UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرفرانسىيە

فرانسىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا باتۇر، ئەركىن ئادەملەر دۆلىتى غەربىي ياۋروپا جايلاشقان دۆلەت، ئۇ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان كورسىكا ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى شىمال، غەرب تەرىپى ئەنگلىيە بوغۇزى، بېسكەي قولتۇق سۇلىرى بىلەن، جەنۇب تەرىپى يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. شەرق، شەرقىي شىمال تەرىپى ئىتالىيە، شۋېتسارىيە، گېرمانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، بېلگىيە بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئىسپانىيە، ئاندورالار بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 550 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياۋروپادا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىنى ئالىپ ۋە يورا تاغلىرى، غەربىي جەنۇبىنى پېرنى تاغلىرى، جەنۇبىي ئوتتۇرا قىسمىنى مەركىزىي ئېگىز تەكشىلىك ئىگىلەپ تۇرىدۇ. يەر ۋەزىيىتى شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىنى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەيدۇ، يەر شەكلى جەھەتتە تۈزلەڭلىكلەرنى ئاساس قىلغان تۈزلەڭلىك، ئىدىرلىقلار 4/5 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 250 مېتىرغا يەتمەيدىغان تۈزلەڭلىكلەر % 60نى ئىگىلەيدۇ. فرانسىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىمغا، شەرقىدىكى تاغلار ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىمغا، يەر ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ. فرانسىيىنىڭ شىمالىي، شەرقىي، جەنۇبىي قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمى خېلىلا زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بۇ ھەرخىل يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈشتە، ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. غەربىي جەنۇب بىلەن جەنۇب تەرەپلىرىدە بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4 - ℃7، شەرقىي بىلەن شىمالدا ℃1 - ℃3 بولىدۇ. يەتتىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالىي ۋە غەربىدە ℃16 - ℃18، جەنۇب بىلەن شەرقىدە ℃21 - ℃24 قا ېيتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600 - 800 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، تاغلىق رايونلاردا 1500 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. فرانسىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى تەكشى، بىراق كۈز ۋە قىش پەسلى سەل ئۇزۇنراق بولىدۇ. جەنۇبىدا قىشتا ھۆل - يېغىن كۆپ بولىدۇ. فرانسىيىنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى مول بولغانلىقتىن %27.6 يېرىمى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. فرانسىيىنىڭ ئاھالىسى 55 مىليون 761 مىڭدەز سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا نېفىت ئايرىش، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتاللۇرگىيە، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. فىنلاندىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان. پۈتۈن دۆلەت تېرىلغۇ يېرىنىڭ 2/3 قىسمىدا يەم - خەشەك ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا گۆشلۈك، سۈتلۈك كالا ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامداپ ئېكسپورت قىلىدۇ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ، قىزىلچا قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتىدۇ، فىنلاندىيىنىڭ قاتناش - ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان. تۆمۈر يول، تاشيوللاردىن باشقا ئۇنىڭ پۈتۈن كۆل، دەريالىرى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، سۇ قاتنىشى بەك قولاي. سۇ قاتناش مۇساپىسى 6600 كىلومېتىر كېلىدۇ. فىرانسىيىنىڭ تولۇق نامى <فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ غەربىگە جايلاشقان. دۆلەت نامى قەدىمكى قەبىلە نامىدىن پەيدا بولغان. مىلادىدىن بۇۇرنقى بەشىنچى ئەسىردە، ئۇ جايدا كارىتلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى <گاللىيىلىكلەر> دەپ ئاتىغان، شۇڭا كېيىنكىلەرمۇ بۇ جاينى <گاللىيە> دەپ ئاتىغان. مىلادى ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى ئەتراپلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان گېرمان مىللىتىدىن بولغان فرانىك قەبىلىسى بۇ جايغا بېىسپ كىرگەن، فرانكلار ئەڭ دەسلەپ پەقەت پارىژ ئەتراپلىرىنىلا ئىگىلىگەن بولۇپ، <فىرانسىيە ئارىلى> دەپ ئاتىغان. كېيىن نەچچە ئەسىرلىك ئۇرۇش ۋە دىپلوماتىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، فىرانك پادىشاھلىقى بۈگۈنكى فرانسىيە بىلەن ئانچە پەرقسىز بولغان زېمىننى قولغا كەلتۈرگەن. مىلادى بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى فرانك قەبىلىسىنىڭ يېتەكچىسى كروۋېي شىمالىي گاللىيىنى بېسىۋېلىپ، فىرانىك پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھى( 481 - 511 - يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان) بولغان. فىرانسىيە دېگەن دۆلەت نامىمۇ فرانىك پادىشاھلىقى دېگەن نامدىن پەيدا بولغان. فىرانىك سۆزى نېسچىدا (Frank) سۆزى نېمىسچىدا ئەسلى <ئەركىن>، <باتۇر> بولۇپ، ھازىرقى فىرانسىيە نامى دەل ئاشۇ ئەسلى قەبىلە نامى بولغان <فىرانك> نىڭ لاتىنچىدىكى Francia ئاتالمىسىدن پەيدا بولغان. 843 - يىلى فرانسىيە مۇستەقىل دۆلەت بولغان. 10 - ئەسىردىن كېيىن فىئوداللىق جەمئىيەت تېز تەرەققى قىلىپ، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن دۆلەت شەكىللەنگەن، 1789 - يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب پارتىلىغان؛ 1792 - يىلى فىرانسىيە بىرىنچى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان؛ 1804 - يىلى ۋە 1852 - يىلى فرانسىيە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان. 1848 - يىلى ۋە 1870 - يىلى فرانسىيە ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان. 1940 - يىلى گىتلېر گېرمانىيىسى بېسىۋالغان، 1944 - يىلى ئازاد قىلىنغان. 1946 - يىلى 10 - ئايدا فرانسىيە تۆتىنچى جۇمھۇرىيىتى قورۇلغان. 1958 - يىلى دېگولل ئىچكى كابېنت تەشكىللەپ ۋە يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يېڭى ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىتىپ، فرانسىيە بەشىنچى جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. فىرانسىيىنىڭ يەر مەيدانى 551.6 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 58 مىليون بولۇپ، كۆپ قىسمىنى فرانسىيىلىكلەر، قالغىنىنى ئالزاسلىقلار، برىتانلار، كورىسكىلىقلار ۋە چەت ئەل مۇھاجىرلىرى ئىگىلەيدۇ. فرانسوز تىلى دۆلەت تىلى. خرىستىئان دىنى، يېڭى دىن، پروتىستانت دىنى، ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنلىرى بار. پايتەختى پارىژ، پۇل بىرلىكى فرانك (Frank )سۆزى ئەسلى قەبىلە نامى بولۇپ، فرانسۇزلار قەبىلە نامىنى ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ھالدا پۇل بىرلىكى قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇنىڭ مەنىسى ھەر بىر فىرانسۇز خۇددى قولىدىكى پۇلغا ئوخشاش قەدىر - قىممەتلىك، ئەتىۋارلىق ۋە ياراملىق دېگەنلىك بولىدىكەن ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرا ئەسىردە دۇنياغا كەلگەن فرانسىيە دۆلەت بايرىقى ئالتۇن رەڭلىك ئۈچ پىياز گۈلى بىلەن زىننەتلەنگەن زەڭگەر بايراق ئىدى. 1789 - يىلى ئىيۇلدا فرانسىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە پارىژ مىللىي قوغدىغۇچىلار ئەتىرتى كۆك، ئاق ۋە قىزىل رەڭلىك بايراقنى ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن، ئاق رەڭ خان جەمەتىنى، كۆك ۋەقىزىل رەڭ پارىژ شەھەر ئاھالىلىرىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۈچ خىل رەڭ فرانسىيە تارىخىدىن كەلگەن، كۆك رەڭ سان مارتىن ئۇچىسىدىكى توننىڭ رەڭگى، ئاق رەڭ مەشھۇر مىللي قەھرىمانى مەبۇدە جوئادنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بېرىلگەن. ئەمما، قەھرىمان سان داننىس قىزىل ھەربىي بايرىقىنى ئىشلەتكەن. بۈيۈك ئىنقىلابىدىن كېيىن 1812 - يىلى مۇقىملاشتۇرۇشقا قەدەر بۇ ئۈچ خىل رەڭنىڭ تۈزۈلۈش تەرتىپىدە ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرغان. بوئوربۇن خاندانلىقىدا بۇ ئۈچ خىل رەڭلىك بايراق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، 1830 - يىلىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنى يەنە ئەسلىگە كەلگەن؛ 1946 - يىلى فىرانسىيە ئاساسىي قانۇنىدا تىك تارتىلغان كۆك، ئاق ۋە قىزىل يوللۇق بايراقنى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلىشنى رەسىمىي بەلگىلىگەن. 1958 - يىلى فرانسىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، كۆك، ئاق ۋە قىزىل تىك يوللۇق دۆلەت بايرىقى ۋاقىتلىق دۆلەت گېربى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ئەنئەنە بويىچە فرانسىيە ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى قارا ۋە ئاق رەڭلىك دۈگلەك شەكىلدىكى مۆھۈر بەلگىسىدە ئاساسلىقى ئادالەت ۋە ھاكىمىيەتكە ۋەكىللىك قىلىنغان بېزەكلىك تاياق سىزىلغان، بېزەك تاياقنىڭ ئىككى يېنىدا تىنچلىق ۋە غەلبىنىڭ سىمۋولى قىلىنغان زەيتۇن شېخى بىلەن لاۋېر دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان بولۇپ، لېنتىدىكى فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ شوئارى - < ئەركىنلىك، بارەۋەرلىك ، مۇھەببەت > دېگەن سۆزنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئاستىغا ئېسىلغان شەرەپ ئوردېنى 1789 - يىلىدىكى فرانسىيە ئىنقىلاب نۇرىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەيدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
فرانسىيە | UyghurWiki | UyghurWiki