UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرپېرۇ

پېرۇ

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا كۆممىقوناق ئامبىرى جەنۇبىي ئامېرىكىنڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت، ئۇنىڭ غەرب تەرەپلىرى تىنچ ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان ئاندىس تاغلىرى كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ تاغلىقنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغاق بويلىرىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل ھەم قۇرغاق كېلىدۇ، تاغنىڭ شەرقىي تەرەپلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئورمان ئىقلىمىغا كىرىدۇ، بۇ جايلاردا ئامازون دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى قەدىمىي ئورمانلار بار. بۇ جايلار ئىسسىق، نەم كېلىدۇ، ئاھالە بەك شالاڭ ئولتۇراقلاشقان. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4300 مېتر كېلىدۇ. پېرۇ يېرىنىڭ % 62 ىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. پېرۇنىڭ يەر مەيدانى 1 مىليون 285 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 19 مىليون 800 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ % 41ىنى ئىدىئانلار،% 39 ىنى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش سىستېمىسىدىكىلەر، % 19 ىنى ئاق تەنلىكلەر، قالغىنىنى باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان خەنزۇلار 30 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە خەنزۇلار بىر قەدەر كۆپ دۆلەتنىڭ بىرى، پېرۇنىڭ شەھەر ئاھالىسى % 61.8 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇ لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئىندىئانلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىنىڭ 95% ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يەرلىك خەلق گېگىيا تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ئىسپان تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پېرۇ خەلقى 10 - ئەسىردىن باشلاپ كوسكو شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا <ھېنگا ئىمپېرىيىسى> نى قۇرغان. 1531 - يىلىدىن 1821 - يىلغىچە ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1821 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1825 - يىلى پېرۇ جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان، 1971 - يىلى 11 - ئاينڭ 2 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. پېروكان سانائىتى بىلەن بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ جايدا ھەرخىل رەڭلىك مېتال كان بايلىقلىرى مول، بۇنىڭ ئىچىدە مىس، قوغۇشۇن، سېنك، ۋىسموت، كۈمۈش قاتارلىقلارنىڭ قېزىلىشى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇلارىدىن باشقا نېفىت، تۆمۈر، ئۇران قاتارلىق كان بايلىقلىرىمۇ خېلى مول. پېرۇنىڭ سانائەت مەھسۇلات قىممىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى تۇرىدۇ. پېرۇ دۇنيادىكى ئاتاقلىق مىس ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. كان سانائىتىدىن باشقا پولات - تۆمۈر، توقۇمىچىلىق، شېكەر ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت، بېلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىمۇ خېلى تەرەققىي قىلغان. پېرۇ يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىنىڭ% 45 يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. پېرۇدا قەدىمدىن تارتىپ كۆممىقوناق ئۆستۈرۈلۈپ كەلگەن، شۇڭا بۇ جايغا يەرلىك ئىندىئان خەلقلىرى پېروغا <كۆممىقوناق ئامبىرى> دەپ نام بەرگەن. ھازىر دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆستۈرۈلۈۋاتقان كۆممىقوناق لاتىن ئامېرىكىسىدىن تارقالغان. پېرو يېزا ئىگىلىكىدە ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن شېكەر قۇمۇشى، كېۋەز، كوفې قاتارلىقلارنى ئۆستۈرىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن كۆممىقوناق، بۇغداي، شال قاتارلىقلارنى ئۆستۈرىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. پېرو دۇنيا بويىچە بېلىق مەھسۇلاتى، بېلىق پاراشوكىنى كۆپ ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. پېرۇنىڭ تولۇق نامى <پېرۇ جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. ئۇ ئىندىئانلار قۇرغان ئىنكا ئىمپېرىيسىنىڭ جايلاشقان يېرى. 16 - ئەسىردە ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى پاناما قىساڭىدىن بۇ جايغا كېلىپ ئۇنى پېرۇ (Peru) دەپ ئاتىغان. بۇ نامنىڭ ئۈچ خىل يېشىلمىسى بار: بىرىنچى، پېرۇ سۆزى ئىندىئان كاچويە تىلىدا <پېرۇئا> بولۇپ، مەنىسى <كۆمىقوناق ئامبىرى> ياكى <كۆمىقوناق باشىقى> بولىدۇ. چۈنكى ئەينى چاغدا بۇ جاينىڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى كۆممىقوناق بولغان؛ ئىككىنچى، پېرۇنىڭ شىمالىدىن تىنچ ئوكيانغا قويۇلىدىغان كىچىك دەرياBiru ياكى Piru نىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىندىئان تىلىدا ئۇنىڭ مەنىسى ئېھتىمال <دەريا> بولۇشى مۇمكىن؛ ئۈچىنچى، بىر ئىندىئان قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ يەرلىك ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى بىلەن جەك قىلغان. مىلادى 12 - ئەسىردىن 16 - ئەسىرگىچە پېرۇ ئىندىئانلار قۇرغان ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ جايلاشقان ئورنى بولغان. 1531 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1821 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، پېرۇ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. پېرۇنىڭ يەر مەيدانى 1.285215 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 23 مىليون. ئىندىئانلار % 41نى، شالغۇت نەسىللىكلەر % 36نى، ئاق تەنلىكلەر 19%نى، ئاسىيالىقلار% 4نى ئىگىلەيدۇ. ئىسپان ۋە كاچۇيە تىلى قوللىنىلىدۇ. كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىنىدۇ. پايتەختى لىما، پۇل بىرلىكى سول. پېرۇ دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل ۋە ئاق رەڭنى پېرۇنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ياردەم قىلغان ئارگېنتىنالىق گېنرال يۇسې سان مارتىن تاللىغان. 1820 - يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكە ئارمىيىسىگە قارشى بىر قېتىمقى جەڭدە كۆكرىكى قىزىل، قانىتى ئاق بىر ئوتقۇشى يىراقتىن ئۇچۇپ كېلىپ، پېرۇ ئارمىيىسىنىڭ بېشىىدا بەخرامان ئايلانغانىكەن. پېرۇ ئەسكەرلىرى خۇددى ئىلاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندەك بولۇپ، دۈشمەنلەرنى بىر يولىلا تارمار قىلغانىكەن. گېنېرال سان مارتىن چەكسىز ھاياجانلانغان ھالدا < ھۆرىيەت قۇشقا رەھمەت، قىزىل رەڭ بىلەن ئاق رەڭنى ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى قىلىشىمىز كېرەك > دېگەنىكەن. پېرۇ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەت بايرىقىنى تۈزگەندە قىزىل رەڭ بىلەن ئاق رەڭنى بايراققا ئىشلەتكەن. ئەڭ بۇرۇنقى پېرۇ دۆلەت بايرىقى قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك تۆت ئۈچبۇلۇڭدىن تەركىب تاپقان. 1822 - يىلى يەنە قىزىل، ئاق ۋە قىزىل ئۈچ پاراللېل تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلدىن تەركىب تاپقان، ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربىنىڭ سۈرىتى سىزىلغان. قىزىل رەڭ باتۇرلۇق بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى مەدھىيىلىگەن، ئاق رەڭ تىنچلىق بىلەن تەرەققىياتنى نامايان قىلغان؛ قىزىل رەڭ بىلەن ئاق رەڭ پەرۋاز قىلۋاتقان قۇشق ئوخشىتىلغان. دۆلەت گېربىگە ئۈچ خىل كۆرۈنۈش سىزىلغان: ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكىسى بىر تۈپ يېشىل خېنىن دەرىخى بولۇپ، پېرۇنىڭ ئورمان ۋە يېزا ئىگىلىكىنى، سول تەرەپنىڭ ئۈستىدە ئامېرىك قىتئەسىدە ياشايدىغان بىر ئالتۇن رەڭلىك ئۆركەشسىز تۆگىئات بولۇپ پېرۇنىڭ ئەتىۋارلىق ھايۋاناتلىرىنى بىلدۈرگەن؛ ئاستىدىكى ئالتۇن تەڭگە تۆكۈلۈپ تۇرغان ئالتۇن رەڭلىك قوي مۈڭگۈزى دۆلەتنڭ بايلىق بىلەن ئاند تېغى ئاستىدىكى مول قېزىلما بايلقىنى بىلدۈرگەن؛ دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسى قىزىل لېنىتىغا باغلانغان پالما ۋە لاۋېر شېخى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، غەلبىنىڭۇ شان - شۆھرىتىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنڭ ئىككى يېنى پېرۇنىڭ تۆت دۆلەت بايرىقى بىلەن بېزەلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر