مارشال تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئوكيانىيە
ئەنگلىيە كاپىتاننىڭ ئىسمى
غەربىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان ئاراللار گۇرۇپپىسى بولۇپ، شىمالىي كەڭلىك° 5 بىلەن °15، شەرقىي ئۇزۇنلۇق° 162 - °173 ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ 1190 دىن ئوشۇق مارجان ئاراللىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا تەخمىنەن 150 كىلومېتىر سوزۇلغان ئىككى ئاراللار گۇرۇپپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى راتاڭ تاقىم ئاراللىرى، يەنە بىرى رالىك تاقىم ئاراللىرىدىن ئىبارەت. ئاراللارنىڭ مەيدانى 414 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 25 مىڭدىن ئاشىدۇ (1974)، ئاھالىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى مىكرونېزىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. مارشالل تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى ئولىگا شەھىرى ماجۇرۇ ئارىلىغا جايلاشقان.
مارشال تاقىم ئاراللىرىنىڭ تولۇق نامى <مارشال تاقىم ئاراللىرى جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، زېمىنى 1200 دىن ئارتۇق مارجان ئاراللىرىدىن تۈزۈلگەن. مارشال تاقىم ئاراللىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئەجدادى نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن قولۋاقلارغا ئولتۇرۇپ، لەيلەپ كەلگەن ئاسىيالىقلار. ئارالنى 1521 - يىلى ماگېللان بايقىغان. 1529 - يىلى ئىسپانىيىلىك دېڭىزچى ئارۋالېز دېسسوۋېدىرا بۇ جايغا كېلىپ، ئارالغا Buenos Jardines دەپ نام قويغان، بۇنىڭ مەنىسى <ياخشى باغچا>. 1788 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ <سىكوپال> ۋە <شارلوتتې> ناملىق سودا پاراخوتلىرىنىڭ كاپىتانلىرى مارشال ۋە كىربوتلار بۇ جايغا كەلگەن ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. كېيىن بۇ ئىككەيلەننىڭ ئىسمىدا شىمالدىكى تاقىم ئاراللارنى مارشال تاقىم ئاراللىرى، جەنۇبتىكى تاقىم ئاراللارنى كىربوت تاقىم ئاراللىرى (يەنى ھازىرقى گىلبېرت) دەپ ئاتىغان. مارشال تاقىم ئاراللىرى 1886 - يىلى گېرمانىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى تەۋەلىك بولغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە ياپونىيە تارتىۋالغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بېسىۋالغان، 1947 - يىلى ئۇنى ئامېرىكىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان. 1979 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مارشال تاقىم ئاراللىرى ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قۇرۇپ، 1982 - يىلى 10 - ئايدا ئامېرىكا بىلەن <ئەركىن ئالاقە شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1986 - يىلى 11 - ئايدا شەرتنامە رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، مارشال تاقىم ئاراللىرى جۇمھۇرىيەت دەپ جاكارلىنىپ، ئىچكى - تاشقى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، لېكىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە يەنە 15 يىل ئامېرىكا مەسئۇل بولىدىغان بولغان. 1990 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ مارشال تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ۋاكالىتەن ئىگىدارچىلىقىنى رەسمىي ئاخرلاشتۇرغان.
مارشال ئاراللىرىنىڭ يەر مەيدانى 181 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 50مىڭ. كۆپىنچىسى مىكرونېزىيىلىك. ھەممىسىلا خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز ۋە مارشال تىلى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى ماجرۇ.
1979 - يىلى مايدا تىنىچ ئوكياننىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئورنى مارشاك تاقىم ئاراللىرى ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە 1986 - يىلى ئۆكتەبىردە رەسمىي مۇستەقىل بولغان. 1990 - يىلى دېكابىردا، ب د ت ئامېرىكىنىڭ مارشال تاقىم ئاراللىرىنى 30 نەچچە يىل ۋاكالىتەن باشقۇرۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، ئۇنى ب د ت نىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلغان. مارشال تاقىم ئاراللىرى دۆلەت بايرىقى تېگى كۆك رەڭلىك بولۇپ، دىئاگونال سىزىقىنى بويلاپ تارتىلغان سېرىق ۋە ئاق سىزىق دۆلەت بايرىقىنى ئۈستى - ئاستى قىلىپ ئىككى پارچە ئايرىلغان. رەڭلىك سىزىق يەر شارىنى توغرا كېسىپ ئۆتكەن ئېكۋاتورنىڭ سىمۋولى بولغان؛ رەڭلىك سىزىقنىڭ ئۈستى تەرىپىدە مارشال تاقىم ئاراللىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر ئاق يۇلتۇز بولۇپ، مارشال تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئېكۋاتورنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جۇغراپىيىلىك ئورنىغا سىمۋول قىلىنغان. ئاق يۇلتۇزنىڭ 24 بۇرجىكى مارشال تاقىم ئاراللىرى دۆلىتىگە تەۋە 24 ئارالنى بىلدۈرگەن. ئاق يۇلتۇزنىڭ شەرقىي، غەربىي سىزىقى بىلەن شىمالىي، جەنۇبىي سىزىقى كېسىشىپ تۇرغان تۆت ئۇزۇن سىزىق كرېسىتىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكىلىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ خرستىئان دىنىغا بولغان سەممىي ئېتقادىنى بىلدۈرگەن. كۆك رەڭ چەكسىز كەڭ تىنچ ئوكياننى كۆرسەتكەن. ئاق رەڭ بىلەن سېرىق رەڭ نۇرلۇق بىلەن بايلقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان.
دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر پەرۋاز قىلغان دېڭىز قۇشى، دېڭىز قۇشىنىڭ ئۈستىگە بىر نۇر چاقنىغان قۇياش سىزىلغان؛ قۇياشنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپى بىلەن ئاستى تەرىپىگە تاش بىلەن بېلىق تورى سىزىلغان بولۇپ، شۇ جايدىكى يەرلىك كىشىلەر ئىشلەتكەن ئىش قۇرالى بىلەن مول بېلىقچىلىق بايلىقىغا سىمۋول قىلىنغان دېڭىز قۇشىنىڭ سول تەرىپىدىكى بىر يەلكەنلىك كېمە دېڭىز ساياھىتى بىلەن بېلىقچىلىقنى بىلدۈرگەن؛ ئوڭ تەرىپىگە بىر كوكۇس پالمىسى ، دېڭىز قۇشىنىڭ ئاستىغا دېڭىز ساياھىتىدە يولغا باشلاشقا ئىشلىتىدىغان بىر قورال سىزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىغا ئىنگىلىزچە < مارشال تاقىم ئاراللىرى جۇمھۇرىيىتى > دېگەن سۆز يېزىلغان.