بولىۋىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
بولىۋار دۆلىتى
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىگە ئامازون دەريا تۈزلەڭلىكىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن لاپلاتا دەريا بويى تۈزلەڭلىكىنىڭ بىر قىسمى بىلەن لاپلاتا دەريا بويى تۈزلەڭلىكىنىڭ بىر قىسمى جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ تەخمىنەن %70 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىگە ئاندېس تاغلىقلىرى جايلاشقان. ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3800 مېتردىن ئاشىدۇ. غەربىي قىسىم تاغلىق رايوندا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز تاتلىق سۇلۇق كۆل تىتكاكا كۆلى جايلاشقان. بۇ كۆلدە يىل بويى قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. ئىقلىمى يەر ۋەزىيىتىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ئېگىز تاغلىقلارنىڭ ئىقلىمى سوغۇق، تاغ ۋادىلىرىنىڭ يىللىق، تۈزلەڭلىكلەرنىڭ قاتتىق ئىسسىق كېلىدۇ. ھۆل - يېغىنى شەرقىي قىسىملىرىدىكى 2000 مىللىمېتردىن غەربكە قاراپ ئازلاپ 100 مىللىمېترغا چۈشىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ %50 يېرىنى ئورمانلىقلار قاپلاپ تۇرىدۇ. بولىۋېىيىنىڭ يەر مەيدانى بىر مىليون 98 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 6 مىليون 80 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ %54 دىن كۆپرەكىنى ئىندىئانلار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئىندىئانلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئىندىئانلاردىن قالسا ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان مېتىسلار (چولو) % 31نى، كېرېئولار (ئاق تەنلىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى)، ئاق تەنلىكلەر % 15 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ % 95 ى كاتۇلىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى، ئاھالىنىڭ كۆپى كىچويا، ئائىمارا قاتارلىق ئىندىئان قەبىلىلىرى تىلىدا سۆزلىشىدۇ. شەھەر ئاھالىسى % 41.8 نى تەشكىل قىلىدۇ. بولىۋىيە قەدىمىي ھىنگا ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1538 - يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1825 - يىلى 8 -ئاينىڭ 6 - كۈنى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. بولىۋىيە دۇنيا بويىچە سىياسىي ئۆزگىرىش كۆپ بولۇپ، رەھبەرلىكى مۇقىم بولماي كېلىۋاتقان دۆلەت، ئۇ مۇستەقىل بولغان 146 يىل ئىچىدە 185 قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش بولغان، بۇ جەرياندا 85 پېرىزدېنت ئالماشقان. بولىۋىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ جايدا قەلەي، كۈمۈش، ۋىسموت، سۈرمە، ۋۇلفرام، قوغۇشۇن، سېنك، تۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. بولۇپمۇ قەلەي ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا مالايشيادىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بولىۋىيىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ % 95 نى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قەلەي % 55 نى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەبىئىي گاز ئېكسپورتى زور مىقداردا ئاشماقتا. يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلقتىكى ئەمگەك كۈچى پۈتۈن ئەمگەك كۈچىلىرىنىڭ 2/3 سىنى تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا كۆممىقوناق، ياڭيۇ، بۇغداي، كوفې، كاكائۇ، شال، شېكەر قۇمۇشى، تاماكا ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ.
بولىۋىيىنىڭ تولۇق نامى <بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان. دۆلەت نامى ئادەم ئىسمىدىن پەيدا بولغان. بولىۋىيە (Bolivia) سۆزى دۆلەت نامى بولۇپ، مەنىسى <بولىۋار دۆلىتى>. ئۇزاق قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپلا بۇ جايدا ئىندىئانلار ياشاپ كەلگەن، مىلادى 16 - ئەسىردە ئىنكا ئىمپېرىيسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان. 1538 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، <يۇقىرى پېرۇ> دەپ ئاتالغان. 1809 - يىلى بولىۋىيە خەلقى باشقا مۇستەملىكە خەلقلىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا قاينام - تاشقىنلىق مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بارغان. 1824 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەملىكچىلەرگە قارشى كۈرەشنىڭ مەشھۇر داھىسى سىمون بولىۋار (1783 - 1830) بۈيۈك كولۇمبىيە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ ئېكۋادور، ۋېنېسۇئېلا، كولۇمبىيىلەرنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ئاندىس تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرى يۇقىرى پېرۇ (يەنى بولىۋىيە) نى ئازاد قىلغان، 1825 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يۇقىرى پېرۇ مۇستەقىللىق جاكارلاپ، شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئازاد قىلغۇچىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بولىۋارنىڭ ئىسمىدا بۇ دۆلەتكە <بولىۋار جۇمھۇرىيىتى> دەپ نام قويغان، ئۇزۇن ئۆتمەي <بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
بولىۋىيىنىڭ يەر مەيدانى 1.098581 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 7 مىليون 612 مىڭ. ئىسپان ۋە ئىندىئان تىللىرى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى لاپاز. پۇل بىرلىكى بولىۋىيە پېسۇسى.
بولۋىيە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، پۈتۈن زېمىنى ئېگىزلىككىە جايلاشقان.1538 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1825 - يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەقىل ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋاسى بولىۋار ئارمىيىلەرنى باشلاپ بېرىپ، بۇ زېمىننى ئازاد قىلىىپ، بۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى يېى ھاياتقا ئېرىشتۈرگەن. يەرلىكلەر شۇ سەۋەبتىن ئازاد قىلغۇچى بولىۋارنىڭ ئىسىمىدا بۇ دۆلەتنىڭ نامىنى بولىۋىيە دەپ ئاتىغان. قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭلىك بولۋىيە دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل رەڭ بولۋىيە خەلقىنىڭ باتۇرانە روھىنىڭ سىمۋولى بولغان، سېرىق رەڭ بىلەن يېشل رەڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ا قىزىلما بايلىقى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىمۋولى بولغان. دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى سىزىلغان.
بولىۋىيە دۆلەت گېربىدە قەدىمكى ئىنگا مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان < ماي قۇياشى >كۈمۈش كۆپ چىقىدىغان بوتوسى تېغى بىلەن يېشىل ئوتلاققا نۇر چېچېىپ تۇرغان. ئوتلاقتا نان دەرىجى ، شال باشىقى، قانداغاي ۋە دېھقان ئويى بولۇپ، بولىۋىيىنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى كۆرسەتكەن. ئىسپانىيىچە < بولىۋىيە> دەپ يېزىلغان قىزىل خەت بىلەن توققۇز ئۆلكىنى بىلدۈردىغان ئالتۇن يۇلتۇزلار دۆلەت گېربىنى چۆرىدەپ تۇرغان؛ دۆلەت گېربىنىڭ ئارقىسىغا زەمبىرەك، نەيزىلىك مىلتىق، ئىنگالارنىڭ كۈمۈش پالتىسى ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى بولغان < ئەركىنلىك تومىقى > بىلەن ئالتە دۆلەت بايرىقى گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان. بۇ ھەم ئازادلققا ئېرشتۈرگۈچى بولىۋارنىڭ ئۇلۇغىۋار تۆھپىسىنى خاتىرلەش بولۇپ ھەم بولىۋىيىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىنىڭ سىمۋولىدۇر. پەرۋاز قىلىش ئالدىدا تۇرغان بۈركۈت بىلەن يېشىل لاۋېر دەرىخى، زەيتۇن شېخى قاتارلىقلار بولىۋىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋەتىنىچلىققا بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلىگەن.