UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرئاندۇررا

ئاندۇررا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا <ئىنجىل> دىن ئېلىنغان نام غەربىي ياۋروپادىكى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە چېگرىسىغا، پىرىنېئوس تاغلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق بولۇپ، يەر ۋەزىيىتى ئېگىز، ئەڭ ئېگىز كومې پېدروسا چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2975 مېتر كېلىدۇ. يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولغانلىقتىن قىشلىقى ئۇزۇن ھەم سوغۇق بولىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىدا ئۇزۇن مۇددەت قار ساقلىنىدۇ. ياز پەسلى قۇرغاق ئىسسىق كېلىدۇ. ئۇنىڭ شىمالدىن باشلىنىپ جەنۇبقا قاراپ ئاقىدىغان ۋالىرا دەرياسى ھەم ئۇنىڭ ئىككى تارمىقى بار. ئاندوررانىڭ يەر مەيدانى 465 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 41 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇنىڭ ئىچىدە ئاندوررانىڭ ئەسلى ئاھالىسى 7200 دىن ئوشۇق بولۇپ،% 17 نى تەشكىل قىلىدۇ. فرانسۇزلار 2700 ، قالغىنىنى پورتۇگالىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كاتەيرونىيە تىلىنى قوللىنىلىدۇ. ئىسپان تىلى بىلەن فرانسۇز تىلىمۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى رىم كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاندوررادا 9 - ئەسىردە كىنەزلىك دۆلەت قۇرۇلغان. 1278 - يىلى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن ئىككى دۆلەت ئاندوررانى ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ كېلىشىم بويىچە فرانسىيە ۋە ئىسپانىيىلەر ئاندوررادا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى فرانسىيە ۋەكالىتەن باشقۇرىدۇ. قالغان سىياسىيى، ئىقتىسادىي، قانۇن ساھەسىدىكى ئىشلىرىنى فرانسىيە، ئىسپانىيە بىرلىكتە باشقۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ساياھەتچىلىكتىن كېلىدىغان كىرىمى پۈتۈن كىرىمىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر ئاندوررا خەلقىنىڭ كۆپى ساياھەت ئىشلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قايسى ساھەلەردە ئىشلىمەكتە. بىر يىلدا ئاندورراغا كېلىپ ساياھەت ئىشلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قايسى ساھەلەردە ئىشلىمەكتە. بىر يىلدا ئاندورراغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ كېتىدىغانلار بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. ئاندوررانى بېسىپ ئۆتۈپ فرانسىيە، ئىسپانىيىلەرگە بارىدىغانلار 10 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئاندوررانىڭ يازلىق مەنزىرىسى گۈزەل، پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 37 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ئاندوررادا قىشلىقى ھەرخىل مۇز ئۈستى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا قولاي بولغانلىقتىن بۇ جايغا كېلىدىغان چەت ئەللىكلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئاندوررا دېھقانچىلىقىدا قارا بۇغداي، بۇغداي، ياڭيۇ، ئۈزۈم، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي بېقىلىدۇ. سانائىتىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە سانائىتى، ھاراق زاۋۇتى، ئۇن زاۋۇتى، كۆن - خۇرۇم، ياغاچچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئاندوررا سىرتتىن يېمەكلىك، يېقىلغۇ، ماشىنا - ئۈسكۈنە، كىيىم - كېچەك قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. ئاندوررا كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭ قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان، پۈتۈن دۆلەتتە ھەر تەرەپكە كەتكەن تاشيوللار ناھايىتى كۆپ. دۆلەت ئىچىدە قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار 23 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاپتوموبىل دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ھەر يىلى فرانسىيە، ئىسپانىيە تەرەپلەردىن بىرنەچچە مىليون ئاپتوموبىل ئاندورراغا كېلىپ قايتىدۇ، يالغۇز فرانسىيە تەرەپتىن كېلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانسىلا بىر مىليون 500 مىڭ قېتمدىن ئاشىدۇ. ئاندۇررانىڭ تولۇق نامى <ئاندۇررا كىنەزلىكى> بولۇپ، پىرىنۇس تېغىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغ جىلغىسىغا، فىرانسىيىنىڭ تورېز ۋە ئىسپانىيىنىڭ بارىسلونا شەھەرلىرى ئارىسىغا جايلاشقان، مەيدانى 46.5 بولۇپ، <يانچۇق دۆلىتى> دېگەن نامى بار. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا: بىرىنچى، ئېھتىمال باسىك تىلىدىكى andurrial سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، مەنىسى <تاش ئانار باراقسان ئۆسكەن باياۋان>، بۇ نام ئۇنىڭ تەبئىي مۇھىتىغا قارىتا قويۇلغان؛ ئىككىنچى، رىۋايەتتە، ئۇنىڭ نامى <ئىنجىل> دىكى ئىسىم >ئاندور<نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان ئىكەن.مىلادى 6 -- 7 - ئەسىردە مورىيلار
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاندۇررا | UyghurWiki | UyghurWiki