UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرئومان

ئومان

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا جىمجىت زېمىن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان دۆلەت، ئۇنىڭ 3/2 قىسىم يېرىنى ھەجەر تېغى شىمال - جەنۇب يۆنىلىشىدە كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ تاغلىقنىڭ غەربىدە ئېگىزلىكلەر بار، ھەجەر تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز شام چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 3352 مېتىر ئېگىز تۇرىدۇ. ھەجەر تېغىنىڭ شەرقىي دېڭىز بويلىرىدا تار - ئۇزۇن سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلەر بار. ئوماننىڭ ئىقلىمى قۇرغاق ئىسسىق بولۇپ، ئىككىلا پەسلى بار، ھەر يىلى 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە قۇرغاق پەسلى بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى ℃40 قا چىقىدۇ، 11 - ئايدىن ئىككىنچى يىلنىڭ 4 - ئايغىچە سالقىن پەسلى بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى ℃10 دىن تۆwەن بولىدىغان كۈنلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ھاۋاسى قۇرغاق بولغانلىقتىن، ھۆل - يېغىنى ئاز بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاران 130 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. تاغلىقلارنىڭ ئىچكى قىسىملىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى كۆپرەك بولىدۇ. ئوماننىڭ يەر مەيدانى 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىنىڭ ئاساسىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەرەبلەردىن باشقا ھىندى، ئوردو، بلوجى مىللەتلىرى بار. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىمۇ ئورتاق قوللىنىلىدۇ. ئومان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4000 - يىللاردىن باشلاپلا بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر مىس ئېرىتىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000 - يىللاردا شۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھ ئومان ئۆز نامىنى دۆلەت نامى قىلغان، 7 - ئەسىردە ئۇنىڭ دېڭىز سودىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، غەربتە ئافرىقا، شەرقتە جۇڭگوغا قەدەر كەلگەن. ئومان 7 - ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1508 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن، 1650 - يىلى يەرلىك ئەرەب قەبىلىلىرى پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ پادىشاھلىق دۆلەت قۇرغان. 1737 - يىلى پېرسىيىلىكلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1741 - يىلى يەرلىك ئەرەب خەلقلىرى پېرسىيىلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، سەئىد پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ماسكات سۇلتانلىقىنى قۇرغان، ئاز ئۆتمەي ئەنگلىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن، 1913 - يىلى تاغلىق رايوندىكى قەبىلىلەر قوزغىلاڭ قىلىپ، ئاخىرى ئومان ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغان، 1970 - يىلى دۆلەت نامىنى ئورمان سۇلتانلىقى دەپ ئۆزگەرتكەن. ئومان بۇرۇندىن تارتىپ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، نېفىت زور كۆلەمدە ئېچىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، بۇنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى ئورنى ئۆستى. نېفىت مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەگە ئايلاندى. ئوماننىڭ تەبىئىي گاز زاپىسىمۇ مول، سانائەتتە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، كاۋچۇك زاۋۇتى، نېفىت، خىمىيە، سېمونت، ئەينەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىنى قۇرۇۋالدى. 1970 - يىلدىن باشلاپ پۇلسىز ئوقۇتۇش، پۇلسىز داۋالىنىشنى يولغا قويدى. ئومان ئىقتىسادتا سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. لېكىن يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىسى%80 نى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات سەۋىيىسى تۆۋەن. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق خورما ئۆستۈرۈلىدىغان مەيدانى پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ %37 نى، يېزا ئىگىلىك كىرىمىنىڭ %36 نى ئىگىلەيدۇ. خورمىدىن باشقا بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، سەي، شېكەر قومۇشى، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان، بېلىق مەھسۇلاتىنىڭ خېلى بىر قىسمىنى ئېكسپورت قىلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا تۆگە، قوي، كالا قاتارلىق چارۋىلار ئاساس قىلىنىدۇ. ئوماننىڭ تولۇق نامى <ئومان سۇلتانلىقى> بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، پارىس قولتۇقىنىڭ ئاغزىغا جايلاشقان، ئومان سۆزىنىڭ مەنىسى <جىمجىت زېمىن> بولۇپ، بۇ نامنىڭ كېلىپ - چىقىشىدا تۆت خىل چۈشەندۈرۈش بار: بىرىنچى، ئادەم ئىسمىدىن كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 - يىلى شۇ چاغدىكى پادىشاھ ئومان ئۆز نامىدا بۇ جاينى ئاتىغان. ئىسلام تارىخچىسى زۇلھەججى بۇ ئومان شاھنى ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ ئوغلى ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ نەۋرىسى ئومان بىننى سەبباھ يەھسان بىننى ئىبراھىم بولىدۇ دەپ قارايدۇ. مەشھۇر ئىسلام تارىخچىسى نۇرىدىدىن ئابدۇللا بىننى ھەمد ۋە ئىسلام پەيلاسوفى ئىبىن خالىددىن ئىككەيلەن <ئومان> بۇ جايغا تۇنجى كىلىپ ئولتۇراقلاشقان كىشى، يەنى ئەرەبلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ بىرى بولغان قەھرىتاننىڭ ئوغلى ئومان بىننى قەھرىتاننىڭ ئىسمى بىلەن بۇ جايغا نام بېرىلگەن دەپ قارايدۇ؛ ئىككىنچى، سۆز مەنىسىدە ئاتالغان. ئاتاقلىق ئىسلام جۇغراپىيشۇناسى ياقۇت ھەمەۋى ئومان سۆزى ئۆتۈمسىز پېئىل <ئەل ئومان> (<ئولتۇراقلاشقان> مەنىسىدە)نىڭ تۈرلەنمىسى بولۇپ، <ئولتۇراقلاشقان ماكان> دېگەن مەنىدە دەپ چۈشەنچە بېرىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، يەر نامىدىن كەلگەن. ئومان يەمەن تەۋەسىدىكى بىر دەريا جىلغىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن، قەدىمكى زاماندا، يەمەندە <ئۆزدە> دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلە بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت بولغان ئومان دېگەن دەريا جىلغىسىدا ئولتۇراقلاشقانىكەن. كېيىنچە تەبئىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۇلار بۈگۈنكى ئومان رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلات ئولتۇراقلاشقان ھېلىقى دەريا جىلغىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، كۆچۈپ كەلگەن يېڭى جاينى ئومان دەپ ئاتىغان؛ تۆتىنچى، قەبىلە نامىدا ئاتالغان.<ئومان> ئەڭ دەسلەپكى ئاھالە ئارمالىقلار قەھرىتان ئومان قەبىلىسىنىڭ ئىسمى. يەنە بەزىلەر خەلقلەرنىڭ دېڭىزچىلىققا ماھىر كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ دېيىشىدۇ. ئەرەب تارىخ پۈتۈكلىرى، چەت ئەل تارىخناملىرى ۋە يېقىنقى زاماندا قېزىۋېلىنغان مەدەنىي يادىكارلىقلاردا خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى ئومان ماجەن دەپ، كېيىنچە يەنە ماكىن دەپ ئاتالغان بولۇپ، <كان مەھسۇلاتلىرى دۆلىتى> دېگەنلىك بولىدىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 550 -- 241 - يىللىرى، پارىسلار ئومانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا ئوماندىكى سۇھەر شەھەر ئەتراپى رايونلىرىنى مازنا دەپ ئاتىغان؛ مىلادى بىرىنچى ئەسىردە، قەدىمكى رىم تارىخچىسى بېرىنى ئومان سۇھەر رايونىنى ئوماننا دەپ ئاتىغان؛ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام دەۋرىدە، ئومان ھۈبەيگا دەپ ئاتالغان. ئوماندا 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى خانلىق قۇرۇلغان. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ماسكات سۇلتانلىقى قۇرۇلغان. 19 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئەنگلىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1913 - يىلى تاغلىق رايوندىكى قەبىلىلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئومان ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغان. 1967 - يىلى پۈتۈن دۆلەت بىرلىككە كىلىپ، ماسكات ۋە ئومان سۇلتانلىقى قۇرۇلغان. 1970 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى دۆلەت نامىنى ئومان سۇلتانلىقى دەپ بېكىتكەن. ئوماننىڭ يەر مەيدانى 300 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 21 مىليون. كۆپىنچىسى ئەرەبلەر، قالغىنى پاكىستانلىق ۋە ئىرانلىقلار. ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى، ئىنگلىز تىلى ھەم كەڭ قوللىنىلىدۇ. پۇل بىرلىكى ئومان رىئالى. قىزىل رەڭ - ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى رېڭىدۇر، ئەمما ئومانلىقلار قۇتلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ رەڭگە ئالاھىدە ئامراق. ئوماندىكى ئاساسلىق ئاھالىلەر كارىيەت مۇسۇلمانلىرى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان قىزىل بايراقنى ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى سىمۋولى قىلىپ كەلگەن. ئومان دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل < T > شەكلى دۆلەت گېربى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئومان دۆلىتىنىڭ سىمۋولىدۇر. 1920 - يىلى ئومان ئەنگىلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىن مۇستەقىل بولۇپ، ماسكات سۇلتانلىقىنى قۇرغان؛ 1970 - يىلى ئاۋغۇسىتتا ئومان سۇلتانلىقىغا ئۆزگەرگەن. دۆلەت بايرىقىدىكى ئاق رەڭ ئوماننىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋەكىللىك قىلىنغان، يېشىل رەڭ تۆت پەسىل ياشىرىپ تۇرىدىغان دۆلەت زېمىنىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربى چاقماق شەكىلدە قويۇلغان غىلاپلىق ۋە گۈللۈك كۈمۈش رەڭ ئەرەب قىلىچىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا كۈمۈش رەڭلىك غىلاپلىق ئومان پىچىقى تىك قويۇلغان، قىلىچ بىلەن پىچاقنىڭ ئارىلىقىغا زۇلپىقار ئاسقۇسى تاقىغان، بۇ سۈرەت ئوماننىڭ ئۈزۈن تارىخى ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ تەسۋىرى بولۇپ، ئومان خەلقىنىڭ زوراۋانلىقتىن قورقىماي، قورال ئېلىپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قەدىر - قىممىتىنى قوغداشتەك مىللىي روھىغا سىمۋول قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر