UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەركامېرون

كامېرون

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا قىسقۇچپاقا دەرياسى دۆلىتى ئافرىقىنىڭ غەربىي ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپى گۋېنىيە قولتۇق سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 474 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبى دېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن شىمالىدىكى چاد كۆل بويلىرىغا تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. قالغان ئورۇنلىرىنى دېڭىز يۈزىدىن 1000-2000 مېتىرغىچە بولغان ئېگىزلىكلەر، تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ، ئەڭ ئېگىز كامېرون چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4070 مېتىرغا يېتىدۇ. كامېروننىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، بىراق دۆلەتنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئىقلىمىدا پەرق بار. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ھۆل - يېغىن مىقدارى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، بۇ جايلاردا قۇرغاق پەسلى بىلەن ھۆلچىلىك پەسلى ئېنىق بولىدۇ. دۆلەتنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان تىپىغا كىرىدۇ. بۇ جايلاردا ھۆل - يېغىن مىقدارى شىمال تەرەپلىرىدە 1000 مىللىمېتىر ئەتراپلىرىدا بولسا، جەنۇب تەرەپلىرىدە 4000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، بەزى جايلىرىدا (كامېرون تېغىنىڭ غەربىي ئېتەكلىرىدە9 11 مىڭ مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ جايلاردا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ يامغۇرلۇق رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ% 40 نى تروپىك ئورمانلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، كامېروننىڭ ئاھالىسى 9 مىليون 160 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئۇلار ئىككى خىل تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدۇ. 200 دىن ئوشۇق قەبىلە بار. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا ئولتۇراقلاشقان فىلابى مىللىتى سۇدان تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدۇ) ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، چارۋىچىىلق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار 11 - ئەسىردە مالىيدىن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. كامېرۇننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان بامىلىك، دۇئالا، فانگى، تىف، باموڭ قاتارلىق مىللەتلەر بانتۇ تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدۇ. ئىپتىدائىي دىنلارغا، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، باموڭ مىللىتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تىلى بار. ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ، كامېروندا 5 - ئەسىردىن باشلاپ قەبىلە ئاساسىدىكى كىنەزلىك دۆلەتلەر قۇرۇلغان. 1472 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان، ئۇنىڭ ئارقىدىن ئىسپانىيە، فرانسىيە، ئا ق ش، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كامېروننى 300 يىلغا يېقىن بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان. 1960 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، كامېرون جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، 1971 - يىلى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. كامېرون ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى% 80 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن تېرىق، قىزىل قوناق، مانىخوت، شال، كۆممىقوناق قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كاكائو، كوفى، كېۋەز، كاۋچۇك، خاسىڭ قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. بولۇپمۇ كاكائو ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، پۈتۈن ئېكسپورتنىڭ% 40 نى تەشكىل قىلىدۇ، كوفى ئۆستۈرۈش ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇئ ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ ئېشىنالايدۇ. سانائىتىدە كان سانائىتى، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، كۆن - خۇرۇم، ياغاچچىلىق، ئاليۇمىن تاۋلاش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەتلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. كامېروننىڭ تولۇق نامى <كامېرون جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، دۆلەت نامى كامېرون دەرياسىدىن دەريا نامى بولسا پورتۇگال تىلىدىكى Camaroes سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <قىسقۇچپاقا>(يەنى راك)<. مىلادى بەشىنچى ئەسىردە بۇ زېمىندا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەزىبىر قەبىلە پادىشاھلىرى شەكللەنگەن. 1472 - يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىسى فېرناندو بور (بەزىلەر پورتۇگالىيە پادىشاھى يۇھاننىڭ شاھزادىسى ھېنىرى دېيىشىدۇ) باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر ئەترىتى بۈگۈنكى كامېروننىڭ دۇئاررا ئەتراپىدىكى ئوررى دەريا ئېغىزىغا يېتىپ كېلىپ، يېمەكلىك ئىزدەپ دەرياغا تور يېيىپ نۇرغۇن قىسقۇچپاقا سۈزۈۋالغان ۋە خوشاللىقىدىن Camaroes دەپ ۋارقىرىشىپ كەتكەن، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى >قىسقۇچپاقا دەرياسى< كېيىن پورتۇگالىيىلىك دا گاما ئېلگىرى - كېيىن ئىككى قېتىم ( 1502 - 1503 - يىللار ۋە 1524 - يىلى) مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنى باشلاپ، غەربىي ئافرىقا دېڭىز بويلىرىنى بويلاپ ھەركەت قىلغان ۋە >قىسقۇچپاقا دەرياسى< توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ، بۇ جاينى كامېرون دەپ ئاتىغان، 1485 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە كامېرون دېڭىز بويلىرى دېگەن بۇ نام تۇنجى قېتىم ۋىنىتسىيىلىك خەرىتىچى سىتفېررى سورىگ سىزغان خەرىتىدە كۆرۈلگەن. 16 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، پورتۇگالىيە ئىشلىگەن خەرىتىلەردىمۇ كامېرون دېگەن نام يېزىلغان. 1902 - يىلى گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرى كامېروننىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋالغان. 1919 - يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە كامېروننى بۆلۈشىۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ تۇرغان. 1960 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كامېروننىڭ شەرقىدىكى فرانسىيىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىدىكى رايونلار مۇستەقىللىق جاكارلاپ، كامېرون جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1961 - يىلى 2 - ئايدا ئەنگلىيىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىدىكى رايۇننىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى قىسىملىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە شىمالى قىسمى شۇ يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نېگىرىيىگە قوشۇلۇپ كەتكەن، جەنۇبى قىسمى بولسا 10 - ئايدا كامېرون جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، كامېرون فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، 1972 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كامېرون بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىگە، 1984 - يىلى 1 - ئايدا كامېرون جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. كامېروننىڭ يەر مەيدانى 475.44 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 12 مىليون 200 مىڭ. ئىنگلىز ۋە فرانسۇز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. خرستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدۇ. پايتەختى يائۇندې، پۇل بىرلىكى ئافرىقا پۇل مۇئامىلە ئورتاق گەۋدىسى فرانكى. 15 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا - ئارقىدىن كامېرونغا تاجاۋۇز قىلغان. بىرنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كامېروننى فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە بۆلۈشۈۋالغان؛ كېيىن كامېرون > ئاپتۇنومىيىلىك ھۆكۈمەت < نى قۇرۇپ، يېشىل، قىزىل ۋە سېرىق رەڭدىكى بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان؛ 1960 - يىلى يانىۋاردا فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى كامېرون مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلغان؛ 1961 - يىلى ئۆكتەبىردە ئەنگلىيىگە تەۋە كامېرون ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ، كامېرون بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغان.ئەسلىدىك دۆلەت بايرىقىنىڭ يېشىل قىسىمغا بەش بۇرجەكلىك ئىككى ئالتۇن يۇلتۇز ئورنىتىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىككى تەركىبى قىسىمىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. 1975 - يىلىدىن باشلاپ دۆلەت بايرىقىنىڭ يېشىل ئورنىدىكى ئىككى ئالتۇن يۇلتۇز ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ، بايراقنىڭ دەك ئوتتۇرىسىغا بىر بەشيۇلتۇز سىزىلغان. دۆلەت بايرىقىدىكى يېشىل رەڭ جەنۇبتىكى ئورمانلارنى ۋە خەلقنىڭ بەختىيار كېلەچىكىگە بولغان ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن، سېرىق رەڭ قۇياشنىڭ رەڭگى بولۇپ، شان - شەرەپكە سىمۋول قىلىنغان ۋە شىمالدىكى ئوتلاق ۋە قېزىلما بايلقىنىمۇ بىلدۈرگەن؛ قىزىل رەڭ بىرلەشكەن ۋە بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ خاتىرە بەلگىسى بولۇپ، شۇنداقلا تېرلغۇ رايۇنلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن؛ كامېروننىڭ گۈزەل ۋە باياشات زېمىنى خەلقنىڭ خۇشاللىقى ۋە ھاياتى، شان - شەرىپى ۋە مۇھەببىتى بولۇپ، ئۇ گويا ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەڭ قەدەممۇ قەدەم چۆللۈكتىن ئايرىلىپ، مەدەنىيەتكە قاراپ ماڭماقتا. دۆلەت گېربىنڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىلغان مۇنار كامېروننىڭ يانار تاغ بەلگىسدۇر، قىزىل ئورۇنغا كامېروننىڭ خەرىتىسى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكى ھەم بارەۋەرلىكىنى بىلدۈرىدىغان زولپىقار بىلەن تارازا سىزىلغان. قالقانسىمان بەلگىنىڭ ئارقىسىغا قۇيۇلغان ئالتۇن رەڭلىك بېزەك تاياق نوپۇز ۋە دەخلى - تەرۇزسىزلىككە سىمۋول قىلىنغان. ئىككى يۇلتۇز ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىلگىرى ئەنگلىيىگە تەۋە جەنۇبىي قىسىم بىلەن فرانسىيىگە تەۋە شەرقىي قىسىمدىكى كامېروننى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىدا لەپىلدەپ تۇرغان سېرىق لېنتىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا كامېرون جۇمھۇرىيىتى 1960 يىلى يانىۋار< دېگەن خەت بىلەن <تىنچلىق - تىرىشىش - ۋەتەن > دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر