تۇنىس
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
قەدىمكى كىچىك بازار
شىمالىي ئافرىقىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپى يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. مەيدانى 164 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. تونىسنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرى ئېگىزلىك، تاغلىقلار بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. بۇ جايلارنىڭ ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃14-℃18، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 400 مىللىمېتر، ئوتتۇرا قىسىملىرىنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى 200-400 مىللىمېترغا يېتىدۇ. جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئىقلىمىي سەھرايى كەبىر ئىقلىمىغا كىىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 200 مىللىمېتر ئەتراپىدا، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20 دىن يۇقىرى بولىدۇ. تۇنىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ماجردا دەرياسى تۇنىسنىڭ ئاساسىي دەرياسى بولۇپ، شىمالدىكى تاغلىقلانى شىمال، جەنۇب دەپ ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ. تۇنىسنىڭ ئاھالىسى 6 مىليون 966 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). بۇنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى ئەرەبلەر ئىگىلەيدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بېر - بېرلار، يەھۇدىللار ياشايدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر فرانسۇز تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. قەدىمدە تۇنىستا ئولتۇراقلاشقان بېر - بېر خەلقلىرى ئەڭ دەسلەپكى مەدەنىيەتنى ياراتقان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 814 - يىلى فنكىيىلىكلەر تۇنىس شەھىرىنىڭ يېنىدىكى دېڭىز ياقىسىدا كاتانگى شەھەرچىسىنى قۇرغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2 - ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. مىلادى 6 -ئەسىردە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 7 - ئەسىردە ئەرەبلەر كۆچۈپ كەلگەن. 11 - ئەسىردە مۇستەقىل كىنەزلىك بولۇپ قۇرۇلغان. 16 - ئەسىردە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1837 - يىلى فرانسىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن. 1881 - يىلى فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت بولغان. 1956 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مۇستەقىل پادىشاھلىق دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1957 - يىلى پادىشاھلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، تۇنىس جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. تۇنىس ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى پۈتۈن ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، ئارپا، ياغلىق، زەيتۇن، ئۈزۈم، خورما قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. تۇنىس ئاھالىسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا زەيتۇن دەرىخى ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. زەيتۇن مەھسۇلاتى دۇنيادا تۆتىنچى ئورۇندا، ئېكسپورتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. زەيتۇن دەرىخىدىن ياغ چىقىرىدۇ. تۇنىس چارۋىچىلىقىدا كالا، ئۆچكە، تۆگە قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ. تۇنىسنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. تۇنىسنىڭ كان سانائىتى 60 - يىللاردىن بۇيان خېلى چوڭ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئۇ فوسفات تۇزى ئىشلەپچىقىرىشتا ئافرىقا بويىچە ماراكەشتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. فوسفات تۇزىدىن قالسا نېفىت، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سېنك قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ خىل سانائەتلەردىن باشقا يەنە نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائەت، پولات - تۆمۈر، قۇرۇلۇش بىناكارلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. تۇنىس فرانسىيە بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئاساس قىلىدۇ. سىرتقا فوسفات تۇزى، نېفىت ھەم نېھفىت مەھسۇلاتلىرى، تۆمۈر رۇدىسى، ئۈزۈم ھارىقى، زەيتۇن يېغى ئېكسپورت قىلىدۇ. خام ئەشيا، ماشىنا ئۈسكۈنە، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.
تۇنىسنىڭ تولۇق نامى <تۇنىس جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، دۆلەت نامى پايتەخت نامىدىن كەلگەن، پايتەخت نامىنىڭ كېلىشىدە نەچچە خىل كۆز قاراش بار: بىرىنچى، بۇ نام ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى ئەسىردىكى گرېك تارىخچلىرى بولىۋىئو ۋە تئودورنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرۈلگەن. رىۋايەت قىلىنىشچە بۇ جايدا بۇرۇن بىر مۇناخ تۇرغان بولۇپ، كىشلەر ئۇنىڭ ئەتراپىدا پاناھلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن باردى - كەلدى قىلىشىدىكەن، كۆپچىلىك ئۇ مۇناخ تۇرغان جاينى <تۇانىس> دەپ ئاتايدىكەن، تۇنىس نامى شۇنىڭدىن كەلگەن؛ ئىككىنچى رىۋايەت قىلىنىشچە، 3000 يىللار بورۇن تېئىر دۆلىتىدىكى فىنىكىيە ئايال پادىشاھى فىردونا ئاكىسى (شۇ چاغدىكى سىپروس ھۆكۈمدارى) دىن پاناھلىنىش ئۈچۈن، <ئېرىمنى ئۆلتۈرىۋەتتىم> دەپ داۋراڭ سېلىپ قويۇپ، ئېرىنى ئېلىپ كېمە بىلەن بۈگۈنكى تۇنىس شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىغا كىلۋالغان ئىكەن. كېيىن ئۇ بۇ جايدا بىر كىچىك بازار قۇرۇپ، كارفاگىن دەپ نام قويۇپتۇ، بۇ كارفاگىنىيە شەھىرى (بۇ شەھەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 841 - يىلى سېلىنغان) نىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي بازارنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا يەنە بىر يېڭى شەھەر سېلىپ، <تىنىس> دەپ ئاتىغان ئىكەن، مانا بۇ ئەڭ بۇرۇنقى تۇنىس شەھىرىدۇر؛ ئۈچىنچى، مىلادى 698 - يىلى ھەسەن ئىبنى نوئىمان باشلىغان ئەرەب يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنلىرى دېڭىزدىن ئۆتۈپ، تۇنىس رايونىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ كارفاگىنىيە شەھەر خارابىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا يېڭى پايتەخت - تۇنىس شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. تۇنىس شەھىرىنىڭ يەنە ئىككى خىل چۈشەندۈرۈلىشى بار بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى، فىنىكىيىلىكلەر بەيئەت قىلىدىغان ئايال ئىلاھ <تاننىس> تىن كەلگەن، ئۇ يورۇقلۇققا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، دائىم چىرايلىق ئايال سۈپىتىدە سۈرەتلىنىدۇ؛ ئىككىنچىسى، شۇ جايدىكى <تۇنىس> (ياكى تىنسى) ناملىق بىر قەدىمكى كەنتنىڭ نامىدىن ئېلىنغان بولۇپ، فىنىكىيلىكلەر قويغان ھەم ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن بىردىنبىر يەر نامى. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تۇنىس شەھىرنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئافرىقىسىنىڭ مەركىزى بولغان. 13 - ئەسىردە ئۇ شەرقىي مەغرىب ھاپىز سۇلالىسى (بۈگۈنكى تۇنىس دۆلىتىنىڭ دەسلەپكى شەكلى) نىڭ پايتەختى بولغان. 1574 - يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان. 1881 - يىلى فىرانسىيىنىڭ <ھامىلىقىدىكى دۆلەت> كە ئايلىنىپ قېلىپ، 1956 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىن مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. 1957 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، پادىشاھنى بىكار قىلىۋېتىپ، تۇنىس جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
تۇنىسنىڭ يەر مەيدانى 164.15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 8 مىليون 785 مىڭ. بۇنىڭ % 90ى ئەرەبلەر، يەنە بەربەرلەر، فرانسۇزلار، ئىتالىيانلار بار. ئىسلام دىنى ۋە ئەرەب تىلى دۆلەت دەرىجىسىدە مۇھاپىزەت قىلىنىدۇ. پايتەختى تۇنىس شەھىرى، پۇل بىرلىكى تۇنىس دىنارى.
تۇنسىنىڭ تارىخىنى ئازراقلا تەتقىق قىلىدىغان بولساق، تۇنىسنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىزچىل يېقىن بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايقىۋالالايمىز. 16 - ئەسىردىن كېيىن باشلاپ تۈركىيە ئوسمان ئىمپېرىيىسى تۇنىس خاندانلىقىنىڭ خانىنى بەلگىلەپ بەرگەن. تۇنىس دۆلەت بايرىقىنىڭ تارىخىنى ئاشۇ دەۋرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولدۇ. ھىلال ئاي بىلەن بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز دەل ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئىمپېرىيىنىڭ خارابىلىشىشىغا ئەگىشىپ، 1881 - يىلى تۇنىس فرانسىيىنىڭ < ھىمايە> ئاستىدىكى دۆلىتى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن بۇيان، تۇنىس خەلقى ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقىماي، قان تۆكۈپ، 1956 - يىلى مارتتا باشقىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئاخىر قۇتۇلۇپ پادىشاھلىق دۆلەتنى قۇرغان؛ 1957 - يىلى تۈزۈلمىسىنى جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتكەن. تۇنىسنىڭ دۆلەت بايرىقى تۈركىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، تۇنىس دۆلەت بايرىقى قىزىل بولۇپ، ئوتتۇرىسغا بىر قىزىل ھىلال ئاي بىلەن بىر بەش بۇرجەكىلىك قىزىل يۇلتۇز ئېلىنغان ئاق چەمبەر سىزىلغان. بۇ قويۇق ئىسلام تۈسىگە ئىگە بايراقتۇر.
تۇنىسنىڭ قالقانسىمان دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستى قىسىمىغا ئوكيانغا مېڭىۋاتقان بىر قەدىككى ئاق يەلكەنلىك كېمە سىزىلغان بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن مۇشۇ زېمىنغا كەلگەن فىنكىيلىكلەر خاترىلەنگەن، تۇنىسنىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى سودىسىنىڭ ئۇزاق تارىخىمۇ ئىپادىلەنگەن. قالقاننىڭ سول يېنىدىكى قارا تارازا ئادىللىق بىلەن تىنىچلىقنىڭ سىمۋولىدۇر؛ ئوڭ يېنىدىكى قىزىل جايىغا قىلىچ ئويىنىتۋاتقان بىر قارا شىر سىزىلغان بولۇپ، تارىختا تۇنىسنىڭ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسىمى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئۈستىگە دۆلەت بايرىقىغا ئوخشاش ھىلال ئاي بىلەن بەش بۇرجەكىلىك قىزىل يۇلتۇز چىقىرىلغان. قالقاننىڭ ئۈستىدىن ھالقىپ تۇرغان بىر ئەق لېنتىغا ئەرەبچە < تەرتىپ، ئەركىن، ئادالەت> دېگەن خەت يېزىلغان.