UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەريامايكا

يامايكا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا بۇلاق ئارىلى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئارال دۆلەت. ئۇنىڭ ئەتراپىدا كۇبا، ھايتى قاتارلىق دۆلەتلەر بار. يەر مەيدانى 10 مىڭ 991 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، كۆپ قىسمىنى تاغلىق، ئېگىزلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 2256 مېتىر ئېگىز، دېڭىز قىرغاقلىرىدا چۆكمە جىنسلىق تۈزلەڭلىكلەر بار. يامايكىدا كىچىك دەريالار، بۇلاقلار كۆپ، ئۇنىڭ ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃27 قا يېتىدۇ. ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ% 25 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. يامايكا ئاليۇمىن توپىسى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاليۇمىن توپىسىدىن باشقا گېپىس، مەرمەرتاش، تۆمۈر، مارگانېتس رۇدىسى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. يامايكىنىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ% 76.3 نى نىگېرلار، %15.1 نى ئاق تەنلىكلەر بىلەن نىگېرلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، ھىندىئانلار، ياۋروپالىقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنەلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. پايتەختى كىنگىستون شەھىرى. يامايكىدا ئەسلى ئىندىئانلارنىڭ ئاراۋاك قەبىلىسى ئولتۇراقلاشقان. 1509 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1655 - يىلى ئەنگلىيە بېسىپ كىرگەن، 1670 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئافرىقا قۇللىرىنى ساتىدىغان قۇل سودا بازىرى بولغان. 1962 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مۇستەقىل بولغان. لېكىن ئۇ يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. 1972 - يىلى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. يامايكا ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىك ۋە كان سانائىتىنى، ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا شېكەر قومۇشى، ئاپېلسىن، كوفى، كاكائو قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. سانائەتتە ئاساسلىق ئاليۇمىن توپىسى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شېكەر سانائىتى، يېمەك ـ ئىچمەك سانائىتى، ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى سانائىتى، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، خىمىيە، توقۇمىچىلىق سانائەتلىرى بار. يامايكىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. يامايكا لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت، يەرلىك ئىندىئان ئالۋاك مىللىتىنىڭ تىلىدا يامايكا (Xaymaca) <بۇلاق ئارىلى> دېگەن مەنىدە. ئىنتايىن بۇرۇنلا ئالۋاكلار بۇ ئارالدا ياشاپ، يامايكا مەدەنىيتىنى تەرەققى قىلدۇرغان. ئۇلار ئىخچام، مېغىزلىق تىل بىلەن بۇ ئارالنى <يامايكا> دەپ ئاتىغان. چۈنكى ئارالنىڭ كۆپ قىسمى ھاك تاشلىرى بولۇپ، يەر ئاستىدا تاش غارلار ئىنتايىن كۆپ، ھەممىلا يەردە دىگۈدەك تارام - تارام بۇلاقلار بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. 1494 - يىلى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، سان جاموس (ئىسپان تىلىدا San Jago) بايرىمى كۈنىسى كولۇمبو بۇ ئارالغا چىقىپ، سان جاموسنىڭ ئىسپانچە نامى <سانتياگو Santiago( نى ئارالنىڭ نامى قىلغان. لېكىن بۇ نام تارقىلالماي، كېيىنچە كىشلەر داۋاملىق ئىشلەتكەن نام يەنىلا يەرلىك نام >يامايكا< بولغان. يامايكا ئەسلى ئىندىئانلار ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، 1509 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1959 - ئچىكى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلگەن. 1962 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولۇپ، ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلىتى. يامايكىنىڭ يەر مەيدانى 10.991 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون 500 مىڭ. % 90ى نېگىرلار، قالغىنى ئاق تەنلىك، ھىندى، خەنزۇ قاتالىقلار. ئاھالە ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى كىنگستون، پۇل بىرلىكى يامايكا دوللىرى. ئىندىئاننىڭ ئاراۋاك مىللىتى يامايكىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسىدۇر. 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسپانىيىلىكلەر بۇ يەردە مۇستەملىكلىكىنى باشلاپ دەھشەتلىك بۇلاڭ - تاراجلىق قىلىپ، ئارۋاكلارنى ئاساسان قۇرۇتۇپ بولغان.1655 - يىلى ئەنگىلىيە ئىسپانىيىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، بۇ يەردە نىگېر قۇللارنى يۆتكەپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يامايكا نىگېر قۇللارنىڭ < دوزىخى > بولۇپ قالغان. 200 يىلدىن ئارتۇق جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يامايكا ئاخىر مۇستەقىل يولغا ئېرىشكەن. 1959 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرگەن، 1962 - يىلى ئاۋغۇسىتتا مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىقتىن رەسمىي قۇتۇلۇپ، ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىنڭ ئەزاسى بولغان. يامايكا دۆلەت بايرىقىدىكى دىئاگونالنى بويلاپ تۇرغان سېرىق رەڭلىك < ساينت ئاندرېۋكرېسىتى > بايراقنى ئۈستى ۋە ئاستىدىكى ئىككى يېشىل ئۈچبۇلۇڭ بىلەنئوڭ ۋەسول ئىككى تەرەپتىكى قارائۈچبۇلۇڭ قىلىپ ئايرىغان يېشىل رەڭ مول يېزا ئىگىلىك بايلىقى بىلەن يامايكىلىقلارنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىنى بىلدۈرگەن، قارا رەڭ يامايكا خەلقىنىڭ ھەر قانداق قىيىنچىلىقىنى يېڭىدىغان قەيسەر ئىرادىسىنى سېرىق رەڭلىك < ساينىت ئاندرېۋكرېستى > ئىسسىق بەلۋاغدىكى بۇ ئارال دۆلىتىنىڭ ئىسسىق قۇياش نۇرى بىلەن مول تەبىئىي بايلىقىنى نامايان قىلغان. 1962 - يىلى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھ تېگى ئاق ، قىزىل كرېستىلىق قالقانسىمان گېربنى يامايكىغا تەقدىم قىلغان. قىزىل كرېسىت يامايكىلىقلارنىڭ خرستىئان دىنى بىلەن كاتولىك دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئالتۇن رەڭلىك بەش ئاناناس قىزىل كرېسىتنىڭ تۆت تەرىپىگە ۋە ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، يامايكىنىڭ تېرىقىچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىغا بىر يېشىل تىمساھ قويۇلغان. دۆلەت گېربىنىڭ تېگى ئىنگىلىزچە <ئالدىنقى قاتاردىكى مىللەت > دېگەن خەت يېزىلغان سېرىق لېنتا بىلەن بېزەلگەن. ئىككى تەرەپكە بىردىن ئىندىئان ئاراۋاك مىللىتىدىن بولغان كىشى تۇرغۇزۇلغان؛ سول تەرەپتىكى ياش ئەر ئوڭ قولىدا دۆلەت گېربىنى، سول قولىدا بىر ئۇزۇن ئوقيانى تۇتۇپ تۇرغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر