UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرزايىر

زايىر

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇ قۇرۇقلۇقتا توققۇز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىپ تۇرىدۇ. پەقەت زايىر (كونگو) دەريا ئاغزىدىكى 40 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. زايىر جايلاشقان ئورنىغا ئاساسەن ئافرىقىنىڭ <يۈرىكى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 2 مىليون 345 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئافرىقا بويىچە چوڭلۇقى جەھەتتە سۇدان، ئالجىرىيىدىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. زايىر ئەتراپى تاغلىقلار، ئېگىز تەكشىلىكلەر بىلەن قورشالغان ئويمانلىق شەكلىدىكى دۆلەت. ئۇ كونگو (زايىر) ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىملىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 400 مېتىر كېلىدۇ. غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دونبا كۆلىنىڭ ئەتراپلىرى ئەڭ پەس بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 30 مېتىرغا يېتىدۇ. دۆلەتنىڭ جەنۇبىي، شەرقىي قىسىملىرىنى ئېگىزلىكى 1500 مېتىردىن يۇقىرى بولغان تاغلار قورشاپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي ئافرىقا ئۈزۈلمە بەلبېغىغا جايلاشقان روۋېنزورى چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 5119 مېتىرغا يېتىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىدا ئوتتۇرا ئافرىقا ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمى ئورۇن ئالغان. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى نەچچە يۈزلىگەن تارماق دەريانى ئۆز ئىچىگە قالغان زايىر دەريا سۇ سىستېمىسى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىدە شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ مومبوتو كۆلى، ئىدى كۆلى، دادا كۆلى، كيوۋ كۆلى، تانگانىكا كۆلى ۋە مېۋە يېرى كۆللىرى ئورۇن ئالغان. زايىر تروپىك ئىقلىم تىپىغا ئىگە دۆلەت. ئۇنىڭ 3/1 قىسىم يېرى ئېكۋاتور سىزىقىنىڭ شىمالىغا، 3/2 قىسمى جەنۇبىغا جايلاشقان. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃24 دىن ℃27 قا يېتىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان رايونى بىلەن تروپىك ساۋاننا بەلبېغى ئىگىلەيدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1500-2000 مىللىمتېر، جەنۇبىي كەڭلىك ° 5نىڭ جەنۇبىدىكى تروپىك ساۋاننا رايوننىڭ ھۆل يېغىنى 1000-1500 مىللىمتېر كېلىدۇ. زايىر دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق تروپىك ئورمانلىرى بىلەن قاپلانغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ يېرىنىڭ % 50نى ئورمان، % 10نى تروپىك ساۋاننا ئوتلاقلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئورمان بايلىقى مول بولسىمۇ تولۇق ئېچىلغىنى يوق. ئۇ جايدا قىممەت باھالىق ئورمانلار ناھايىتى كۆپ. ئۇ تروپىك ئورمان بايلىقى جەھەتتە برازېلىيىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. زايىر ئاھالىسى 30 مىليوندىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ %84 نى باننو تىل سىستېمىسىدىكى كونگو، ئىنكارا، سۇدان تىل سىستېمىسىدىكى ئازاندى خەلقلىرىمۇ بار. ئاھالىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت بويىچە چوڭ - كىچىك 250 تىن ئوشۇق مىللەت - قەبىلە بار. ئاھالىسىنىڭ يېرىمى ئىتپىدائىي دىنلارغا، قالغانلىرى كاتولىك، خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى لىنكارا تىلى، كىكونگو تىلى، چولوبا تىلى، سۇافىلى تىلى قاتارلىق يەرلىك تىللارنى قوللىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. 10 - ئەسىردىن باشلاپ زايىر دەريا بويلىرىدا كىنەزلىك دۆلەتلەر قۇرۇلغان. 13 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرگىچە كونگو پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، بېلگىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچىلەر ئارقا - ئارقىدىن بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1908 - يىلى بۇ جايلار بېلگىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان (بۇ ۋاقىتتا بېلگىيىگە قاراشلىق كونگو دەپ ئاتىلاتتى). 1960 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1964 - يىلى كونگو جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1971 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى دۆلەت نامىنى زايىر جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. 1961 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى چوڭ دۆلەت - زايىر زايىر دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئۇنىڭ تەبىئي بايلىقى مول بولۇپ < دۇنيا خام ئەشيالىرى ئامبىرى > ، < ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ ياقۇتى> دېگەن نامى بار. 1908 - يىلى بېلگىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1960 - يىلى ئىيۇندا مۇستەقىل كونگو جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ھەمدە بىر چوڭ بەش بۇرجەكىلك يۇلتۇز بىلەن ئالتە بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ئورنىتىلغان كۆك بايراقنى تۈزۈپ چىققان.1971 - يىلى ئۆكتەبىردەكونگونىڭ دۆلەت نامى زايىرغا ئۆزگەرگەن ھەم يېڭى دۆلەت بايرىقى تۈزۈلگەن. زايىرنىڭ دۆلەت بايرىقى يېشىل بايراق بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا بىر سېرىق دۈگلەك، دۈگلەكنىڭ ئىچىگە نىگېرلار ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان مەشئەل سىزىلغان. بۇ مەزكۇر دۆلەتتىكى خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ بەلگىسىدۇر. زايىرنىڭ تەۋەلىكىدە كەڭ ئوتلاق ۋە قويۇق ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىرى بار؛ سېرىق رەڭ دۆلەتنىڭ مول قېزىلما بايلىقىنى كۆرسەتكەن؛ مەشئەل ئىنقىلاب بىلەن نۇرنىڭ سىمۋولى بولغان؛ لاۋىلدىغان ئوت خەلقىنىڭ مىللىي قۇربانلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. ئۈچ خىل رەڭلىك بۇ بايراق مۇقەددەس ئوتنى ياندۇرۇپ، زايىر خەلقىنى كونگو دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاش ۋە تىنىچلىق، ئادالەت، ئەمگەكتىن ئىبارەت غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. نامى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى زايىر يەنىلا كونگو جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى دۆلەت گېربىنى ئىشلەتكەن. ئالتۇن رەڭلىك قاپلاننىڭ باش سۈرىتى دۆلەت گېربىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈنۈشى بولۇپ، زايىر خەلقىنىڭ باتۇرانە كۈرەش قىلىش ۋە ئېگىلمەس - سۇنماس مىللىي روھىنىڭ سىمۋولى بولغان. ئاستىدىكى گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان ئىككى نەيزە زايىردىكى ئوۋچى پالۋانلارنىڭ بەلگىسىدۇر؛ قاپلان بېشىنىڭ سول يېنى يېشىل پالما شېخى بىلەن بېزەلگەن، ئوڭ يېنىغا شۇ جاينىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى - پىل چىشى سىزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا زايىرلىقلار ئەمەل قىلىدىغان < ئادالەت، تىنىچلىق، ئەمگەك> دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر