UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرئانگولا

ئانگولا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا پادىشاھنىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغان ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەت، يەر مەيدانى بىر مىليون 240 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. يېرىنىڭ كۆپ قىسمى ئېگىزلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1000 مېترغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز بويلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. بۇ تۈزلەڭلىكلەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200 مېترغا يەتمەيدۇ. ئانگولا ئېكۋاتورغا يېقىن جايلاشقان، بىراق ئۇنىڭ ئالانتىك ئوكيان دېڭىز بويلىرى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سوقىدىغان بېنگىل سوغۇق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولغانلىقتىن، ئىقلىمى يىللىقراق كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىمىغا كىرىدۇ. بۇ خىل ئىقلىم رايونىدا ھۆلچىلىك پەسلى، قۇرغاق پەسلى ئېنىق بولىدۇ. ھۆلچىلىك پەسلىدە ئۆسۈملۈكلەر بۈك - باراقسان ئۆسۈپ ئەتراپنى ياپيېشىل مەنزىرە قاپلايدۇ، قۇرغاقچىلىق پەسلىگە كەلگەندە، ئوت - چۆپلەر سارغىيىدۇ، ھەتتا قۇرۇپ كېتىدۇ. دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃16-℃19، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ℃24 تىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 750-1500 مىلىمېتر ئەتراپىدا بولىدۇ. دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى ئازراق بولىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 1/3 قىسمىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ئانگولادا ئۇششاق دەريالار كۆپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەركىزىي قىسمدىكى تاغلىقلاردىن باشلىنىپ شىمال، شەرق، جەنۇب، غەرب تەرەپلەرگە قاراپ ئاقىدىغان رادىئاتسىيە شەكلىدىكى ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئانگولانىڭ ئاھالىسى 8 مىليون 340 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ % 95نى بانتۇتىل سىستېمىسىدىكى ئوۋىمبوندۇ، بامبندۇ، باكۇنگو، روندا قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە پورتۇگالىيىلىكلەر بىلەن ئارىلاش سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ياشايدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىتپىدائىي دىنلارغا، قالغانلىرى كاتولىك، خرىستىئان دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاساسىي تىللىرى ئوۋىمبوندۇ تىلى، بامبۇندۇ تىلى، باكونگو، روندا تىللىرىدىن ئىبارەت. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدۇ. ئانگولا ئەسلى يەرلىك خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان بىر ئورۇن بولۇپ، بۇ جايدا ئوۋىمبوندۇ خەلقلىرىدىن بولغان ئىنگولا دېگەن كىشى ئىندونگو خەلقلىرىدىن بولغان ئىنگو دېگەن كىشى ئىندونگو كىنەزلىكىنى قۇرغان. 1482 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر ئانگولانى ئىگىلىگەندىن كېيىن (1576 - يىلى) ئىنگولانى ئۆزگەرتىپ ئانگو دەپ قوللانغان. بۇ جاي ئۆز ۋاقتىدا دانگو - ئانگولا دەپ ئاتالغان. 1885 - يىلى پۈتۈن ئانگولا پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1975 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى پورتۇگالىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ئانگولا يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، ئاھالىنىڭ % 90ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى قالاق. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق كوفې، تالالىق ئاگاۋى (ئافرىقا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ). پاختا، ياغلىق پالما، شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن كۆممىقوناق، شال، تېرىق، بۇغداي ئۆستۈرۈلىدۇ. ئېھتىياجلىق ئاشلىقنىڭ % 50ى سىرتتىن ئېلىنىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، چوشقا بېقىلىدۇ. ئانگولارنىڭ كان بايلىقى مول، ھازىر ئاساسلىق نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر، ئالماس رۇدىسى، مىس، مارگانتىس، ئالتۇن، ۋۇلفرام، ئۇران، قوغۇشۇن قاتارلىق كان بايلىقلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى، پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ ئاساسى ئاجىز، يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئانگولانىڭ پايتەختى لوئاندا شەھىرىدا كۆلىمى خېلى چوڭ بولغان نېفىت ئايرىش سانائەتلىرى بار. بۇلاردىن باشقا مېتاللۇرگىيە، كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، تۇز، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق سېمونت، قەغەز قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. ئانگو سىرتقى سودىسىدا نېفىت، كوفىي، ئالماس، تۆمۈر رۇدىسى، تالالىق ئاگاۋى، بېلىق مەھسۇلاتى، ياغاچ قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ. ئېكسپورتنىڭ %90 نى نېفىت ئىگىللەيدۇ. ئاپتوموبىل، ھەرخىل ماشىنا، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، يېمەك - ئىچمەك، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ. ئانگولانىڭ تولۇق نامى <ئانگولا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى يەرلىك بىر پادىشاھنىڭ ئىسمىدىن پەيدا بولغان. مىلادى 16 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، ھازىرقى ئانگولادىكى كونزا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا، ئەسلى كونگو پادىشاھلىقىغا قاراشلىق بولغان ئاندونگ پادىشاھلىقى تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئانگولا تارىخىدىكى بىر مۇھىم پادىشاھلىققا ئايلانغان. بۇ پادىشاھلىق ئانگولادىكى ئىككىنچى چوڭ مىللەت بولغان موبوندو مىللىتى ئاندونگ قەبىلىسىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، پادىشاھلىقنىڭ تۇنجى پادىشاھىنىڭ ئىسمى ئىنگولا ئىكەن، كېيىن پورتۇگالىيىلىكلەر ئىنگولا Ngola سۆزىنى خاتا ھالدا ئانگولا دەپ، <تانگو ئانگولا> قىلىپ ئىشلەتكەن. <تانگو> نىڭ مەنىسى <زېمىن> بولۇپ، تولۇق نامىنىڭ مەنىسى <ئانگولانىڭ زېمىنى>، پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى دېئورگى. كائو 1574 - يىلى بۇ پادىشاھنى زىيارەت قىلىپ، دېڭىز بويى رايونلىرىدا ھەرىكەت بازىسى قۇرۇشقا ئىجازەت ئالغان ۋە بۇ جاينى پادىشاھنىڭ نامىدا ئاتىغان. ئوتتۇرا ئەسىردە ئانگولا ئايرىم - ئايرىم ھالدا كونگو، ئاندونىگ، ماتۇم ۋە روندا قاتارلىق تۆت پادىشاھلىققا تەۋە بولغان. 1885 - يىلى پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، پورتۇگالىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقا دەپ ئاتالغان، 1951 - يىلى پورتۇگالىيىنىڭ <سرت ئۆلكىسى> گە ئۆزگەرتىلگەن، 1975 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، 11 - كۈنى ئانگولا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1992 - يىلى 8 - ئايدا ھازىرقى نامغا ئۆزگەرگەن. يەر مەيدانى 1.2467 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىليون 900 مىڭ، پايتەختى لۇئاندا، پۇل بىرلىكى كۋانزا. بىر قانچە ئەسىر پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكلىك ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچراش داۋامىدائ ئانگولا ئاۋام ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى خەلقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك بىلەن ئۇزاق مۇددەت باتۇرانە كۈرەش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، تېگى قىزىل ۋە قارا، ئوتتۇرىسىغا چوڭ ئالتۇن يۇلتۇز كەشتىلەنگەن بۇ بايراقىنى ئەڭ بۇرۇن مۇشۇ زېمىندا جەۋلان قىلدۇرغاندى. 1975 - يىلى نويابىردا قاباھەتلىك چۈش ئاخىرلىشىىپ، ئانگولا مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۇرۈپ، يېڭى بىر تارىخى دەۋرگە قەدەم قويغان. ئانگولا مۇشۇ بايراقنى ئاساس قىلىپ، بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ يېنىغا بىر قىڭغىراق بىلەن بىر چىشلىق چاقنىڭ سۈرئىتىنى كىرگۈزۈشنى قارار قىلىپ، يېڭى دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان، قىزل رەڭ ئانگولا خەلقىنىڭ مۇستەملىكچىلەر بىلەن بولغان قانلىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي يالدامىسى بولغان؛ قارا رەڭ ئافرىقا زېمىنىغا ئوقۇلغان مەدھىيە بولۇپ، ئافرىقىدىكى بىر نېگىر دۆلىتىنىڭ مۇستەقىلىقى ۋە قەيسەرلىكىنى نامايان قىلغان؛ بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ئىنتېرناتسۇنالىزم ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئىشلىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بەش بۇرجەك ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىتتىپاقىلىق، ئەركىنلىك، ئادالەت، دېموكراتىيە ۋە تەرەققىياتنىڭ سىمۋولى بولغان؛ چىشلىق چاق بىلەن قىڭغراق ئىشچى - دېھقان - ئەسكەرلەرنىڭ زىچ بىرلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئانگولانىڭ دۆلەت گېربى گويا ھازىرقى ئانگولانىڭ قىنلنەماسىغا ئوخشايدۇ: يۇمىلاق شەكىللىك گېربىنىڭ يۈزىدە قىزىل قۇياش دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرلۈپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن جۇمھۇرىيەتنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىستىقبالى ۋە كېلەچىكىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن؛ دۆلەت گېربىنىڭ سول يېنىدىكى كۆممقوناق، قەھۋە ۋە كېۋەز شېخىدىن ھاسىل بولغن يېرىم چەمبىرەك، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدۇر؛ ئوڭ يېنىدىكى چىشلىق چاق ئىشچى ۋە سانائەتچىلەرنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئىشچى - دېھقانلارنىڭ بىرلەشكەنلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بىلدۈرگەن. قۇياش ئاستىدىكى شاخ بىلەن چىشلىق چاق گىرەلىشىدىغان جايىدا بىر كىتاب ئېچىلغان بولۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى كېلەچەكتە تەرەققىي قىلىش ۋە روناق تېپىشنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سېرىق لېنتىغا پورتۇگالىيىچە < ئانگولا خەلق جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئانگولا | UyghurWiki | UyghurWiki