UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرسان تومې ۋە پرىنسىپې

سان تومې ۋە پرىنسىپې

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا مۇقەددەس مۇخلىس ۋە شاھزادە ئارىلى ئافرىقىدىكى گۋېنىيە قولتۇقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يانار تاغ ئىچىدىكى سانتومې ۋە پرىنسىپىدىن ئىبارەت ئىككى ئارال ئىچىدىكى ئاساسلىق ئارال. شەرقتە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن 240 كىلومېتىر، شەرقىي شىمال پرىنسىپى ئارىلىدىن 128 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. مەيدانى 836 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى تەخمىنەن 70 مىڭدىن ئاشىدۇ. سانتومې ئارىلىنىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى ئېگىز - پەس، تاغلىق كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىز نۇقتا بولغان سانتومې چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2204 مېتىر كېلىدۇ، ئارالنىڭ ئورنى ئېكۋاتور بەلبېغىغا يېقىن بولغانلىقتىن، ئىقلىمى يىل بويى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق كېلىدۇ. جەنۇبتىكى ۋىندۋارد يان باغىرلىرىدا ھۆل - يېغىن مىقدارى 7000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. بۇ جاي ئافرىقا بويىچە ئەڭ كۆپ يامغۇرلۇق ئورۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەممە جايلىرىنى دېگۈدەك ئورمان، ئوت - چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. كاكائو، كوفى، ياغلىق پالما، پالما قاتارلىق تروپىك زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئەتراپىدىكى دېڭىزلاردىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. سانائىتىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سوپۇن ئىشلەش، بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. سان تومې ۋە پرىنسىپېنىڭ تولۇق نامى <سان تومې ۋە پرىنسىپې دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى گۋىنىيە قولتۇقىغا جايلاشقان. سان تومې كاتولىك دىنى مۇقەددەس مۇخلىسنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. 1470 - يىلى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى پېتروئېسكىۋار ۋە رىئو. دېسىنتالىن بۇ جايغا كېلىپ، ئۇنى <يېشىل ئارال> دەپ ئاتىغان. كېيىن پورتۇگالىيىلىكلەر يەنە مۇقەددەس كاتولىك مۇخلىسىنىڭ ئىسمى بىلەن بۇ جاينى سان تومې دەپ ئاتىغان. پورتۇگاللار بىر يىلدىكى ھەر بىر كۈننى مۇقەدەس مۇخلىسلارنىڭ نامىدا ئاتىغان بولۇپ، ئۇلار سان تومېنى بايقىغان كۈن دەل سان تومې كۈنىگە توغرا كەلگەچكە شۇنداق دەپ ئاتىغان. 1534 - يىلدىن بېرى بۇ جاي ئىزچىل ھالدا كاتولىك دىنى ئەۋج ئالغان جاي بولغان. پرىنسىپې پورتۇگالىيە پادىشاھىنىڭ بۇ ئارالنى ئۆزگەرتىپ ئاتىشىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <شاھزادە ئارىلى>، 1471 - يىلى پورتۇگالىيە دېڭىزچىلىرى پېترو . ئېسكۋار ۋە رىئو. دېسىنتالىن بۇ جايغا كېلىپ، SantoAntonio دەپ ئاتىغان، بۇ نام ھازىر بۇ ئارالدىكى ئاساسلىق شەھەر بازىرىنىڭ نامى. كېيىن پورتۇگالىيە پادىشاھى ئارالدىكى بايلىقلارنى شاھزادىسىگە ئىنئام قىلغاچقا، ئارالنىڭ نامى پرىنسپې ئارىلىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1522 - يىلى پورتۇگالىيە سان تومې ۋە پرىنسىپې ئاراللىرىنى رەسمىي ھالدا ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى دەپ جاكارلىغان. 17 -- 18 - ئەسىرلەردە، گوللاندىيە ۋە فرانسىيىلەر ئىلگىرى - كېيىن بۇ ئىككى ئارالنى بېسىۋېلىپ، 1878 - يىلى پورتۇگالىيە قايتا ئىگىلىگەن. 1951 - يىلى پورتۇگالىيە بۇ جاينى ئۆزىنىڭ <سرت ئۆلكىسى> قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 1975 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىنىپ، دۆلەت نامى <سان تومې ۋە پرىنسىپې دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ بېكىتىلگەن. سان تومې ۋە پرىنسىپېنىڭ يەر مەيدانى 996 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 126 مىڭ. % 90ى بانتۇلار بولۇپ، بانتو ۋە ئىسپان تىللىرى تۇرمۇش تىلى ھېسابلىنىدۇ. پورتۇگال تىلى بولسا ھۆكۈمەت تىلى قىلىنغان. % 80 ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى سان تومې. پۇل بىرلىكى دوبرا. 1975 - يىلى ئىيۇلدا، ئېكۋاتورگۋىنىيە دېڭىز بويىدىكى پرىسىپې ئارىلى بىلەن گابون دېڭىز بويىدىكى سان تومې ئارىلى بىرلىشىپ، پورتۇگالىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان ھەمدە سان تومې ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بايرىقىنى بۇ يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. دۆلەت بايرىقىنىڭ سول تەرپىدىكىسى قىزل ئۈچبۇلۇڭ بولۇپ، يۇقىردىن تۆۋەنگىچە يېشل، سېرىق رەڭلىك توغرا بەلدەم بايراقنىڭ قالغان قىسمىنى ئايرىپ تۇرغان. بەش بۇرجەكلىك ئىككى قارا يۇلتۇز ئوتتۇرىدىكى سېرىق بەلدەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلغان. بۇ دۆلەت بايرىقىنىڭ مۇل مەزمۇنى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. مۇستەقىللىق ئۈچۈن قۇربان بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىسسىق قېنى بايراقنىڭ ئۈچبۇلۇڭلۇق قىسمى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن؛ ئوتتۇرسىدىكى سېرىق تۇپراق كاكائو دەرىخى ئۆسىدىغان مۇنبەت يەرنى بىلدۈرگەن، سېرىق رەڭلىك بەلدەمنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ تۇرغان ئاستى ۋەئۈستىدىكى ئىككى يېشىل بەلدەم، كاكائو دەرىخى ئۆسىدىغان يەرنى ئوراپ تۇرغان يېشىل ئورمان بىلەن ئوكياننىڭ سىمۋولى بولغان؛ بەش بۇرجەكلىك ئىككى يۇلتۇز سان تومې بىلەن پرىنسىپې ئارىلىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئافرىقىلقلارنڭ تېنى دەل مۇشۇنداق چىرايلىق ھەم ساددا قارا ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. سان تومې بىلەن پرىنسىپېدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ئارالغا ۋەكىللىك قىلىنغان ئافرىقا شۇڭقارىنىڭ بىر قالقانسىمان گېربىنى يۆلەپ تۇرغان كۆرۈنۈشنى دۆلەت گېربى بولغان. سول تەرەپتىكى شۇڭقارنىڭ قارا قۇيرۇقى شۇ جايدىكيى قارا تەنلىك ئاھالىلەرنى؛ ئوڭ تەرەپتىكى شۇڭقارنىڭ قۇيرۇقى قىزغۇچ قارابولۇپ، شۇ جايدىكى ئارغۇنلارنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر غوللۇق كوكۇس دەرىخى سىزىلغان، ئۇ تەڭرىدىن كەلگەن سوۋغان بولۇپ، دۆلەتنڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكىدۇر. قالقاننىڭ ئۈستىدىكى كۆك بەش بۇرخەكلىك يۇلتۇز ئاسمان بىلەن ئوكياننى بىلدۈرگەن. ئۈستى ۋە ئاستىدىكى سېرىق لېنتىغا دۆلەتنىڭ تولۇق نامى بىلەن ھېكىمەتلىك سۆزى: < ئىتتىپاق، ئىتىزام، ئەمگەك > دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر