بېلگىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
باتۇر، جەڭگە ماھىر
ياۋروپانىڭ غەربىگە جايلاشقان دۆلەت. مەيدانى 30 مىڭ 513 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 9 مىليون 853 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، 59.3% نى گېرمان تىل سىستېمىسىدىكى فېلىماچلار، % 40.1 نى لاتىن تىل سىستېمىسىدىكى ۋاللۇن خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. فېلىماچلار فېلىماچە تىلدا، ۋاللۇنلار فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدۇ. بۇلاردىن قالسا فېلىماچە تىلدا، ۋاللۇنلار فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدۇ. بۇلاردىن قالسا ئاز ساندىكى گېرمانلار نېمىس تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئاھالىنىڭ % 90 دىن كۆپرەكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فېلىماچ تىلى بىلەن ھېسابلىنىدۇ. بېلگىيە يەر شەكلىنىڭ 3/4 قىسمىنى تۈزلەڭلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ئېدىرلىقلار بار. ئېدىرلىقلارنىڭ ئەڭ ئېگىز قىسمىمۇ 694 مېتردىن ئاشمايدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز ئوكيان خاراكتېرلىك ئېقىم بولۇپ، قىشلىقى قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ، يازلىقى سالقىن بولىدۇ. 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃0-℃4 ئارىلىقىدا، 7 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃15-℃18 ئارىلىقىدا بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى مول بولۇپ، تۈزلەڭلىكلەردە 750 دىن 900 مىللىمېترغا، ئېدىرلىقلاردا 900-1200 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 1/5 قىسمىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. بېلگىيە 1930 - يىلى گوللاندىيە ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا مۇستەقىل بولغان. بېلگىيە سانائەت، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت. سانائىتى پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، توقۇمىچىلىق سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، بىراق سانائەت خام ئەشىياسىنىڭ % 80 ى ئىمپورت قىلىنىدۇ. سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ % 50 ى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسورتى پۈتۈن ئېكسپورتنىڭ % 89.2 نى تەشكىل قىلىدۇ. سانائەت خەلق ئىگىلىكىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەك كۈچى پۈتۈن ئەمگەك كۈچىنىڭ % 31.4 نى تەشكىل قىلىدۇ (1982). بېلگىيىنىڭ چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 3/4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاساسەن كالا، چوشقا بېقىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيىسى يۇقىرى، تېرىلغۇ يېرى، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، ئورمان مەيدانى ھەرقايسى دۆلەت يېرىنىڭ 1/3 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن بۇغداي ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا يەم - خەشەك زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. قىزىلچا، ياڭيۇ تېرىلىدىغان مەيدانىمۇ خېلى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بېلگىيە ئاشلىق بىلەن ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. بېلگىيىنىڭ قاتناش ترانپسورتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3900 كىلومېتردىن ئاشىدۇ (1983)، پايتەختى بريۇسسېل شەھىرىنى مەركەز قىلغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار تەرەپ - تەرەپلەرگە سوزۇلغان. ئىچكى دەريا قاتنىشىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، توشۇلىدىغان يۈكنىڭ 3/4 قىسمى دەريا ترانسپورتى ئارقىلق بولىدۇ. سىرتقى سودىسى ئالاھىدە مۇھىم بولۇپ، خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 50 نى ئىگىلەيدۇ. چەت ئەللەرگە پولات، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا، ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىدۇ. نېفىت، كۆمۈر، سانائەت خام ئەشياسى، ئاشلىق ئىمپورت قىلىدۇ. ئانتوۋېرىپن شەھىرى ئەڭ مۇھىم پورتى ھېسابلىنىدۇ.
بېلگىيىنىڭ تولۇق نامى <بېلگىيە پادىشاھلىقى> بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ غەربىگە جايلاشقان. دۆلەت نامى كارىت مىللىتىنىڭ بېلگىي قەبىلىسىدىن پەيدا بولغان. بۇ قەبىلە ئەينى چاغدا ھازىرقى بېلگىيە تەۋەسى ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. قەبىلە نامى Belgae نىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر خىل كۆز قاراشلار بار: بىرىنچى، بۇ نام كارىت تىلى belg، bolg دىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <باتۇر>، <جەڭگە ماھىر>؛ ئىككىنچى، بىر سېمىزنىڭ لەقىمى بولۇپ، bhelgo سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، <ئىششىق> دېگەن مەنىدە؛ ئۈچىنچى، كارىت تىلىدىكى bol (ئورمان) سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <سازلىق كۆپ ئورمان>. مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى ئەسىردە رىم پادىشاھى تېسىزار بۇ جاينى بويسۇندۇرۇپ، بېلگىي قەبىلىسىنىڭ نامىدا شۇ جايدىكى بىر ئۆلكىنى ئاتىغان بولۇپ، لاتىنچە Belguum دەپ يېزىلغان. تارىختا بېلگىيىنى ئۇزۇن مۇددەت يات مىللەتلەر بۆلۈپ ئىدارە قىلغان. 14 - 15 - ئەسىرلەردە بۇرگۇندىيە سۇلالىسى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 1815 - يىلى گوللاندىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1830 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئىككىنچى يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بېلگىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان.
بېلگىيىنىڭ يەر مەيدانى 30.519 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىليون 30 مڭ. بېلىگ ۋە ۋالوڭلاردىن سىرت يەنە گېرمان، تۈرك قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئاھالىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فرانسۇز ۋە گوللاند تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى بىريۇسسېل. پۇل بىرلىكى بېلگىيە فرانكى.
1830 _ يىلى گوللاندىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلغان غەربىي ياۋروپادىكى كىچىك دۆلەت بېلگىيە پادىشاھلىقى، قارا، سېرىق ۋە قىزىل تىك يوللۇق بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان. قارا ۋە قىزىل رەڭ 1830 - يىلى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ۋە ئۇلار چاچقان ئىسسىق قېنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بېرىلگەن؛ سېرىق رەڭ دۆلەتنىڭ بايلىقى ۋە مول ھوسولغا سىمۋول قىلنغان؛ بۇ بايراق مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن برابان، ئېرو ۋە فلاندېردىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىدىكى خەلق گوللاندىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قاارشى كۈرەشتە ئىشلەتكەن جەڭ بايرىقى دىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭگى دەل پېربراباننىڭ بەلگىسىدىكى رەڭ، بەلگىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قارا زېمىنىنى دەسسەپ، قىزىل تىلىنى چىقىرىپ تۇرغان شىرنىڭ رەسمى سىزىلغان. بۇ خان، قانۇن ۋە ئەركىنلىكنى ئەسلىتىدىغان قەدىمكى بايراق. بېلگىيە ئاساسىي قۇنۇنلۇق ۋارىسلىق قىلىدىغان خانلىق دۆلەت. شۇڭا، پادىشاھنىڭ ھارۋىسىغا دۆلەت بايرىقى ئەمەس، بەلكى خان بايرىقى ئېسىلغان. بېلگىيىنىڭ خان بايرىقى قىزىل تۆت چاس بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى كىرگۈزۈلگەن، بايراقنىڭ تۆت بۇرجىكىگە بىردىن تاج بىلەن ئىنگىلىزچە < B > ھەرپى ( پادىشاھ بائۇدۇئاننىڭ ئىسمى B ھەرىپىدىن باشلانغان) يېزىلغان.
دۆلەت گېربى 1830 - يىلى تۈزۈلگەن. برابان بەگلىكى خەلقنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قىزغىن قوللىغانلىقى ئۈچۈن، بېلگىيىنىڭ دۆلەت گېربى ۋە دۆلەت بايرىقىد بەگلىكنىڭ مۆھۈر بەلگىسىدىكى قارا، قىزىل ۋە ئالتۇن رەڭ ساقلاپ قېلنغان. دۆلەت گېربىگە ئاساسلىقى بىر قارا قالقاندا ئۆرە تۇرغان بىر ئەركەك شىر سىزلغان بولۇپ، خان جەمەتىنىڭ سەلتەنەتلىكى ۋە ھاكىمىيەت كۈچى سىمۋول قىلىنغان. قالقان ئەتراپى تۇنجى پادىشاھا لېئوپولدنىڭ چىرايلىق بېزەلگەن ئوردېنى بىلەن زننەتلەنگەن؛ ئارقىسىغا خان جەمەتىنىڭ ھاكىمىيەت ئورنى ۋە ئادالەتنىڭ بەلگىسى بولغان ئالتۇن رەڭلىك ھاسا قويۇلغان؛ ئۈستى گۈللۈك تاج بىلەن زىننەتلەنگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستىدىكى توققۇز بايراق ئايرىم - ئايرىم ھالدا بېلگىيىنىڭ توققۇز ئۆلكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئاستىدىكى قىزىل لېنتىغا فرانسۇز ۋە فلاندچە < ئىتتىپاقلىق - كۈچ > دېگەن ھېكمەتلىك سۆز يېزىلغان.