UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرتۈركمەنىستان

تۈركمەنىستان

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا تۈركلەرنىڭ زېمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرى بولۇپ، سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. غەربىي كاسپىي دېڭىز سۈيى بىلەن، جەنۇبىي ئىران، ئافغانىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 488 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 3 مىليون 197 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ % 68.7 نى تۈركمەنلەر، قالغىنىنى رۇس، ئۆزبىك قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى ئاشخاباد شەھىرى، تۈركمەنىستاننىڭ % 80 نى چۆللۈكلەر ئىگىلەيدۇ، جەنۇبىي تەرىپىنى كوپىتداگ تېغى ھەم ئۇنىڭ تاغ ئېتەك بەلباغلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى قۇرغاق، يازلىقى قاتتىق ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى M80-300 مىللىمېتر ئارىلىقىدا بولىدۇ. تۈركمەنىستاندا دەريالار كۆپ ئەمەس، شەرقىي شىمالدىكى ئامۇ دەرياسى بىلەن قاراقۇم قانىلىنىڭ سۇغىرىش ئىشلىرىدىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. تۈركمەنىستاندا بۇرۇن كىنەزلىكلەر قۇرۇلغان، 19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى چارروسيىگە قوشۇلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئەتراپىدىكى ئورۇنلار بىلەن تۈركمەنىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان، ئۇ ۋاقىتتا رۇس فېدېراتسىيىسى تەركىبىدە بولغان. 1925 - يىلى تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. تۈركمەنىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك رايونلىرى ئامو دەريا قاتارلىق دەريالارنىڭ ۋادىلىرى بىلەن كوپىتداگ تېغىنىڭ ئېتەك قىسىملىرىغا تارقالغان. كېۋەز تېرىلىدىغان يەر پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ % 50 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى پۈتۈن يېرىنىڭ % 70 نى ئىگىلەيدۇ. قوي، تۆگە، ئات بېقىلىدۇ. سانائىتىدە تەبىئىي گاز، نېفىت، مرابلت ئېلىش، خىمىيە، چىگىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. مرابلت مەھسۇلاتى پۈتۈن سوۋېتنىڭ مرابلت مەھسۇلاتىنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدۇ. تۈركمەنىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، غەربىي كاسپىي دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ،<تۈركمەن> دېگەنلىك <تۈركلەرنىڭ زېمىنى> مەنىسىدە بولىدۇ. تۈركمەنىستاندىكى ئەسلى خەلقلەرنى قەدىمكى زاماندىكى سارمات ئارىئانلىرى ۋە قەدىمىي مارجان، خارەزىم قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قىسمەن ئاھالىلىرىغىچە سۈرۈشتۈرگىل بولىدۇ. بۇ جايلار 5 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە كاسپىي دېڭىزى بويى يايلاقلىرىدىكى تۈركلەر ۋە ئوغۇزلارغا قوشۇۋېتىلگەن. تۈركمەنلەرنىڭ ئوغۇز قەبىلە ئىتتىپاقى تۈركلىرى بىلەن بولغان تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇر. 11 - ئەسىردىن كېيىن، ئەسلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى كۆچمەن چارۋىچى بولغان ئوغۇز - سالجۇق تۈركلىرى كەڭ كۆلەمدە بۈگۈنكى تۈركمەنىستانغا كۆچۈپ كېلىپ، تۈركمەن مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ نام <تۈركمەن> نىڭ كەينىگە پارىسچە <رايون> سۆزىنى قوشۇش ئارقىلىق تۈزۈلگەن بولۇپ، مەنىسى <تۈركلەرنىڭ زېمىنى>بولىدۇ.19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى چار روسىيە بېسىۋالغان؛ 1917 - يىلى 12 - ئايدا سوۋېت ھاكىمىيتى قۇرۇلغان؛ 1924 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى <تۈركمەنىستان سوۋېت ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان؛ 1991 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، نامىنى ھازىرقى دۆلەت نامىغا ئۆزگەرتكەن. شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان. تۈركمەنىستاننىڭ يەر كۆلىمى 488.1 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون 300 مىڭ، تۈركمەنلەر % 72نى، رۇسلار % 10نى، ئۆزبىكلەر % 10نى ئىگىلەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇكرائىن ۋە تاتار قاتارلىق مىللەتلەر بار. تۈركمەن ۋە رۇس تىلى كەڭ قوللىنىلىدۇ. پايتەختى ئاشخابات. 11 - ئەسىردىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئوغۇز - سالجۇق تۈركىلىرى زور كۆلەمدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىي رايونىغا كۆچۈپ كىرىپ، تۈركىمەن مىللىتى شەكىللەنگەن. تۈركىمەنلەر تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، تۈركىمەنىستان دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى تۈركلەرنىڭ دۆلىتى دېگەنلىكتۇر. 16 - ئەسىردە خلىۋا خانلىقى ۋە بۇخارا خانلىقىغا ئەل بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا يەنە رۇسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1917 - يىلىدىكى < ئۆكتەبىر ئىنقىلابى > دىن كېيىن تۈركىمەندە سوۋېتلەر ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان؛ 1924 - يىلى تۈركىمەن سوۋېت سوتسىيالىستىك دۆلىتى قۇرۇلۇپ، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان. 1991 - يىلى ئۆكتەبىردە، تۈركىمەنىستان < تۈركىمەننىڭ مۇستەقىللىقى، دۆلەت تۈزۈمى ھەققىدىكى پرىنسىپى> خىتابنامىسىنى ماقۇللاپ مۇستەقىل بولغان. تۈركىمەنىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. بايراقنىڭ سول تەرىپىدىكى بايراق سېپى قىسىمى چىرايلىق تۈركىمەن گىلىمىنىڭ نۇسخىلىرى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، تۈركىمەن مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت بايرىقى يېشىل بولۇپ، تۈركىمەنىستان خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۈستىدىكى ھىلال ئاي بىلەن بەش بۇرجەكلىك كىچىك بەش يۇلتۇز يېشىل بايراقنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، ناھايىتى تىنىچ ۋە مەزمۇنلۇق كۆرۈنۈپ، خۇددى بىپايان تۈن بوشلۇقىدىكى يۇلتۇز بىلەن ئاي مەڭگۈلۈك سۈزۈك نۇر چېچىپ، كىشىلەرگە قاراڭغۇ تۈننى يورۇتۇپ، يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەندەك تۇرىدۇ. بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ بەش بۇرجىكى قاتتىق ھالەت، سۇيۇق ھالەت، گاز ھالەت، كىرىستال ھالەت ۋە پلازما ھالەت قاتارلىق بەش خىل ئالەم ماددىلىرى ھالىتىنى كۆرسەتكەن؛ بەش بۇرجەكلىك بەش يۇلتۇز كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش، تېتىش ۋە تېگىش سېزىمىدىن ئىبارەت ئىنسان ئەزالىرىنىڭ رولىنى كۆرسەتكەن؛ ھىلال ئاي بولسا تۈركىمەن خەلقىنىڭ نۇرلۇق ئىستىقبالىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربى ئۈچ مەكەزداش چەمبەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاپئاق كېۋەز غوزىسى، ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي باشىقى، چىرايلىق گىلەم ۋە ھەيۋەتلىك ئاتلار، دۇنياغا پەخىرلەنگەن ھالدا تۈركىمەن مىللىتىنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر