UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرجۇڭگو

جۇڭگو

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا مەركىزىي دۆلەت جۇڭگونىڭ تولۇق نامى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى>بولۇپ، ئاسىيانىڭ شەرقى، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان. <جۇڭگو> دېگەن نام ئەڭ بۇرۇن غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە پەيدا بولغان، مەنىسى <مەركىزىي دۆلەت>. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 3000يىل بۇرۇنلا، جوگوڭ ياڭچېڭدا (ھازىرقى خېنەننىڭ دىڭفېڭ دېگەن يېرى) بادرا بىلەن كۈن سايىسىنى ئۆلچىگەندە، يازنىڭ شۇ كۈنى چۈشتە شەككىز چىلىق بادرا ئەتراپىدىكى بارلىق شەيئىدە كۈن سايىسى يوقلۇقىنى ئۆلچەپ بىلىپ، بۇ دەل زېمىننىڭ مەركىزى ئىكەن دەپ تونۇغاچقا، جۇ سۇلالىسى بۇنى جۇڭگو دەپ ئاتىغان. <جۇڭگو> دېگەنسۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئاساسەن ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش بار: بىرىنچى، <جۇڭگو> دېگەن ئىككى خەتنىڭ پايتەخت، ئاستانە مەنىسى بار. ئەڭ بۇرۇنقى پاكىت <نەزمىنامە، سىپايىلىك، ئەل ئەمگىكى>دە: <ئەل ئەمگەك بىلەن روناق تاپىدۇ، ئەل ئەمگىكى ھۆكۈمدارنى باياشات قىلىدۇ، ھاكىم ئاۋال ئۆز قېشىدىكى ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، ئاندىن جاھاننى ئاسايىش تاپقۇزىدۇ> دېيىلگەن. ئېيتىشلارچە، بۇ نەچچە مىسرا شېئىر زالىم پادىشاھ جۇلىۋاڭغا نەسىھەت ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاۋۋال پايتەخت خەلقىنى ئىززەتلەشتىن باشلاپ، ئاندىن بۇنى كېڭەيتىپ جاھاننى ئاسايىش تاپقۇزۇش ئېيتىلغان. خەن دەۋرىدىكى <نەزمىنامە> تەتقىقاتچىسى ماۋچاڭ <مەركەز ئېلىنى ئىززەتلەپ، جاھاننى ئاسايىش ئېتىش> دېگەن مىسرالارغا ئالاھىدە يەشمە بېرىپ: <جۇڭگو پايتەخت دېمەكتۇر> دېگەن. <مېڭزى>دېگەن كىتابتا چى پادىشاھىنىڭ ۋەزىرلەرگە قىلغان مۇنداق سۆزى خاتىرىلەنگەن: <مەن مېڭزىغا جۇڭگودىن تۇرالغۇ بېرەي دەيمەن>. ھازىرقى مەنىسىدىن ئېيتقاندا، بۇنىڭ مەنىسى پايتەختتە مېڭزىغا ئۆي سېلىپ بېرىش بولىدۇ. خەن دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئالىم لىيۇشىمۇ: <بەگشاھلارنىڭ ئوردىسى مەركەزدە، شۇڭا جۇڭگو دېيىلگەن> دەيدۇ؛ ئىككىنچى، جۇڭگو دېگەن سۆز قەدىمدە خۇاشيا مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوننى كۆرسىتىدۇ. خۇاڭخې دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۆشۈكى، ئۇنىڭ جەنۇب ـ شىمالى قەدىمدە ئوتتۇرا زېمىن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دەپ ئاتالغان ياكى جۇڭشىيا، جۇڭخۇا، شۇنداقلا يەنە جۇڭگو دەپمۇ ئاتالغان. <تارىخنامە، چۇ جەمەتى>دە: <بىز ياتلار، جۇڭگونىڭ نەسەب نامى يوق>دەپ يېزىلغان. ئەينى چاغلاردا چۇ يېرى چاڭجياڭنىڭ ئوتتۇراتۆۋەن ئېقىمى رايونى بولۇپ، بۇ يەردە ئېيتىلغان جۇڭگو ئەمەلىيەتتە خۇاڭخې ساھىلىدىكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۆتمۈشتە دۆلەت بەزىدە بىرلىككە كېلىپ، بەزىدە پارچىلىنىپ تۇرغان ئىدى. بىرلىككە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇمۇمەن پۈتۈن مەملىكەتنى،پارچىلانغاندا بولسا كۆپىنچە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى كۆرسەتكەن. شاھلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى تېررىتورىيىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ جۇڭگو دېگەن سۆزنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئوخشاش بولمىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى پۈتكۈل زېمىن جۇڭگونى ئۆزىنىڭ ئالماش نامى قىلغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىنلا، <جۇڭگو> ئاندىن دۆلەتنىڭ پۈتكۈل تەۋەلىكىنىڭ مەخسۇس ئاتىلىشى بولۇپ، باشقا ناملاردا ئىشلىتىلمەيدىغان بولغان (جۇڭگو دېگەن نامنىڭ دىپلوماتىيە ھۆججەتلىرىدە كۆرۈلۈشى 1842 - يىلىدىكى <نەنجىڭ شەرتنامىسى> دە بولغان). شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، 1912 - يىلى مىنگو قۇرۇلۇپ، شۇ چاغدىكى خەنزۇ، مانجۇ، موڭغۇل، مۇسۇلمان، تىبەتتىن ئىبارەت بەش چوڭ مىللەتنى بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت نامىنى جۇڭخۇا قىلىپ بېكىتكەن. بۇنىڭ تولۇق ئاتىلىشى <جۇڭخۇا مىنگو>، قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى <جۇڭگو> بولۇپ، شۇ چاغدىلا جۇڭگو ئاندىن ھەقىقىي ھالدا ھازىرقى زامان دۆلىتى مەنىسىگە ئىگە رەسمىي ئاتالغۇ بولغان. 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا، دۆلەت نامىنى <جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى>، قىسقىچە <جۇڭگو>دەپ بېكىتكەن. جۇڭگونىڭ يەر مەيدانى 9.6 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1 مىليارد 300 مىليون،پايتەختى بېيجىڭ. چوڭ مىللەتلەردىن خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇ، ئويغۇر قاتارلىقلار بار. خەنزۇلار ئاھالىنىڭ% 92 نى تەشكىل قىلىدۇ، خەنزۇ تىل ـ يېزىقىنى قوللىنىدۇ. قالغان چوڭراق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز ئاپتونوم رايونىدا ئانا تىلنى ھاكىمىيەت تىلى قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى ۋە خرىستئان دىنلىرىغا ھەر قايسى مىللەتلەر ئوخشىمىغان نوقتىدىن ئېتىقاد قىلىدۇ. پۇل بىرلىكى يۈەن. 1949- يىل 1-ئۆكتەبىر كۈنى، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كومپارتىيسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇزاق مۇددەتلىك. جاپالىق ۋەئاجايىپ باتۇرانە كۈرەشلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنى قۇردى.بەش بۈرجەكلىك يولتۇزلۇق قىزىل بايراق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى بولدى. قىزىل بايراقنىڭ سول ئۈستىگە بەش بۈرجەكلىك بەش سېرىق يۇلتۇز زىننەتلەنگەن؛ تۆت دانە بەش كىچىك يۇلتۇز بىربەش بۈرجەكلىك چوڭ يۇلتۇزنىڭ ئەتراپنى پۆرىدەپ تۇرغان بۇلۇپ،بەش بۈرجەكلىك كىچىك يۇلتۇزلارنىڭ بىردىن ئۈچى دەل بەش بۈرجەكلىك چوڭ يۇلتۇزنىڭ مەركىزىي نوقتىسىغا قارتىلغان. قىزىل رەڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ "4- ماي ھەرىكىتى" دىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئىنقىلابىي كۈرشىگە سىمۋۇل قىلىنغان؛ سېرىق بەش بۈرجەكلىك يۇلتۇزنىڭقىزىل زېمىنىدا نۇر چاقناپ تۇرۇشى،قاراڭغۇ زۇلمەتنى يېرىپ ئۆتۈپ پۈتۈن جۇڭگونى يۇرۇتقان نۇرغا سىمۋۇل قىلىنغان؛ بەش بۇرجەكلىك بەش يۇلتۇزنىڭ ئۆر ئارا مۇناسىۋىتى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېرىنى يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل زېمىندىكى ئالتۇن رەڭلىك يىيەنئەنمېن راۋىقى، ئونىڭ ئۈستىدىكى تۆت بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ئەگمە شەكىلدە تىزلغان بولۇپ، بىربەش بۇرجەكلىك چوڭ يۇلتۇزنى مەركەز قىلىپ گەۋدىلەندۈرگەن. دۆلەت گىربىنىڭ ئەتراپى ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي ۋە شال باشاقلىرى بىلەن يۇمىلاق ئايلانما بولۇپ شەكىللەنگەن . بۇغداي ۋەشال غولى كېسىشكەن جايى يۇمىلاق شەكىلدىكى چىشلىق چاق بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل ئوردېن لېنتىسى تارتىلىپ ، بۇغداي غولىغا كىرىشتۈرۈپ ئوڭ ۋە سول ئىككى تەرەپكە ساڭگىلىتىلىغان ھەمدە چىشلىق چاقنى ئاستى - ئۈستى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن. قزىل رەڭ بىلەن ئالتۇن رەڭنى بىرلەشتۈرۈپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەقەدەسلىكى ۋە ئۇلۇغلۇقى ئىپادىلەنگەن. دۆلەت گېرىبىدىكى سۈرەتلەر جۇڭگو خەلقىنىڭ <4 - ماي ھەرىكىتى > دىن بويانقى يېڭى دېموكراتىيە دىكتاتوريىسىدىكى يېڭى جۇڭگونىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر