UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا نېفىت دېڭىزىدىكى يەتتە مەرۋايىت ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغان، پېرسىيە (ئەرەپ) قولتۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇم كەيۋەن، ئاجماندىن ئىبارەت يەتتە كېنەزلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەتتە كېنەزلىك 7 - ئەسىردە ئەرەب ئىپمىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 16 - ئەسىردىن باشلاپ پورتوگالىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرىغان، 1820 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، كېيىن ئەنگلىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىم بويىچە ئەنگلىيىنىڭ قوغداش دائىرىسىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. ئۇ ۋاقىتتا بۇ جايلار ماسكات ئوممان، تىروشىر ئوممان دەپ ئاتالغان. 1971 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئابۇدەبى، دوباي، شارجا، ئاجمان، فوجائىدا، ئوم كەيۋەندىن ئىبارەت ئالتە كېنەزلىك بىرلىشىپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1972 - يىلى كائىما تۇمشۇقى كىنەزلىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن يەتتە كېنەزلىكنىڭ بىرلەشمىسى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەيدانغا كەلگەن. يەر مەيدانى 85 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئاھالىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى چەت ئەللەردىن كەلگەن ئىشچىلار ئىگىلەيدۇ. يەرلىك ئاھالىنىڭ كۆپى ئەرەب بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئىشلىتىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ھەجەر تېغى ئىگىلەپ تۇرۇشتىن سىرت، قالغان قىسمىنى پاكار چۆللۈكلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىقرىدا بوستانلىقلار بار. ئىقلىمى قۇرغاق ئىسسىق، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 75 مىللىمېترغا يېتىدۇ، تاغلىق رايونلىرىدا سەل كۆپرەك بولىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن نېفىت ۋە نېفىت سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت مالىيىسىنىڭ % 85 نى نېفىت كىرىمى ئىگىلەيدۇ (1983)، ئۇنىڭ نېفىت زاپىسى مول، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى خېلى زور، نېفىت ئېكسپورتىمۇ ناھايىتى كۆپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇنيادا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى. نېفىت ئېلىش سانائىتىدىن باشقا يەنە نېفىت ئايرىش، نېفىت خىمىيە، سېمونت، توقۇمىچىلىق، تاماكا، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نېفىتتىن كەلگەن ور مالىيە ئاساسىغا تايىنىپ، دۆلەتنىڭ باشقا سانائەت تارماقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - مەدەنىيەت، سەھيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. يېزا ئىگىلىكىدە ئەنئەنىۋى زاىرائەتلىرىدىن كۆممىقوناق، بۇغداي، ئارپا، تېرىق، پۇرچاق قاتارلىقلار، ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىدىن كوفې، پاختا، تاماكا قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتەلەيدۇ. كوفې، پاختا بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ سىرتقا ئېكسپورت قىلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا ئاساسەن قوي، كالا، تۆگەبېقىلىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يەرلىكتىكى نامى سەھىرئومان بولۇپ، ئومان (ھازىرقى ئومان سۇلتانلىقى) نىڭ چېتىدىكى تۈزلەڭلىك دېگەن مەنىدە، بۇ رايوننىڭ جۇغراپىيىۋى نامى نەچچە قېتىم ئۆزگەرگەن، مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇنقى مىسوپوتامىيەنىڭ ئېروگېلىف يېزىقى ماتىرىياللىرىدا بۇ يەرنى ماغان دەپ اتىغان، مىلادىدىن بورۇنقى 10 - ئەسىردە قەدىمىي يەمەندىكى ساباھ خانلىقى ۋە شەميار خانلىقى بۇيەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ئومان دېڭىز قىرغاقلىرى دەپ ئاتىغان. ئەرەبلەر بەزىدە بۇ يەرنى مەشھەدئومان دەپمۇ ئاتايدۇ، بۇنىڭ مەنىسى ئومان خەلىپلىكى بولىدۇ. 16 - ئەسىردىن باشلاپ بۇ جايلارغا پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىلگىرى - ئاخىر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 1820 - يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت بولغان. 1971 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندا، ئەبۇزەبى، دىبەي، سارجاخ،ئاجمان، فوجايراخ، ئومئال كوۋەين قاتارلىق ئەرەبلەرنى ئاساس قىلغان ئالتە خەلىپىلىكتىن تۈزۈلگەن. 1972 - يىلى راسئال كايماخ خەلىپىلىكى قوشۇلغان، شۇنىڭ بىلەن جەمئىي يەتتە خەلىپىلىك <ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى> بولۇپ قۇرۇلغان . ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكىنىڭ يەر مەيدانى 85.47 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون. بۇنىڭ 3 ى مەزكۇر دۆلەت پۇقراسى، قالغىنى چەت ئەل مۇھاجىرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى، ئىنگلىز تىلى ھەم كەڭ قوللىنىلىدۇ. پايتەختى ئابۇدەيى. پۇل بىرلىكى دىنار. پارس قولتۇقى قىرغىقىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەبۇدەبى، دىبائى ۋە شارجا قاتارلىق < نېفىت دېڭىزىدىكى يەتتە مەرۋايىت> دەپ تەەىپلەنگەن يەتتە خەلىپىلىك دۆلەت 1972 - يىلى فېۋرالدا بىرلەشمە دۆلەت بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى قۇرغان. دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل ۋە ئاق ئىككى خىل رەڭ خەلىپىلىكى مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى دۆلەت ئەنگلىيە بەلگىلەپ بەرگەن رەڭ بولۇپ، 1971 - يىلى مۇستەقىل بولغاندا، ھەر قايسى خەلىپىلىكلەر بۇ رەڭنى ئىشلەتكەن ھەمدە يېشىل ۋە قارا رەڭنى قوشۇپ، دۆلەت بايرىقى پان ئەرەب ھەرىكىتىنىڭ بەلگىسى قىلىپ، ئەرەب مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىنىڭ شاھىتىغا ئايلاندۇرغان. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنىكى دۆلەت بايرىقى يېڭى مەنىگە ئىگە بولۇپ، قىزىل رەڭ ۋەتەنگە، ئاق رەڭ قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە، يېشىل رەڭ ئوتلاققا، قارا رەڭ جەڭگە سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربى بىر قانات قېقىۋاتقان شۇڭقار بولۇپ، شۇڭقارنىڭ كۆكسىگە بىر يۇمىلاق گېرب سىزىلغان. دولقۇن يېرىپ ئالغا بېسىۋاتقان ئاق يەلكەنلىك ئەرەب كېمىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكنىڭ پارس قولتۇقى بويىدا تۇرغانلىقىدىن ئىبارەت جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئۇزاق تارىخىغا ئىگە دېڭىزدا يۈرۈش قىلىش تارىخىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى قىزىل بېزەككە < ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى> دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر