UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەركۇبا

كۇبا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا خەلق سۆيۈدىغان داھىنىڭ ئىسمى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارالغا جايلاشقان دۆلەت، شىمالدا ئا ق ش نىڭ فلورىدا يېرىم ئارىلى بىلەن بولغان ئارىلىقى 180 كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر مەيدانى 114 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر (بۇنىڭ% 94 نى كۇبا ئارىلى ئىگىلەيدۇ) بولۇپ، پىنۇس قاتارلىق 1600 دىن ئوشۇق ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۇبانىڭ كۆپ ئورۇنلىرى پەس بولغان تۈزلەڭلىكلەردىن ئىبارەت، غەربىي تەرىپىدە ئېدىرلىقلار، شەرقىي تەرىپىدە مائىسترا قاتارلىق تاغلىقلار بار. بۇ جايدىكى توركىنو چىققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2005 مېتىرغا يېتىدۇ، كۇبادا چوڭراق دەريا، كۆللەر يوق، ئۇنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمېپراتۇرىسى℃ 25.5، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000-1500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، كۇبانىڭ ئاھالىسى 9 مىليون 983 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ% 66 ى ئاق تەنلىكلەر،% 12 ى نېگىرلار، قالغىنىنى ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر تەشكىل قىلىدۇ. كۇبادىكى خەنزۇلار 20 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسپان تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى پۈتۈن ئاھالىنىڭ 60% دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۇبا كولۇمبونىڭ 1492 - يىلى 27 - ئۆكتەبر كۈنى ئامېرىكا قىتئەسىگە قىلغان بىرىنچى قېتىملىق سەپىرىدە تاپقان ئارال. بۇ جايغا 16 - ئەسىردە ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. 1898 - يىلدىكى ئىسپانىيە ئا ق ش ئۇرۇشىدىن كېيىن ئا ق ش نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1902 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، كۇبا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، 1959 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى باتىستا ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ ھازىرقى كۇبا سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1960 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، كۇبا ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە ئەڭ ئاساسلىق شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈلىدۇ، ھازىر كۇبا بويىچە پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ% 56دە شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ شېكەر ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2/3 قىسمىنى، پۈتۈن ئېكسپورتىنى % 88نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ تارىختىن بۇيان <دۇنيا شېكەر ئامبنىرى> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. شېكەر قومۇشىدىن باشقا تاماكا، كوفى، شال، ھەرخىل تروپىك مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق سۈتلۈك كالا بېقىلىدۇ. سانائەتتە شېكەر سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا كان سانائىتى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق، تاماكا، توقۇمىچىىلق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە تەرەققىي قىلغان. كۇبانىڭ تولۇق نامى <كۇبا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، كارىب دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. كۇبا ئارىلى، ياشلار ئارىلى، رۇمانو ئارىلى قاتارلىق چوڭ - كىچىك 1600 ئارالدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، <مىڭ ئارال دۆلىتى> دېگەن نامى بار. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى قاراشلار ھەر خىل: بىرىنچى، كۇبا نامى ئەسلى بۇ ئارالدىكى بىر ئاھالىلەر نۇقتىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئىندىئان تىلىدىن پەيدا بولغان. ئىندىئانلارنىڭ رىۋايىتىدە كۇبا باتۇر، جەڭگە ماھىر، كۈچلۈك، دۈشمەندىن قورقمايدىغان، خەلقنىڭ چوڭقۇر سۆيۈشىگە ئېرىشكەن بىر داھى بولۇپ، كېيىن كىشلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى بىر ئاھالىلەر نۇقتىسىنىڭ نامى قىلىدۇ. يەنە كېيىن دۆلەت نامى قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، كولۇمبۇ 1492 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كۇبا ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چېققاندىن كېيىن، ھەيرانلىق ۋە خوشاللىق بىلەن يۇقىرى ئاۋازادا:<بۇ مەن كۆرۈپ باققان ئەڭ گۈزەل جاي!> دەپ توۋلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەلۇم بىر تۇمشۇقنى <كۇبا تۇمشۇقى> (ئەڭ بۇرۇن Colba دەپ يېزىلغان) دەپ ئاتاپتۇ. بۇنىڭ يەرلىك ئىندىئان تىلىدىكى مەنىسى <رايون، تەۋەلىك ياكى ئۆلكە> بولۇپ، <كۇبا> سۆزى شۇنىڭدىن پەيدا بولغان. كۇبا ئەسلى ئىندىئان كارىب مىللىتىنىڭ ئولتۇراق جايى بولۇپ، 1511 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1898 - يىلىدىكى ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا بېسىۋالغان. 1902 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، كۇبا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. يەر مەيدانى 110.86 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىليون 896 مىڭ. پايتەختى ھاۋانا. پۇل بىرلىكى كۇبا پېسوسى. كۇبانىڭ دۆلەت بايرىقىنى 1849 - يىلى كۇبانىڭ ۋەتەنپەرۋەر رەسسامى مېگىل دولۇ كۇبا مۇستەقىل ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى گېنرال ناسئولوپېىسىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن لايھىلىگەن. دۆلەت بايرىقى قىزىل، كۆك ۋە ئا رەڭىلىك توغرا بەلدەمدىن تەركىب تاپقان؛ بايراق سېپى تەرەپكە بىر تەڭ تەرەپلىك ئۈچبۇلۇڭ، دەل ئوتتۇرىسىغا بىر ئاق بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز سىزىلىغان. بەش بۇرجەكىلىك يۇلتۇز بىلەن ئۈچبۇلۇڭ كۇبانىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ بەلگىسىدۇر. قىزىل ئۈچبۇلۇڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھىرىبانلىق ۋە كۇبا خەلقىنىڭ مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قەتىئىي قارشى تۇرۇش كۈرشىگە سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ساپ مىللىي روھىغا سىمۋول قىلنغان كۆك ۋە ئاق رەڭلىك بەش بالداق سىزىلغان. 1850 - يىلى مايدا گېنرال لوپېس تۇنجى قېتىم كۇبا ئاسمىنىدا بۇ تەنتەنىلىك بايراقنى چىقارغان، 1902 - يىلى بۇ بايراقنى رەسمىي دۆلەت بايرىقى قىلىپ ئىشلەتكەن ھەمدە ھازىرغا قەدەر ئىشلەتمەكتە. كۇبا فلورىدا بىلەن يوكاتان يېرىم ئارىلى ئارىلىقىدىكى كارىب دېڭىزىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا مېكسىكا قۇلتۇقىغا بارىدىغان ئاچقۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. كۇبا دۆلەت گېربىگە سىزىلغان نۇرلۇق ئاچقۇچ كۇبانىڭ بۇ دېڭىزدىكى مۇھىم ئورنىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئوڭ تەرەپتە بىر تۈپ پالما دەرىخى بولۇتلۇق كۆك ئاسمان بىلەن ئىككى تاغنىڭ ئارىلىقىدا تېخىمۇ تىك ۋە مەزمۇت كۆرۈنىدۇ، قويۇق يېشىل ئۆسۈملۈكلەر تىپىك ئىسسىق بەلۋاغنڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، كۇبانىڭ مۇنبەت ۋە كۆپ خىل مەھسۇلاتلىق زېمىنىنى كۆرسەتكەن؛ سول تەرىپىگە دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش كۆك ۋە ئاق رەڭىلىك بالداق سىزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىغا بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز سىزىلغان قىزىل < ئەركىنلىك تۇمىقى > بىلەن بىر تال < ئەركىنلىك تايىقى > ئەركىنلىك ۋە نوپۇرنىڭ سىمۋولى بولغان. گۈللۈك تاياق خەلقىنىڭ ئادالەتلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنى ياپيېشىل كاۋچۇك شېخى بىلەن لاۋېر گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان گۈلچەمبىرەككە ئورالغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر