UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرئەنگلىيە

ئەنگلىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا برىتانىيىلىكلەرنىڭ زېمىنى ياۋورپانىڭ غەربىگە جايلاشقان. ئۇ شىمالىي دېڭىز، دوۋر بوغۇزى (پا — دى كال بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئەنگلىيە بوغۇزى (لامانشى بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئارقىلىق ياۋروپا قۇرۇقلۇقى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. ئۇ تەبىئىي جەھەتتىن چوڭ برىتانىيە ئارىلى، ئېرلاندىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئەتراپىدىكى گېبرىد، ئوركىن، سېتلاند ئاراللىرى، فرانسىيە دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان نورماندسىن قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ برىتانىيە ئارىلى ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، ئوئېللىستىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئەنگلىيە چوڭ برىتانى ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. يەر مەيدانى 241 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 56 مىليون 340 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىنىڭ % 83 نى ئىنگلىزلار، قالغىنىنى ئوئېللىسلىقلار، شوتلاندىيلىكلەر ۋە ئېرلاندىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىئان دىنىغا، شىمالىي ئىرلاندىيىدىكى بىر قىسىم ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى قىسىم ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئوئېللىستىكى بىر قىسىم خەلق ئوئېللىس تىلىدا (كىلىت تىلىدا)، شوتلاندىيە بىلەن شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى بىر قىسىم خەلق گىل تىلىدا سۆزلىشىدۇ. پايتەختى لوندون شەھىرى. ئەنگلىيە ئېنگىلاند (لاتىنچە ئانگلىيا، ئانلىي) سۆزىدىن كېلىپ چىققان. ئانگلىي 430 - يىللىرى گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىن ئۇلۇغ برىتانىيە ئاراللىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان گېرمان قەبىلىسىنىڭ نامى. ئەنگلىيە دېگەن ناممۇ شۇنىڭغا ئاساسەن قويۇلغان ئەنگلىيىدە مىلادى 7 - ئەسىردە فېئوداللىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت شەكىللەنگەن. 15 - ئەسىرنى ئاخىرى كاپىتالىزمنىڭ ئېلېمېنتلىرى تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ 1640 - يىلدىن 1660 - يىلغىچە بولغا بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن، كاپىتالىزم تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ 19 - ئەسىردە دۇنيادا كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئىگىلىگەن مۇستەملىكىلىرىنىڭ مەيدانى ئۆز تېررىتورىيىسىدىن 150 ھەسسە ئوشۇق بولۇپ، بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا، تېررىتورىيىسىدە قۇياش ئولتۇرماس ئىمپېرىيە دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ سانائت ئىشلەپچىقىرىشى 1870 - يىلدىن 1890 - يىلغىچە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كېيىن چىققان ئامېرىكا، گېرمانىيىلەر ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. ئەنگلىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەتلەر قاتارىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فرانسىيىلەردىن قالسا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىقتىسادىدا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۇتقان سالمىقى ناھايىتى يۇقىدى. سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئەمگەك كۈچى پۈتۈن ئەمگەك كۈچىنىڭ % 48.7ىنى ئىگىلەيدۇ. سانائىتىدە ئەنئەنىۋى سانائىتى بولغان توقۇمىچىلىق، كۆمۈر سانائىتى، كېمىسازلىقلاردىن باشقا، يېڭىدىن تەرەققىي قىلغان ئاۋىئاتسىيە، ئېلېكتر، خىمىيە سانائەت، نېفىت، ئاپتوموبىل قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى خەلقئارادا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىر قانچە ئون مالىيە گۇرۇھى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. مەسىلە، ئۇنىڭ ئېغىر سانائىتىنى ئۈچ چوڭ مالىيە گۇرۇھى، ئاپتوموبىل سانائىتىنى تۆت چوڭ مالىيە گۇرۇھى، ئېلېكترون ۋە ئېلېكتر سانائىتىنى ئىكى چوڭ مالىيە گۇرۇھى كېمىسازلىق سانائىتىنى يەتتە چوڭ مالىيە گۇرۇھى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. 13 ئائىلىدىن تەشكىللەنگەن ئەنگلىيە پولات - تۆمۈر شىركىتى پۈتۈن پولات ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %90 نى كونترول قىلىدۇ. ئەنگلىيىنىڭ ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. تېرىقچىلىق زور دەرىجىدە ۋەيران بولغان، يېزا ئىگىلىكى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىدا تۇتقان نىسبىتى % 2.5 نى تەشكىل قىلىدۇ (1982)، يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ، قىزىلچا، ياغلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئاران% 50 نى تەمىنلەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى، چوشقا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. 1983 - يىللىق مەلۇمات بويىچە ئەنگلىيىدە بېقىلۋاتقان كالا، قوي 47 مىليون، چوشقا 8 مىليوندىن ئوشۇق. گۆش بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنىڭ % 98 نى تەمىنلەيدۇ. ئەنگلىيىنىڭ ئاساسىي سانائەت ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىغا مەركەزلەشكەن. بولۇپمۇ چوڭ لوندون رايونى، بېرمىنگېم، مانچېستر، لىۋېرپول، گلازگو شەھەرلىرى ئەڭ مۇھىم سانائەت رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ، گلازگو شەھەرلىرى ئەڭ مۇھىم سانائەت رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىدا لوندۇن — لىۋېرپول، جەنۇبىي گخمپىتون شەھەرلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەنگلىيىنىڭ تولۇق نامى <بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى> بولۇپ، قىسقارتىلىپ <بىرلەشمە پادىشاھلىق> دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە <بۈيۈك ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى>، <برىتانىيە ئىمپېرىيىسى>، <ئىنگىلاند>، <ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى> ۋە <ئەنگلىيە ئۈچ ئارىلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە <ئەنگلىيە> دەپ ئاتىلىدۇ، ياۋرۇپانىڭ غەربىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بۈيۈك برىتانىيە ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى ئىنگىلاند رايونى بولۇپ، <ئەنگلىيە> نامى شۇنىڭدىن پەيدا بولغان. برىتانىيە ئەسلى مەخسۇس ئەنگلىيىنىڭ برىتانىيە تاقىم ئاراللىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاساسىي ئارالنى كۆرسىتىدىغان ئارال بولۇپ، كېيىنچە ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتكۈل تاقىم ئارالنى كۆرسىتىدىغان نام بولغان. برىتان سۆزى قەدىمكى رىمدىن كەلگەن بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 55 - يىلى رىم پادىشاھى تېسىزار دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇ يەرلەرنى <برىتانىيە> دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسىى <برىتانلىقلارنىڭ زىمىنى> بولىدۇ. چۈنكى، چۈنكى مىلادىدىن بۇرۇنقى سەككىىزنچى ئەسىردىن مىلادى بەشىنچى ئەسىرگىچە كارىتلارنىڭ ئىچىدىكى برىتانلىقلار بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان. <بۈيۈك برىتانىيە> نامىدىكى <بۈيۈك> سۆزى كېيىنچە قوشۇلغان. مىلادى بەشىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئانگىلو - ساكسونلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بىر قىسىم برىتانلار يوقىتىلغان ياكى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن، يەنە بىر قىسمى بولسا ئوئىلىس تاغ رايونىغا قېچىپ كەتكەن ياكى دېڭىزدىن ئۆتۈپ، فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا كۆچۈپ كەتكەن. لېكىن برىتانىيە نامى داۋاملىق داۋاملىق قوللىنىپ، كېيىن قىسقارتىلىپ <برىتان> دەپ ئاتالغان. بىر قىسىم برىتانلار فىرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغاچقا، ئانا يۇرتى برىتانىيە ئارىلىنى <بۈيۈك برىتانىيە> دەپ ئاتىغان، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان فىرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى جايلارنى <كىچىك برىتانىيە> ياكى <برىتانى> دەپ ئاتىغان. بىرىتان قەبىلىسنىڭ نامى كارىت تىلىدىن پەيدا بولغان، مەنىسى <رەڭگا رەڭ> بولۇپ، قەدىمكى دەۋىرلەردىكى شۇ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بەدىنىگە ھەر خىل رەڭلەرنى سۈرۈۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا قارىتىلغان. شىمالىي ئېرلاندىيىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ئېرلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالى بولۇپ، ئېلاندىيىلىكلەرنىڭ نامىدا ئاتالغان، بۇنىڭ ئەسلى مەنىسى <غەربتىكى> ياكى <يېشىل رەڭدىكى> بولىدۇ. ئىنگلاند سۆزى گېرمانلارنىڭ تارمىقى بولغان ئانگلولاردىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <ئانگلولارنىڭ زېمىنى> بولىدۇ. مىلادى 5 -- 6 - ئەسىرلەردە ئانگىلولار بۇ جايغا بېسىپ كىرگەن ۋە ماكانلىشىپ قالغان، ئۇلار ئەسلى ھازىرقى گېرمانىيىنىڭ شىمالىي بۇرجىكىدە، يەنى فىرونېز بورگ قولتۇقى بىلەن شېلىز دەرياسى ئارىلىقىدا ئولتۇراقلاشقان. ئانگىلولار Angles قەدىمكى كائوت تىلىدىن پەيدا بولغان، مەنىسى <بۇرجەك> ياكى <بۇلۇڭ> بولىدۇ. ئەنگلىيىدە مىلادى يەتتىنچى ئەسىردىن باشلاپ فىئوداللىق تۈزۈم شەكىللەنگەن. 15 - ئەسرىنىڭ ئاخىرلىرى كاپىتالىزمنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلانما دەۋرىگە كىرگەن. 19 - ئەسىردە ئەنگلىيە دېڭىزى ئۈستى ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا ئېلىپ، ئۆز زېمىنىدىن 150 ھەسسە چوڭ بولغان مۇستەملىكە ئىگىلەپ <بۈيۈك ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى> نىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرىگە قەدەم قويغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئەنگلىيە كاپىتالىزمى جاھانگىرلىك دەۋرىگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە زاۋالىققا يۈزلىنىپ، ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئامېرىكا تەدرىجىي ئىگىلىگەن. مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىمۇ تەۋرىنىشكە باشلىغان. 1921 - يىلى ئەنگلىيە ئېلاندىيىنىڭ جەنۇبىدىكى 26 ۋىلايەتنى ئامالسىز ئاپتونوم فېدىراتسىيە دەپ ئېتىراپ قىلىپ، دۆلەت نامىنىمۇ <بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى> دىن <بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئېلاندىيە بىرلشمە پادىشاھلىقى> غا ئۆزگەرتكەن. ئەنگلىيىنىڭ يەر مەيدانى 244.2 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 58 مىليون 40 مىڭ، % 81ى ئىنگلىز، قالغىنى شوتلاندىيىلىك ۋە ئېرلاندىيىلىكلەر ھېسابلىنىدۇ. مۇتلەق كۆپچىلىكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى لوندون، پۇل بىرلىكى فوند ستېرلىڭ (<فوند> سۆزى بىر مەقسەت ئۈچۈن تەسىسى قىلىنغان خاس سەرمايە دېگەن مەنىدە بولۇپ، كۆچمە مەنىسى خەلق ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدىغان پۇل دېگەنلىك بولىدۇ. ئەنگلىيەدۆلەت بايرىقى ئەنگلىيىنىڭ مۇھاپىرەت ئىلاھى ساينىت گېئورگىنىڭ كېرسىتى، شوتلاندىيىنىڭ مۇھاپىزەت ئىلاھى ساينىت ئاندرېۋنىڭ كرسېتى ۋەئېرلاندىيىنىڭ مۇھاپىزەت ئىلاھى ساينت پاتركىنىڭ كرېسىتىدىن تەركب تاپقان بولۇپ، 1801 - يىلى رەسمىي بارلىققا كەلگەن. ساينىت گېئورگىنىڭ ئاق كرېسىتلىك قىزىل بايرىقى 1200 - يىلى بارلىققا كەلگەن، كېيىن ئەنگليىنىڭ دۆلەت بايرىقى بولغان. ساينىت ئاندرېۋنىڭ < X > شەكىللىك ئاق كرېسىتلىك كۆك بايرىقى ئەڭ ئاۋۋال 8 - ئەسىردە پەيدا بولغان. بىراق، 13 - ئەسىردە شوتلاندىيە ئۇنى دۆلەت بايرىقى قىلغان. 1606 - يىلى جامېس Ⅰ ئەنگلىيە بىلەن شوتلاندىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە، بۇ ئىككى بايراقنىڭ نۇسخىسىنى ئۈستىلەپ قويۇپ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى بۈيۈك برىتانىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلغان. ساينت پاتركىنىڭ < X > شەكىلىدىكى قىزىل كرېسىتلىك ئاق بايرىقى ئەڭ بۇرۇن فىتستنوردې جەمەتىنىڭ بايرىقى ئىدى؛ 1801 - يىلى ئېرلاندىيە بۈيۈك برىتانىيە بىلەن بىرلىشىپ پادىشاھلىق دۆلەت بولغاندىن كېيىن بۇ بايراقنى يەنە بۈيۈك برىتانىيە دۆلەت بايرىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاخىر بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ < 米 > شەكىللىك بۇ بايراقنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەنگىليە دۆلەت گېربى ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ گېربىدۇر. سول تەرەپنىڭ ئۈستىدىك ۋە ئوڭ تەرەپنىڭ ئاستىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئوخشاش بولۇپ، قىزىل رامكىنىڭ ئىچىگە ئەنگلىيىنى بىلدۈردىغان ئۈچتىن ئالتۇن شىر سىزىلغان: ئىرس گۈلى بىلەن بېزەلگەن ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى رامكىغا شوتلاندىيىنىڭ بەلگىسى بولغان بىر قىزىل شىر سىزىلغان؛ سول تەرەپنىڭ ئاستىدىكى كۆك جايىغا كۈمۈش تارىلىق چىلتار سىزىلىپ ئېرلاندىيىگە سىمۋول قىلىنغان. قالقانسىمان گېربىنى ئوراپ تۇرغان ئوردېنلىق لېنتىغا ئەنگلىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ھېكىمەتلىك سۆزى < يامانلىققا يامانلىق > دېگەن خەت يېزىلغان. ئەنگىلىيە پادىشاھ شىر بىلەن شوتلاندىيىنىڭ بىر مۈڭگۈزلۈك ھايۋىنى ئىككى يېنىدا تۇرغان. ئۈستىدە ئالتۇن كۈمۈش بىلەن زىننەتلەنگەن دۇبۇلغا بولۇپ، ھەشەمەتلىك ئىمپېرىيە تاجىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان. قالقاننىڭ تۈۋىدىكى ئاق لېنتىغا يېزىلغان ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ < ئىلاھىم ماڭا ھوقۇق ئىنئام قىلغان> دېگەن سۆزى دەستۇرى نۇر چاقناپ تۇرغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر