UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرئېكۋاتور گۋېنىيىسى

ئېكۋاتور گۋېنىيىسى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا ئېكۋاتورنېگىرلىرىنىڭ دۆلىتى ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ غەربىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان دۆلەت بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىدىكى مۇنى ئۆلكىسى بىلەن گۋېنىيە قولتۇقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىئوكو ئارىلى، پاگالو ئارىلى، كولىسكۇ قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرۇقلۇقتا كامېرون، گابونلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 28 مىڭ 51 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983 - يىل 7 - ئاي)، بۇنىڭ ئىچىدە فان (چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىدا)، بوبى (ئاراللاردا) مىللەتلىرى ئاساسىي قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەيختى مالابو شەھىرى. ئاراللارنىڭ كۆپىنچىسى يانار تاغ ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، يەر ۋەزىيىتى بەك ئېگىز - پەس كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز سانت ئىسمابىل چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 3008 مېتىر كېلىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا 15-25 كىلومېتىر كەڭلىكتە سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىچكى قىسىملىرى دېڭىز يۈزىدىن 600-900 مېتىر ئېگىز بولغان پەس تاغلىقلاردىن ئىبارەت. ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000-2500 مىللىمېتىر بولۇپ،% 70 يېرىنى تروپىك ئورمانلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ جايدىن ئېسىل، قىممەت باھالىق ياغاچ ماتېرىياللىرى چىقىدۇ. ئېكۋاتور گۋېنىيىسىگە 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن. 1778 - يىلدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، ئىسپانىيىگە قاراشلىق گۋېنىيە دەپ ئاتالغان. 1959 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى ئىككى ئۆلكىسى دەپ ئايرىلغان. 1968 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ ئېكۋاتور گۋېنىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. ئېكۋاتور گۋېنىيىسى ئىقتىسادتا دېھقانچىلىق ھەم ئورمانچىلىقنى ئېكۋاتور گۋېنىيىسى ئىقتىسادتا دېھقانچىلىق ھەم ئورمانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 80 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا كاكائو، كوفى، بانان، پالما يېغى، مانىخوت، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان، كىچىك كۆلەملىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ماشىنا رېمونت قىلىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. چەت ئەللەرگە كاكائو، كوفى، ياغاچ ئېكسپورت قىلىدۇ. بۇ خىل مەھسۇلاتلار پۈتۈن ئېكسپورتنىڭ %90 نى ئىگىلەيدۇ. سىرتتىن ئاشلىق، يېقىلغۇ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ. ئېكۋاتور گۋىنىيىسىنىڭ تولۇق نامى <ئېكۋاتور گۋىنىيىسى جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، غەربىي گۋىنىيە قولتۇقىغا قارىشىپ تۇرغان بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە فېرناندوپو (بىئوكو ئارىلى) ئارىلىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپقان، دۆلەت ئېكۋاتورنىڭ ئەتراپىدا بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان، ئەسلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، ئىسپانىيىگە قاراشلىق گۋىنىيە دەپ ئاتىلىپ، فېرناندو پو، ئارنوبىن قاتارلىق ئاراللار ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مون دەرياسى رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىسپانىيىلىكلەر 1778 - يىلى فېرناندو پو ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بولۇپ، كېيىن تەدرىجىي ھالدا مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن، 1843 - يىلى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مون دەرياسى رايونىغا بېسىپ كىرىپ، 1845 - يىلى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزغان. 1957 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىسپانىيە فېرناندو پو ئارىلى ۋە مون دەرياسى رايونىنى ئۆزىنىڭ ئىككى <سىرتقى ئۆلكىسى> گە ئايلاندۇرۇپ، 1964 - يىلى <ئىچكى ئاپتونومىيە> ئورنىنى بەرگەن. بۇ جايلار 1968 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، نامىنى ئېكۋاتور گۋىنىيىسگە ئۆزگەرتكەن. ئېكۋاتور گۋىنىيىسىنىڭ يەر مەيدانى 28 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 420 مىڭ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فان ۋە ئىسپان تىللىرى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى مالابو، پۇل بىرلىكى ئېكۋاتور گۋىنىيىسى ئېكۇ ئېلېسى. ئېكۋاتورغا يېقىن بولغانلىقى ۋە غەربىي گۋېنىيە قولتۇقى بىلەن تۇتۇشقانلىقى ئۈچۈن ئېكۋاتورگۋىنىيىسى دەپ ئاتالغان، 1845 - يىلى ئىسپانىيىنڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. مۇستەملىكلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئېكۋاتۇرگۋىنىيە خەلقى كۆپ قېتىم باتۇرانە ۋەقەيسەر كۈرەش ئېلىپ بارغان، 1964 - يىلى < ئىچكى ئاپتونومىيىە> يولغا قۇيۇلغان، 1968 - يىلى ئۆكتەبىردە ئېكۋاتورگۋىنىيىسى دۇنيادىكى مۇستەقىل مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈزۈلگەن دۆلەت بايرىقى يېشىل، ئاق ۋە قىزىل رەڭدىكى تىك يوللۇق بايراق بولۇپ، سول يېنىغا بىر كۆك ئۈچبۇلۇڭ، بايراقنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى سىزىلغان.يېشىل رەڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرش بىلەن كەك زېمىننىڭ رەڭگى بولۇپ، شۇنىڭدىن ھاسىل بولغان بايلقىنى بىلدۈرگەن؛ ئاق رەڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم كۆڭۈك بىلەن ئارزۇ - ئۈمۈدىنى ئىپادىلەنگەن؛ قىزىل رەڭ خەلقنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن؛ كۆك رەڭ گۋىنىيە قولتۇقىدىكى دېڭىزنى كۆرسەتكەن. ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان ۋە چوڭ بىلىدىغان < ئاللانىڭ دەرىخى > - قىزىل دەرەخنى دۆلەت گېربىگە كىرگۈزگەن. بۇ خىل دەرەخ ئېكۋاتورگۋىنىيىسىنىڭ ئىسسىق بەلۋاغدىكى ئورمانلىقىدىا ناھايتى كۆپ بولۇپ، يىلىتىزى ئۇزۇن ھەم چوڭقۇر، قۇڭۇر رەڭ، شېخى توم ۋە ئېگىز بولىدۇ. دۆلەت گېربىدىكى بۇ دەرەخ دۆلەتنڭ ياغاچ ماتېرياللىرى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، بەلكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان جۇمھۇرىيەتنىڭ چوقۇم زېمىندا سالماق، ئەركىن ۋە مۇستەقىل ھالدا قەد كۆتۈردىغانلىقىنى ئالدىن نامايان قىلغان. قىزىل دەرەخنىڭ ئۈستىدىكى ئالتە بۇرجەكلىك ئالتە سېرىق يۇلتۇز جۇمھۇرىيەتنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇنى دەرياسى رايونى ۋەئىلگىرى ئىسپانىيىگە تەۋە بئوكو ئارىلى، ئاننوبېن ئارىلى ، كورىس ئارىلى ۋە چوڭ - كىچىك ئىبروبېي ئاراللىرىنى كۆرسەتكەن دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى قوڭۇر رەڭلىك لېنتىغا ئىسپانىيىچە < ئىتتىپاقلىق ، تىنچلىق ، ھەققانىيەت > دېگەن خەت يېزىلغان .
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر