مالاۋى
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
يالقۇندەك نۇر چېچىپ تۇرغان دۆلەت
ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مالاۋى كۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 118 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 6 مىليون 430 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ% 98 نى بانتو تىل سىستېمىسىدىكى نېگىرلاردىن بولغان مالاۋى، ماكوئا قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. يەرلىك خەلق ئىپتىدائىي دىنلارغا، بىر قىسمى كاتولىك دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىغا، ئاسىيالىقلارنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. ھازىر مالاۋى ھۆكۈمىتى مالاۋى تىلىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرماقتا. مالاۋىگە 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پورتوگالىيە، ئەنگلىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن. 1891 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان، 1904 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى نىياسسا بولۇپ قۇرۇلغان. 1953 - يىلى ئوتتۇرا ئافرىقا بىرلەشمىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1964 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، دۆلەت نامىنى نىياسسادىن مالاۋىگە ئۆزگەرتكەن. 1974 - يىلى پايتەختىنى زۇمبە شەھىرىدىن لىلونگۋى شەھىرىگە يۆتكىگەن. مالاۋى ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ% 80 ى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ (1984)، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 40% نى تەشكىل قىلىدۇ (1984)، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتنىڭ %95 نى تەشكىل قىلىدۇ (1984)، يېزا ئىگىلىكىدە كۆممىقوناق، تاماكا، خاسىڭ، كېۋەز ئۆستۈرۈلىدۇ. تاماكا ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ% 55 نى، چاي% 20 نى تەشكىل قىلىدۇ (1981). چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق ئۆچكەن، كالا بېقىلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ ئېشىنىدۇ. مالاۋى سىرتقى دۆلەتلەر ئارا مال ئالماشتۇرۇشتا موزامبىكنىڭ پورتىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. سانائەتتە چاي، تاماكا، ياغ زاۋۇتلىرى بىلەن شېكەر، توقۇمىچىلىق، سېمونت ۋە كان سانائەتلىرى بار. تاشقى سودىسىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ماشىنا ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ.
مالاۋىنىڭ تولۇق نامى <مالاۋى جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان، مالاۋى كۆلى بويىغا جايلاشقانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. مىلادى 16 - ئەسىردە چۇۋا مىللىتىنىڭ قەبىلە باشلىقى كارۇندا مالاۋى كۆلى (مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى نىئاسا كۆلى دەپ ئاتالغان) بويىغا قەدىمىي بىر كىچىك پادىشاھلىق قۇرۇپ، <مالاۋى> دەپ ئاتىغان. چۇۋا تىلىدا <لاۋى> سۆزى <يالقۇن> ياكى <نۇر چېچىش> مەنىسىدە بولۇپ، قۇياش مالاۋى كۆلىنى يورۇتۇپ، كۆل يۈزىدە بىر پارچە يالقۇندەك چاقناق نۇر ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كاروندا <مالاۋى> نى دۆلەت نامى قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ <يالقۇندەك نۇر چېچىپ تۇرغان دۆلەت> ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. يەنە بىر خىل قاراشتا، مالاۋى قەدىمكى نېگىر قەبىلىسى Maravi نىڭ نامىدا ئاتالغان ياكى Manganja كىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ئەنگلىيىلىكلەر بۇ جايغا كېلىشتىن بۇرۇن،زامبېزى دەرياسىنىڭ شىمالى، روئانگى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى لاۋى كۆلىنى مەركەز قىلغان رايونلارنىڭ ھەممىسى مالاۋى دەپ ئاتالغان. مالاۋى 1891 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ <ھامىلىقىدىكى دۆلەت> كە ئايلانغان. 1907 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن باشلاپ نىئاسلاند (مالاۋى كۆلىنىڭ كونا نامى <نىئاسا كۆلى> دىن كەلگەن، مەنىسى <كەڭ سۇ>) دەپ ئاتالغان. 1964 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، <مالاۋى> دەپ ئۆزگەرتىلىپ ئاتالغان ۋە ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىدىكى بىر ئاپتونوم تەۋەلىك بولغان. 1966 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مالاۋىد جۇمھۇرىيەت جاكارلانغان.
مالاۋىنىڭ يەر مەيدانى 118.4 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 9 مىليون 438 مىڭ. ئاساسلىقى بانتۇلار، يەنە ياۋرۇپا ۋە ئاسىيالىق مۇھاجىرلار بار. 78%ى ئىپتىدائىي دىنلارغا، % 20ى خرىستىئان دىنىغا، % 2ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز ۋە چۇۋا تىللىرى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى لىلونگۋې، پۇل بىرلىكى مالاۋى كۋاچاسى.
- 16 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گۈزەل مالاۋى كۆلى ۋادىسىدا پادشاھلىقى دۇنياغا كەلگەن. كېيىن ياۋروپادىكى ئېكسپېدىيسىپىچىلەر بۇ يەرنىڭ تىنىچلىقىنى بۇزغان. 1891 - يىلى، مالاۋى ئەنگلىيىنىڭ < ھىمايە ئاستىدىكى يېرىگە ئايلىنىپ قالغان، كېيىن ئۇنىڭ نامىنى يەنە نياسالېندقا ئۆزگەرتكەن. 1964 - يىلى مالاۋى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ھەمدە جۇمھۇرىيەت بولغان. مالاۋى دۆلەت بايرىقى مالاۋى پارلامېنىت پارتىيىسىنىڭ قارا، قىزىل، يېشىل، رەڭلىك پارتىيە بايرىقى ئاساسىىدا قارا رەڭلىك بەلدەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا رەھبەرلىكىدە مۇشۇ ئۈچ خىل رەڭلىك بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولدا باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ھەرخىل قىيىنچىلىق ۋە خېيىمخەتەر ئۈستىدىن غەلبە قازانغان. قارا رەڭ - قارا تەنلىك ئافرىقا خەلقىنىڭ قۇياشقا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد ۋە ئەركىنلىك تاڭ نۇرىغا قاراپ ئالغا بېسىپ چوقۇم نۇر بىلەن يالقۇننىڭ بىرلىشىشى داۋامىدا يېڭى تارىخىي دەۋرگە كىردىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ قىزىل رەڭ مالاۋىنىڭ جۇشقۇنلۇقى ئۇرغۇپ تۇرغان يېشىل تەبىئەتنى بىلدۈرگەن.
مالاۋى دۆلەت گېربى 1962 - يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل بەلدەمگە بىر ئالتۇن شىر سىزىلغان، مالاۋىنىڭ ئەنگلىيە فېدېراتىسىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قالقاننىڭ ئۈستىدىكى كۆك ۋە ئاق رەڭلىك دولقۇنسىمان بەلدەملەردە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تاتلىق كۆل - مالاۋى كۆلىنىڭ چوڭقۇر مېھىي داۋالغۇپ تۇرغان. قۇياشنىڭ قالقان ئاستىدىكى قارا زېمىندىن كۆتۈرلۈشكە ئەگىشىپ، ئافرىقا خەلقى كېلەچەككە تېخىمۇ تولۇپ - تاشقان ئىشەنچكە ئىگە بولغان. قالقاننىڭ ئىككى يېنىدىكى شىر، قاپلان، ۋە چوققىدىكى شۇڭقار بۇ جاينىڭ ئاساسلىق ھايۋاناتى بولۇپ، مالاۋى خەلقىنىڭ باتۇرلۇق روھى نامايان قىلىنغان. قالقاننىڭ ئاستىغا مالاۋىنىڭ گۈزەل ۋە باياشات تېغى - لانجېر تېغى سىزىلغان. تاغ ئېتىكىدىن ھالقىپ ئۆتكەنبىر لېنتىغا ئىنگىلىزچە < ئىتتىپاقلىق ۋە ئەركىنلىك > دېگەن خەت يېزىلغان