UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرئىتالىيە

ئىتالىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا موزايچاقنىڭ جەننىتى ئىتالىيىنىڭ تولۇق نامى <ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئاپېننىن يېرىم ئارىلى ۋە سىتسىلىيە، ساردىنىيە ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، قەدىمدە ئىتالىيە <ئىنولىيە>، <ئىسپىرىنىيە>، <ۋىتالىيە> دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتالىيە (Vitalia) نىڭ مەنىسى بولىدۇ. كېيىن سۆز بوغۇمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەلەپپۇز ئادىتى سەۋەبىدىن V ھەرىپى قىسقىراپ كېتىپ، Italia، يەنى ئىتالىيە بولۇپ قالىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى ئالتىنچى ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسى ئاپېننىن يېرىم ئارىلىنى رەسمىي ھالدا ئىتالىيە دەپ ئاتايدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى بەشىنچى ئەسىردە بۇ نام پۈتكۈل ئاپېننىن يېرىم ئارىلىغا تارقاپ كېتىدۇ، ئىنگلىزچىدە Italia سۆزى Italy دەپ يېزىلىدۇ؛ ئىككىنچى، قەدىمكى دەۋىرلەردىكى بىر قەبىلە ئىسمىدىن ئۆزگىرىپ پەيدا بولغان. قەدىمكى يۇنانلىقلار دېڭىزىدىن ئىتالىيە ئاپېننىن يېرىم ئارىلىنىڭ پىرىيە رايونى ئەتراپىغا كەلگەندىن كېيىن، شۇ يەردىكى ۋىتورى قەبىلىسىنى Italio دەپ ئاتىغان. كېيىن رىملىقلار بۇ ئىسمغا ۋارسلىق قىلىپ، ئۇنى يېرىم ئارالدىكى نۇرغۇن قەبىلىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ ئىشلەتكەن. شۇنىڭ بىلەن Italia دېگەن يەر نامى پەيدا بولغان، بۇ گرېكچە Italio نىڭ لاتىنچە يېزىلىشى بولىدۇ. بۇ نام جۇغراپىيىدىكى بىر نام سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىپ، كېيىن ئىتالىيانلار ئۇنى بىردەك قوللىنىپ، ئىتالىيىنىڭ دۆلەت نامى قىلغان. ئىتالىيە قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بۆشۈكى، مىلادى 2 - 3 - ئەسىرلەردىكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرىرلىرىدە، زېمىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىغا كېڭەيگەن. 14 -- 15 - ئەسىرلەردە ئەدەبىيات - سەنئەت مىسلىسىز گۈللىنىپ، ياۋرۇپا <ئەدەبىيات - سەنئەت قايتا گۈللىنىشى> نىڭ بۆشۈكى بولغان. كېيىن بىر قانچە قېتىملىق بۆلۈنۈش ۋە يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىنى باشتىن كەچۈرۈپ، 1861 - يىلى پادىشاھلىق قۇرغان، 1870 - يىلى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتالىيە سۆزى رەسمىي ھالدا بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىقىنىڭ نامى قىلىنغان. 1946 - يىلى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ئىتالىيىنىڭ يەر مەيدانى 301.28 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 57 مىليون 800 مىڭ. بۇنىڭ % 95ى ئىتالىيان. قالغىنى قوشنا خەلقلە. 90%ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى رىم. پۇل بىرلىكى لىرا. ئىتالىيىنىڭ دۆلەت نامى گرېك تىلى < ئىتالوس > تىن ئۆزگەرگەن بولۇپ < كالا> دېگەن مەنىگە ئىگە. ىتالىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى يېشىل، ئاق ۋە قىزىل رەڭلىك تىك يوللۇق بايراق. تارىختا ئىتالىيىمۇ فراىسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئوخشاش بايراقنى ئىشلەتكەن. 1861 - يىلى، ساردىنىيە پادىشاھى ئىتالىيىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن يېشىل، ئاق ۋە قىزىل تىك يوللۇق بايراقنى ئىشلىتىشنى ھەمدە بايراقنىڭ بۇلۇڭغا ساۋويە خاندانلىقىنىڭ قئاق كرېسىتلىك قىزىل قالقان شەكىلدىكى گېربىنى قوشۇشنى قارار قىلغان. خاتىرىلىنىشىچە، 1796 - يىلى، ناپالېئوننىڭ ئىتالىيە پولكى ئۇرۇش داۋامىدا ناپالېئون ئۆز قولى بىلەن لايىھىلىگەن يېشىل، ئاق ۋە قىزىل يوللۇق بايراقنى ئىشلەتكەن؛ 1946 - يىلى ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى ساۋويە خاندانلىقىنىڭ گېرب بەلگىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان. دۆلەت بايرىقىدىكى يېشىل رەڭ ئاپىننىن يېرىم ئارىلىدىكى گۈزەل زېمىننى، ئاق رەڭ ئالىپ تاغلىرىدىكى ئاپئاق قارنىڭ رەڭگىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تىنىچلىق ۋە ئادالەتنىڭ يۈكسەك روھىغا سىمۋول قىلىغان؛ قىزىل رەڭ ۋەيەنپەرۋەرلىك ئىسسىق قېنىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بېرىلگەن ھەم ئەركىنلىك، بارەۋەرلىك ۋە دوستلۇقنى نامايان قىلغان. دۆلەت گېربى 1948 - يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى چۆرىسى قىزىل بەش بۇرجەكلىك ئاق يۇلتۇزدۇر. ئۇ ئىتالىيە مىللەتچىلىرىنىڭ بەلگىسى؛ ئىتالىيىنىڭ تەرەققى تاپقان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئىخچام سىزىلغان بىر چىشلىق چاق بىلەن ئىپادىلەنگەن. دۆلەت گېربى كۈچ ۋە تىنىچلىقنىڭ سىمۋلى بولغان كاۋچۇك شېخى بىلە زەيتۇن شېخى ئارىسىغا ئېلىنغان، بىر قىزىل لېنتىغا گىرەلەشتۈرۈلۈپ قويۇلغان ئىككى شاخ باغلانغان بولۇپ، لېنتىنىڭ ئۈسىتگە < ئىتالىيە جۇمھۇرىيتى > دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر