لىۋان
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
ئاق تاغ دۆلىتى
يەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسىمغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى تاغلىقلار، ئېگىزلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ، يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدا تار سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلەر بار. شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان لىۋان تاغلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 240 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2100 مېتىر، ئەڭ ئېگىز كۇرنات - ئەس سەئۇدا چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 3088 مېتىر كېلىدۇ، بۇ تاغلىقنىڭ ئېگىز قىسىملىرى قىش پەسلى قېلىن قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ جايدا قىشلىق چانا تېيىلىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياز پەسلىمۇ تاغنىڭ ئېگىز چوققىلىرىدا قار ساقلىنىپ تۇرىدۇ. لىۋاننىڭ ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ھاۋاسى يازلىقى قۇرغاق، ئاز يامغۇرلۇق، قىشلىقى يىللىق، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ. ھۆل - يېغىنى قىش پەسلىگە مەركەزلەشكەن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىر، تاغلىقلاردا 1000 مىللىمېتىردىن سەل يۇقىرىراق بولىدۇ. لىۋاننىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاق بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە بۇغداي تېرىلىدۇ، ھەرخىل مېۋە، سەي ئۆستۈرۈلىدۇ. لىۋاننىڭ يەر مەيدانى 10 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 3 مىليون 160 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەبلەردىن باشقا تۈرك، ئەرمەن، گرېك قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. دىنىي جەھەتتىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئاھالىنىڭ تەڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. لىۋاندا ئولتۇراقلاشقان ئەرەبلىرىنىڭ بىر قىسمى خرىستىئان ۋە كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، شۇڭا بۇ جايدا دىننى ئاساس قىلغان مىللىي ماجىرا ۋە شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان مۇرەككەپ مىللىي زىددىيەتلەر توختىماستىن داۋاملاشماقتا. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. فرانسۇز ۋە ئىنگلىز تىللىرىنىمۇ قوللىنىدۇ، لىۋان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئورۇن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پىنكىيىنىڭ بىر قىسمى بولغان، كېيىن ئارقا - ئارقىدىن مىسىر، ئاسۇرىيە، بابىل، پېرسىيە، رىم، ئەرەب، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىدا بولغان، 1943 - يىلى مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ بۇ جاينى ئىگىلەپ تۇرغان قىسىملىرى 1946 - يىلى 8 - ئايدا چېكىنىپ چىققان. 1971 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. لىۋان ىقتىسادىي جەھەتتىن سودا - سېتىق، يېنىك سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ تارماقنى ئاساس قىلىدۇ. پايتەختى بېروتقا دۆلەتنىڭ مۇھىم سودا - سانائەت ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق بانكىلار مەركەزلەشكەن. بېروت خەلقئارادىكى مۇھىم ئەركىن پورت، مۇھىم خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە مەركىزى، لىۋان بانكا ساھەسىدىن كۆپ كىرىم قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ھەرخىل مېۋە ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، غەربىي ئاسىيا بويىچە مۇھىم مېۋە - چېۋە ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈش خەلق ئىگىلىكىدە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مېۋىدىن قالسا ھەرخىل سەي، بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتەلمەيدۇ. سانائەتتە توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، ئاياغ كىيىم قاتارلىق يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆلىمى خېلى چوڭ بولغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، سېمونت، رەڭلىك مېتال قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، لىۋاننىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان.
لىۋاننىڭ تولۇق نامى <لىۋان جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىغا، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى لىۋان تېفىنىڭ نامىدىن كەلگەن. لىۋان تاغ تىزمىسىنىڭ قەدىمكى نامى لاتىنچە <لىۋانۇس تېغى>، گرېكچە <لىۋانۇس تېغى>، ئەرەبچە بولسا <لىبىنان تېغى> دەپ ئاتالغان. بۇ قەدىمكى ناملارنىڭ ئورتاق سۆز تومۇرى <لىۋان> سام تىلدا <ئاق> دېگەن مەنىدە بولغاچقا، ھازىرقى لېۋان تېغىمۇ <ئاق تاغ> دېگەنلىك بولىدۇ. لىۋان تېفى ھاك جىنسىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سۇس ئاق رەڭلىڭ، يەنە دېڭىز قىرغىقى بىلەن پاراللېل پاراللېل كەتكەن نۇرغۇن تاغلىقلاردا يىلمۇ يىل ئېرىمەس قار بىلەن قاپلانغان چوققىلار سوزۇلۇپ ياتىدۇ، شۇڭا، <ئاق چوققا> دېگەنلىك چوققىلاردىكى قار ياكى ئاق رەڭلىك ھاك جىنسلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، لىۋان دۆلەت نامىدا ئىشلىتىلگەندە <ئاق تاغ دۆلىتى> دىگەن مەنىدە بولىدۇ. لىۋان ئەسلى قەدىمكى فىنىكىيەنىڭ بىر قىسمى بولۇپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 - يىلدىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مىسىر، ئاسسورىيە، بابىلون ۋە رىملارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، مىلادى 7 - ئەسىردىن 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئەرەب ئېمپېرىيىسىگە قوشۇۋالغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىدىكى رايون بولغان. 1941 - يىلى 6 - ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىگىلىۋالغان، 1943 - يىلى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، لىۋان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.
لىۋاننىڭ يەر مەيدانى 104000 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاھالىسى 3 مىليون 850 مىڭ، ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئەرەبلەر، قالغىنى ئەرمەن، تۈرك ۋە گرېكلار. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى، ئاھالىسىنىڭ يېرىمى ئىسلام دىنىغا، قالغىنى خرىستىئان دىنىغا مالون مەزھىپى، كاتولىك دىنى، پروتىستانت دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى بېيروت پۇل بىرلىكى لىۋان فوندى.
قەدىمكى كېدىر قارىغىيى لىۋاننىڭ دەرىخى، لىۋان خەلقىنىڭ ئىپتىخارى. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىغاجايلاشقان لىۋان تاغلىق دۆلەت بۇلۇپ، يىل بويى قار ئېرىمىگەچكە < قارلىق تاغ دۆلىتى > دەپ ئاتالغان؛ لىۋاننىڭ تاغلىرى ئېگىز ھەم تۇمانلىق، ھاۋاسى سۈزۈك، تۇپرىقى ياخشى، ھۆل- يېغىنى مۇۋاپىق. ئەۋزەل تەبئىي شارائىت كېدىر قارىغىيىنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن مۇۋاپىق كەلگەچكە، بۇ يەردەكېدىر قاىغىيى بۈك - باراقسان ئاونانلىققا ئايلانغان. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇرۇنلا كېدىر قارىغىيى بۇ زېمىندا يىلتىز تارتقان، < ئىنجىل> دا لىۋاننىڭ كېدىر قارىغىيىنى <قارىغايلارنىڭ شاھى> دەپ تەرىپلەپ، كېدىر قاىغايغا مۇقەددەس تۈس قوشقان، لىۋانلىقلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدۇ.
لىۋان دۆلەت بايرىقىدابىر تۈپ تىك تۇرغان، يېشىل كېدىر قارىغىيى بۇلۇپ، راۋاقسىمان يېشىل تاجىلار چىرايلىق ھەم مەزمۇت، شاخلىرى توم ھەم چىڭ كۆرۈنىدۇ، ئۇ كۈچ، مۇقەددەس ۋە مەڭگۈلۈكنىڭ سىمۋولى بولۇپ، لىۋان خەلقىنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس مىللىي روھى ئىپادىلەنگەن. تىنىچلىقنى بىلدۈردىغان ئاق رەڭ ئاپئاق قاغا قەدىمكى كېدىر قارىغىيىنىڭ شولىسى چۈشۈپ تۇرغاندەك تەمكىن ھەم مۇسبەت كۆرۈنۈپ، كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇردىغان ئالەمشۇمۇل تارىخىنى نامايان قىلغان؛ لىۋان خەلقىنىڭ پىداكارلىق روھىنىڭ سىمۋولى بولغان ئاستى ۋە ئۈستىدىكى ئىككى قىزىل بەلدەم تارىخ ۋە رېئاللىقنى بىرلەشتۈرگەن.
دۆلەت گېرىبىدىكى سۈرەت دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش، گېرب ئاستىدىكى بېزەككە ئەرەبچە ۋە فرانسۇزچە < لىۋان جۇمھۇرىيىتى " دېگەن دۆلەت نامى يېزىلغان.