UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرسان مارىنو

سان مارىنو

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا -تاشچى ياۋروپانىڭ جەنۇبىدىكى ئاپىنىن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، تىتانو تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ ئەتراپى ئىتالىيە بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. تىتانو تېغىنىڭ ئېگىزلىكى 738 مېتىر بولۇپ، سان مارىنو جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى سان مارىنو شەھىرى ئەنە شۇ تاغنى غەربىي باغرىغا جايلاشقان. سان مارىنونىڭ يەر مەيدانى 61 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يازلىقى قۇرغاق ئىسسىق، قىشلىقى يىللىق، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ياخشى. سان مارىنونىڭ ئاھالىسى 22 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان چەت ئەللىكلەرمۇ 13 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىتالىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەت تىلى ئىتالىيە تىلى ھېسابلىنىدۇ. سان مارىنو ياۋروپادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇ ئەڭ قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇ مىلادى 301 - يىلى دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1263 - يىلى جۇمھۇرىيەت قانۇنىنى تۈزۈپ، جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. ئۇ ياۋروپادىكى ئەڭ كونا جۇمھۇرىيەت. سان مارىنو ئىقتىسادىدا ئاساسەن ساياھەتچىلىك بىلەن پوچتا ماركىسى ئىگىلەيدۇ. ھەر يىلى سانا مارىنوغا ساياھەت ئۈچۈن كېلىدىغان چەت ئەللىكلەر 3 مىليوندىن 3 مىليون 500 مىڭغا يېتىدۇ. بۇنىڭدىن كىرىدىغان كىرىم پۈتۈن دۆلەت كىرىمىنىڭ% 50 نى ئىگىلەللەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا پوچتا ماركىسى داڭلىق بولۇپ، كىرىمى پۈتۈن دۆلەت كىرىمىنىڭ% 20 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي ئارپا، ئۈزۈم، كۆممىقوناق ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋا بېقىلىدۇ. سانائىتىدە توقۇمىچىلىق، فارفور، قەغەز، كىيىم - كېچەك، سېمونت، تېرە خۇرۇم، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، سۈنئىي كاۋچۇك، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش سانائەتلىرىمۇ بار. سان مارىنونىڭ مۇنتىزىم ئارمىيىسى يوق، 80 كىشىلىك خەلق ئەسكەرلىرى، 68 كىشىلىك پاراتو قوشۇنى، 12 كىشىلىك قوغداش قىسمى، 51 كىشىلىك ھەربىي ئوركېستر، 31 كىشىلىك ساقچى قوشۇنى بار. سان مارىنونىڭ تولۇق نامى <سان مارىنو جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئاپېننىن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى بىر تاش تېرىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان خرىستىئان مورتى مارىنونى خاتىرىلەش يۈزىدىن پەيدا بولغان، رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە، مىلادى ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مارىنو ئىسىملىك بىر تاشچى ئادىرىئاتىك دېڭىزىدىكى ئالفىر ئارىلىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ لىرموندا قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، تىتانو تېغىدا تاش چاققان، مارىنو نۇرغۇن ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلغان ۋە يات دىندىكىلەرنى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىگەن. ئۇنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن مۇرىد يىغىلىپ، تاغقا بىر چېركاۋا سېلىنغان. بۇ تاغ ئەينى چاغدا لېرموندىكى بىر ئېسىلزادە ئايالنىڭ خوسۇسىي يېرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى مارىنوغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىدىكەن، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئوقيا ئېتىشقا تەييارلانغاندا، بەدىنى پالەچ بولۇپ يېقىلىپ چۈشۈپتۇ. ئېسىلزادە خېنىم مارىنودىن ئوغلىنى كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ، مارىنو ئۇنىڭ ئوغلىنى داۋالاپ ساقايتىپ قويغاندىن كېيىن، ئېسىلزادە، خېنىم تىتانو تېغىنى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەۋلىيا مارىنوغا ھەدىيە قىلىپتۇ، شۇندىن باشلاپ مارىنو بۇ جايدا ماكانلىشىپ قاپتۇ. كېيىن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زۇلۇمىغا چىدىمىغان كىشىلەر بەس - بەس بىلەن مارىنونى پاناھ تارتىپ، بىر <تاشچىلار كومۇناسىنى> نى ھاسىل قىلىپتۇ. سان مارىنودا مىلادى 301 - يىلى دۆلەت قۇرۇلغان، 1263 - يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، سان مارىنو جۇمھۇرىيىتى دەپ نام قويغان، پايتەختىمۇ شۇ نامدىن پەيدا بولغان. سان مارىنونىڭ يەر مەيدانى 61 كۋادارات كىلومېتىر، ئاھالىسى 23 مىڭ، كۆپىنچىسى مەزكۇر دۆلەت پۇقراسى بولۇپ، ھەممىسىلا كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىتالىيان تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەختى سان مارىنو، پۇل بىرلىكى ئىتالىيە لىراسى. سان مارىنو ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى ئىتالىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، سان مارىنو ئەخلاق ۋە پەزىلەتتە كامالەتكە يەتكەن، ئاجايىپ ساداقەتلىك دۆلەت بولۇپ، ئىتالىيىنىڭ ھايات ۋە شان -شەرىپى بىلەن چەمەرچاس باغلانغان. سان مارىنونىڭ دۆلەت بايرىقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى سىزىلغان ئاق ۋە كۆك بەلدەملىك بايراقتۇر. ئاق رەڭ پاكلىققا سىمۋول قىلىنغان، كۆك رەڭ ئاسماننى بىلدۈرگەن. بۇ تىنىچلىق ۋە خاتىر جەملىكنى نامايان قىلىدىغان بايراقتۇر. ئەتراپى كاۋچۇك ۋە لاۋېر شېخى بىلەن ئورالغان دۆلەت گېربىنڭ ئوتتۇرىسىغا بىر يۈرەكسىمان كۆك گېرب سىزىلغان. گېرىبىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ ئاق مۇنار تتانو چوققىسىدىكى ئۈچ قەلئەگە ۋەكىللىك قىلىنغان. ئاق مۇنارنىڭ ئۈستىگە ئاق تۆگىقۇشنىۇ پېيى قادالغان بولۇپ، ئاپىنسىن يېرىم ئارىلىغا سىمۋول قىلىغان. ئاق مۇنار ئاستىدىكى يېشىل چوققىلار سان مارىنونىڭ تاغ ئۈستىگە قۇرۇلغان كىچىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستىگە ئۈنچە - مەرۋايىت بىلەن زىننەتلەنگەن كىنەز تاجىسى سىزىلغان بولۇپ، سان مارىنونىڭ ئىلگىرى ئىتالىيە ئوربىنو كىنەزلىكنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا ئەركىن ئىلاھنى بىلدۈرىدىغان < ئەركىن > دېگەن خەت يېزىلغان، ئۇ ئىتالىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە سان مارىنوغا قېچىپ پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەن كىشىلەرنى ئەسلىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
سان مارىنو | UyghurWiki | UyghurWiki