنى دۈگلەك شەكىلگە ئايلاندۇرغان، سىرتىغا ئىسپانىيىچە < ئوتتۇرا ئامېرىكا سالۋادور جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
سالۋادور | UyghurWiki | UyghurWiki