ئانتىگۇئا ۋە باربودا
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
كولۇمبو نام قويغان ئىككى ئارال
لاتىن ئامېرىكىدىكى كارىب دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان لېۋارد ئاراللار تەركىبىدىكى ئىككى ئارال. بۇ ئىككى ئارال ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەر 1981 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشىپ، لاتىن ئامېرىكىدا مۇستەقىل بولغان 32 - دۆلەت بولۇپ قالدى. دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 442 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 79 مىڭ 5 يۈز بولۇپ (1983)، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى نېگىرلار، قارا تەنلىكلەر بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر ئىگىلەيدۇ، ئاھالىسى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئېنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ ئىچىدەئانتىگۇئانىڭ يەر شەكلى تەكشىرەك بولۇپ، غەربىي جەنۇبىدا ئېدىرلىقلار، شەرقىي شىمالىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئارالنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 405 مېتر كېلىدۇ، ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنىمول بولىدۇ. ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمىنى تروپىك ئورمانلىرى بىلەن ئوت - چۆپلر قاپلاپ تۇرىدۇ. مەنزىرىسى گۈزەل. ئانتىگۇئا ئاراللىرىدا قەدىمدە ئىندىئان خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. 1493 - يىلى كولۇمبو ئامېرىكا قىتئەسىگە قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرىدە بۇ ئاراللارنى تاپقان. 1520 - ۋە 1629 - يىللىرى ئىسپانىيە بىلەن فرانسىيە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بۇ ئاراللارغا بېسىپ كىرگەن. 1632 - يىلى ئەنگلىيە بۇ ئاراللارنى ئىگىلەپ يەرلىك خەلقلەرنى دەھشەتلىك قىرغان. 1667 - يىلىدىن تارتىپ 1981 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قەدەر ئەنگلىيىنىڭ بىرنەچچە يۈز يىللىق مۇستەملىكىسى بولغان. ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا يېزا ئىگىلىكىنى ۋە ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شېكەر قومۇشى، پاختا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي كىرىم مەنبەسى (شېكەر ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ% 80 نى ئىگىلەيدۇ)، ئۇنىڭدىن قالسا مانىخوت، كۆممىقوناق، مېۋە - چىۋە، سەي ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائىتىدە شېكەر سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۈنىگە 2500 توننا نېفىتنى بىر تەرەپ قىلىدىغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، ھاراق زاۋۇتى، كىيىم - كېچەك زاۋۇتى قاتارلىق زاۋۇتلار بار. ئانتىگۇئا ۋە باربودالارنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ ئاراللارنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا ناھايىتى گۈزەل مەنزىرىلىك ئورۇنلار، سۇغا چۆمۈلۈش مەيدانلىرى بار. ھەر يىلى چەت ئەللەردىن مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەر بۇ جايلارغا كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ. ساياھەتچىلىك كىرىمى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 40 نى تەشكىل قىلىدۇ.
ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا كىچىك ئانتىللىس تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى شامالغا قارشى تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. 1493 - يىلى كولۇمبو ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرىدە ئامېرىكىغا كېلىپ، بۇ جايدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ئىسپانىيە سىۋىللىيىدىكى مەشھۇر چېركاۋ Santo Maria la Antigua de Seville نىڭ نامىدا ئارالنى ئاتىغان بولۇپ، مەنىسى <سىۋىللىيىدىكى ياشانغان ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇقەددەس مارىيە>. چۈنكى بۇ ئىسىم بەكلا ئوزۇن بولغاچقا ئىشلەتكەندە دائىم پەقەت ئۇنىڭ سۈپەت قىسمى Antigua ئېلىپ ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى <قەدىمكى>، <ياشانغان ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر> بولىدۇ. ئارالنى 1632 - يىلى ئەنگلىيە بېسىۋېلىپ، 1667 - يىلى ئۇنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1967 - يىلى 2 - ئايدا ئىچكى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلۈپ، ئەنگلىيىنىڭ ئالاقە فېدېراتسىيىسى بولغان. باربۇدا بىر مارجان ئارىلى بولۇپ، ئارالدا ياۋا چوشقا، ياۋا ئۆردەك، ياۋا بۇغا كۆپ بولغاچقا <ئوۋچىلار جەننىتى> دەپ ئاتالغان. بۇ ئىككى ئارال ئېكۋاتورنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئارىلىقى ئارانلا 40 كىلومېتىر كېلىدۇ، شۇڭا كىشلەر <كارىب دېڭىزىدىكى ئاچا - سىڭىل ئاراللار> دەپ ئاتىغان. 1981 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 32 - مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلانغان.
ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا ئارىلىنىڭ يەر مەيدانى 442 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 67 مىڭ. كۆپىنچىسى نېگىرلار بولۇپ، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەختى سانت جون.
ئانتىگۇئا ئارىلىمۇ كولۇمبۇ ساياھەت داۋامىدا بايقاپ ئاتالغان. ئانتىگۇئا بىلەن باربۇدا ئەنگلىيىنىڭ ئۈچ ئەسىر مۇستەملىكلىك ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچراپ، 1981 - يىلى نويابىرد مۇستەقىل بولۇپ، تۇنجى دۆلەت بايرىقىنى چىقارغان. ئانتىگۇئا بىلەن باربۇدانىڭ دۆلەت بايرىقى ئۈچبۇلۇڭ شەكلىنى ئاساسىي كۆرۈنۈش قىلىپ، ئوتتۇرىسى قارا، كۆك ۋە ئاق رەڭدىن تەركىب تاپقان چوڭ ئۈچبۇلۇڭ، ئىككى يېنى ئىككى قىزىل رەڭلىك كىچىك ئۈچبۇلۇڭ بولغان. ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن ئالتۇن قۇياش كۆك بەلدەمنىڭ ئۈستى بىلەن قارا رەڭلىك قىسمىنىڭ ئارلىقىغا جايلاشقان. قارا رەڭ شۇ دۆلەتنىڭ ئافرىقىدىن كەلگەن نىگېر ۋە ئارغۇننى كۆرسەتكەن. قىزىل رەڭ بىلەن < V > بەلگە خەلقىنىڭ كۈچى ۋە غەلىبىنى بىلدۈرگەن، كۆك رەڭ دۆلەتنىڭ ئۈمىدى بىلەن تولغان. سېرىق، كۆك، ئاق رەڭ بىرلىشىپ، ئارال دۆلىتىنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن مول يەبىئىي بايلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان. نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش ئەركىنلىك ۋە يېڭى دەۋرنىڭ تاڭ نۇرىغا سىمۋول قىلىنغان.
ئانتىگۇئا بىلەن باربۇدانىڭ دۆلەت گېربىگە سىزىلغان ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمكى قەلئە بۇ دۆلەت تارىخىنىڭ شاھىتىدۇر. قەلئەنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى كۆك ۋە ئاق دولقۇنسىمان بەلدەم بولۇپ، دېڭىز - ئوكيان بىلەن ئارالنىڭ سىمۋولدۇر. بىپايان كۆك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن ئالتۇن قۇياش قاراڭغۇ كېچىنى يۇرۇتقان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستى يېشىل زېمىن بولۇپ، تاماكا كۆكى ۋە شېكەر قومۇشى بىلەن قاپلانغان. ئىككى يېنىدا بىردىن كارىب بۇغىسى قالغاننى تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، ئانتىگۇئا بىلەن باربۇدادىن ئىبارەت ئىككى ئارلغا ھەم شۇ جايدىكى نىگېر بىلەن ئارغۇنغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىغا گۈلچەمبىرەككە تۆت قىزىل گۈل قىستۇرۇلغان بىر ئاناناس بىلەن بىر دۇبۇلغا قويۇلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا ئىنگلىزچە: < ھەممە كىشى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغاندىلا، ئاندىن غەلبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ> دېگەن سۆز يېزىلغان.