UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرشۋېتسارىيە

شۋېتسارىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا كۆيىۋاتقان ئورماندىكى دۆلەت ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت، ئۇنىڭ يېرىنىڭ كۆپىنى تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ، پەقەت دەريا، كۆل بويلىرىدىلا تار تۈزلەڭلىكلەر بار. ئۇنىڭ ئىچىدە 28 دەريا، چوڭ - كىچىك 100 دىن ئارتۇق كۆل بار. يەر مەيدانى 41 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 6 مىليون 400 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). ئاھالىنىڭ 65% ى نېمىس تىلىدا، 18% ى فرانسۇز تىلىدا،% 12 ى ئىتالىيە تىلىدا، %1 لاتىن رىم تىلىدا سۆزلەيدۇ، %4 خەلق باشقا خىل تىللارنى قوللىنىدۇ. شۋېتسارىيە ئاھالىسى ئىچىدە چەت ئەل مۇھاجىرلىرىنىڭ سانى 956 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ 49% كاتولىك دىنىغا، %48 خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. نېمىس تىلى، فرانسۇز تىلى، ئىتالىيە تىلى ۋە لاتىن تىلى رەسمىي دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. شۋېتسارىيە 11 - ئەسىردىن باشلاپ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. 1291 - يىلى بىرنەچچە ئوبلاست بىرلىشىپ ئۆz ۋاقتىدىكى خابۇس پادىشاھقا قارشى ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشقان. بۇ ئىتتىپاق ھازىرقى شۋېتسارىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ شەكىللەنگەن. 1648 - يىلى مۇستەقىل بولغان، شۋېتسارىيە 16 - ئەسىردىن باشلاپ خەلقئارا ئىشلاردا بىتەرەپلىك سىياسەتنى ئىجرا قىلىپ كەلدى. 1815 - يىلى ۋېينا يىغىنىدا شۋېتسارىيىنىڭ مەڭگۈ بىتەرەپلىك ئورنى ئېتىر4قىلىندى، كېيىنكى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپلىك سىياسەتنى يۈرگۈزدى. شۋېتسارىيە تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتى، ئۇ خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىم قىلىنىشى جەھەتتە خېلى يىللاردىن بۇيان دۇنيادا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلمەكتە. شۋېتسارىيىە سانائىتى خەلق ئىگىلىكىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. كاپىتال مەركەزلەشكەن، سانائىتىدە بولۇپمۇ ماشىنىسازلىق، ھەرخىل نازۇك ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيە سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سائەت ياساش سانائىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان، شۇڭا ئۇنى <سائەت دۆلىتى> دەپمۇ ئاتايدۇ. شۋېتسارىيە تاغلىق دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، يېزائ ىگىلىكىدە چارۋىچىلىق ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چ ارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %75 نى ئىگىلەيدۇ، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، قارا بۇغداي، ياڭيۇ، قىزىلچا، ئۈزۈم قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. شۋېتسارىيە ئىشلەپچىقارغان سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ %90 نى ئېكسپورت قىلىدۇ، سىرتتىن خام ئەشيا، يېقىلغۇ، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. شۋېتسارىيىنىڭ ھاۋاسى يىللىق، مەنزىرىسى گۈزەل بولغانلىقتىن ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ئاھالىنىڭ خېلى بىر قىسمى ساياھەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۋېتسارىيىنىڭ مۇل - مۇئامىلە ئىشلىرى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق پۇل - مۇئامىلە دۆلىتىنىڭ بىرى. شۋېتسارىيىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى بەك تەرەققىي قىلغان. پۈتۈن دۆلەت بويىچە 62 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاشيولك، 5000 كىلومېتىر تۆمۈريول، 2 مىليوندىن ئوشۇق ھەرخىل قاتناش ۋاسىتىسى بار. تۆمۈر يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئېلېكترلەشكەن. شۋېتسارىيىنىڭ تولۇق نامى <شۋېتسارىيە فېدىراتسىيىسى> بولۇپ، ئوتتۇرا ياۋرۇپانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تاغلىقلار كۆپ بولغان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. دۆلەت نامى دۆلەت ئىچىدىكى بىر شتاتىنىڭ نامى <شۋېت> تىن كەلگەن. قەدىمكى كائوت تىلدا <شىۋېت> نىڭ <كۆيمەك> دېگەن مەنىسى بار. چۈنكى، بۇ رايون ئەسلى بىر پارچە ئورمانلىق بولۇپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۋەتكەندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى شۋېتسارىيىلىكلەر بۇ جايدا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان، 1291 - يىلى دۆلەت قۇرۇلغان. قەدىمدە بۇ جايدا نۇرغۇنلىغان گېرمان ۋە رىملىقلارنىڭ قەبىلىسى بولۇپ، ئاۋسترىيە ھابىسىبورگ سۇلالىسىنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، شۋېتسارىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۈچ شتات (شۋېت، ئوررى ۋە ۋىنىت ۋاردىن) تىكى مىللەتلەر ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۆزلىرىنى <فېدېراتسىيە ئەزاسى> ياكى <فېدىراتسىيە> دەپ ئاتاشقان. فېدېراتسىيىنىڭ ئىچىدە شۋېت (گېرمانچە <چارۋىچىلىق> ياكى <سۈت مەھسۇلاتلىرى> دېگەنلىك بولۇپ، بۇ جاي قەدىمدىن سۈت كالىسى بېقىش بىلەن مەشھۇر بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان) نىڭ كۈچى ئەڭ زور بولغاچقا، ئىتتىپاق قۇرۇلغان چاغدا ئۇنىڭ نامى <شۋېت> نىڭ ئىسمى بىلەن <شۋىتاسرىيە> دەپ ئاتالغان. كېيىنچە يەنە بىر قانچە مىللەتنى قوشۇۋېلىپ، تەدرىجى ھالدا بۈگۈنكى شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن، گېرمانچە قەدىمكى نامى <شۋېت> فرانسۇزچىدا <شىۋىتسارىيە>گە، ئىتالىيانچە <سىۋىزلاند> قا، ھازىرقى زامان گېرمانچىدا بولسا <شۋىز> گە ئۆزگىرىپ يېزىلىدۇ. ھازىر، شۋېتسارىيىدە نېمىسچە، فرانسۇزچە ۋە ئىتالىيانچە ئۈچ خىل تىل ئوخشاش ۋاقىتتا تەڭ قوللىنىلىدۇ، 1648 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىق جاكارلاپ، بىتەرەپ دۆلەت قۇرغان. 1798 - يىلى ناپالىئون شۋېتسارىيىنى بېسىۋالغان چاغدا بىر مەزگىل ھارۋىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1815 - يىلىدىكى ۋيېنا يىغىنى ئۇنى مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان. 1848 - يىل ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىپ رەسمىي ھالدا بىرلىككە كەلگەن فېدېراپ دۆلەت بولغان. شۋېتسارىيىنىڭ يەر مەيدانى 41.3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 6 مىليون 988 مىڭ. بۇنىڭ % 62.8ى گېرمانلار، % 16.9ى فىرانسۇزلار، % 3.5ى ئىتالىيانلار. خىرىستىئان ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. نېمىس ۋە فرانسۇز ۋە ئىتالىيان تىللىرى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى بېرىن، پۇل بىرلىكى فرانك. شۋېتسارىيە دۆلەت بايرىقى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى فرېدرىچ Ⅱ شۋيېتتىس شىتاتىدىكى كىشلەرگە ئەركىنلىكنىڭ بەلگىسى قىلىشىغا ئىنئام قىلغان بايراقتىن كەلگەن. 1240 - يىلى شۋيېتتىس شىتاتىدىكى خەلقلەر خۇببۇسبورگ خان جەمەتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى باتۇرانە كۈرەش ئېلىپ بارغاندا مۇشۇ بايراقنى ئىشلەتكەن. كېيىنكى يىللاردا بۇ بايراق يەنە كۆپ قېتىم جەڭلەردە ئىشلىتىلىپ، ئىس - تۈتەك قاپلىغان جەڭلەردە جەۋلان قىلىنپ، خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ئىلھام بەرگەن. يىلنامىدە خاتىرىلىنىشىچە 1339 - يىلى تۆرىلەرگە قارشى ئىتتىپاقىنىڭ قوزغىلاڭچىلىرى ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا ئاق كرېستىلىك بىر قىزىل بايراقنى ھەربىي بايرىقى قىلغان. چۈنكى، قوزغىلاڭچىلار مىللەتنىڭ ئەركىن - ئازادلىقى خۇددى مۇقەددەس كرېسىتكە ئوخشاش بىر مۇقەددەس ئىش، بايراقنىڭ تېگىنى قىزىل قىلىش ئىلاھىنىڭ قىزىل نۇر ئاستىدا نازىل بولۇپ خەلق بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنىڭ سىمۋولدۇر دەپ قارىغان. كېيىن ياۋروپا ئەھلىسەلىپىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىش مەزگىلىدە ئاق كرېسىتلىك قىزىل بايراق شۋېتسارىيىنىڭ سىمۋولغا ئايلانغان. 14 - ئەسىردە شۋېتسارىيىدىكى بىر دېھقانلار بىرلەشمىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ھەمدە غەلبە قىلغاندىمۇ ئىلاھ ئىنئام قىلغان مۇشۇ بايراقنى بەلگە قىلغان. 1848 - يىلى شۋېتسارىيە يېڭى فېدراتىپىنىڭ ئاساىي قانۇنىغا ئاساسەن، ئاق كرېسىتلىك قىزىل بايراقنى شۋېتسارىيىنىڭ دۆلەت قىلىشىنى ۋە دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى بولۇشنى رەسمىي بەلگىلىگەن. دۆلەت گېربى ئاق كېرسىتلىك قىزىل بايراق سىزىلغان بىر قالقانسىمان گېرب بولۇپ، مەنىسى دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر