UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەريۇگوسلاۋىيە

يۇگوسلاۋىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا جەنۇبىي سىلاۋيانلار دۆلىتى ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئادىرىياتىك دېڭىز بويىغا جايلاشقان دۆلەت. بۇ، ئوتتۇرا ياۋروپادىن يەر ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرگە ھەم غەربىي ئاسىياغا ئۆتۈشتىكى مۇھىم ستراتېگىيىلىك جاي. يەر مەيدانى 255 مىڭ 804 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يۇگوسلاۋىيە يېرىنىڭ 3/2 قىسمىنى تاغلىق، ئېگىزلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ، يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمال، غەرب تەرىپىدىن شەرقىي شىمالغا قاراپ تەدرىجىي پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي شىمالىنى ئالىپ تاغلىرى، غەربىي رايونلىرىنى دىنار ئالىپ تاغلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، بۇ تاغلارنىڭ ئېگىزلىكى 2000 مېتىرغا يېتىدۇ. دىنار ئالىپ تېغىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرغاق رايونلىرى بەك پارچىلانغان بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن يانمۇيان سوزۇلغان ئۇششاق ئاراللار ناھايىتى كۆپ. يۇگوسلاۋىيىنىڭ غەربىدىكى تاغلىقلاردا ئاھاك تاشلىق يەر شەكىللىرى بەك راۋاجلانغان. دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دوناي، ساۋا، موراۋا دەريا بويلىرىدا خېلى كەڭ دائىرىدە تۈزلەڭلىك رايونلار بار. بۇ يۇگوسلاۋىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك، سانائەت ئورۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ. يۇگوسلاۋىيىنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يازلىق ئىسسىق، قۇرغاق، قىشلىقى يىللىق نەم، كۆپ ھۆل - يېغىنلىق بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000-1500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ جايلار قېلىن ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. يۇگوسلاۋىيىنىڭ كەڭ ئىچكى رايونلىرى مۆتىدىل نەم ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، بۇ جايلار قىش پەسلى سوغۇق، يازلىقى ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ھۆل ـ يېغىن مىقدارى 600-700 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولۇپ، سلوۋېنتىيە، خورۋاتىيە، سېربىيە، بوسنىيە، گېرىتسېگوۋنىيە، قارا تاغ، ماكېدونىيىدىن ئىبارەت ئالتە جۇمھۇرىيەت ۋە كوسوۋر، ۋۇئىۋۋۇدىنا ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 22 مىليون 800 مىڭدىن ئوشۇق (1983) بولۇپ، 30 نەچچە مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سېربىيىلىكلەر پۈتۈن ئاھالىنىڭ% 36.3نى ئىگىلەيدۇ، سېربىيىدىن قالسا خورۋاتلار، سلوۋېنيىلىكلەر، ماكېدونلار، قارا تاغلار، ئالبانلار بار. ۋېنگر، رۇمىن، تۈرك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاھالىسى ئازراق. مىلادىيە 6 - ئەسىردە سلاۋىيان خەلقلىرى كاراپات تاغلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بۇ جايلاردا ئولتۇراقلاشقان، ئۇزۇن يىللار جەريانىدا يەرلىك خەلقلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ ھازىرقى جەنۇبىي سلاۋىيانلار شەكىللەنگەن. 9 - ئەسىردىن باشلاپ خورۋاتىيە، سېربىيە، ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى قۇرغان، 1459 - يىلى تۈركىيە يۇگوسلاۋىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى ئىگىلەپ ئلالغان. 1945 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. يۇگوسلاۋىيىنىڭ ئىقتىسادىي 1945 - يىلدىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلغان. سانائىتىدە ماشىنىسازلىق، مېتاللۇرگىيە، كېمىسازلىق، ياغاچچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، خىمىيە، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سنائەت تارماقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. يۇگوسلاۋىيە ھازىر ھەرخىل تىپتىكى تراكتور، ئاپتوموبىل، ستانوك، 60 مىڭ، 70 مىڭ توننىلىق چوڭ تىپتىكى پاراخوتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. سائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 3/2 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنلىشىش سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى. دېھقانچىلىقىدا ئاساسەن بۇغداي، كۆممىقوناق، قىزىلچا، ئاپتاپپەرەس، تاماكا ئۆستۈرۈلىدۇ. يۇگوسلاۋىيىنىڭ باغۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلغان. چارۋىچىلىقىدا كالا، چوشقا، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. ئاشلىق، چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ ئېشىنىدۇ. يۇگوسلاۋىيىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ئادرىئاتىك دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا نۇرغۇن ساياھەت ھەم دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار. يۇگوسلاۋىيىنىڭ تولۇق نامى <يۇگوسلاۋىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. يۇگوسلاۋىيە مىللەت نامىدا ئاتالغان دۆلەت بولۇپ، مەنىسى <جەنۇبىي سىلاۋيانلار دۆلىتى>. سابىق يۇگوسلاۋىيىدىكى بىر قانچە ئاساسلىق مىللەت، مەسىلەن، سېربىيىلىكلەر، كرودىيىلىكلەر، سلوۋېنىيىلىكلەر، ماكىدونىيىلىكلەر، قارا تاغلىقلار، بوسنىيىلىكلەرنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي سىلاۋيانلارغا تەۋە. <سىلاۋيان> سۆزى <شەرەپلىك> مەنىسىنى بېرىدۇ. مىلادى ئالتىنچى ئەسىردە سلاۋيان مىللىتى كاراپات تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بالقان يېرىم ئارىلىدا ماكانلىشىپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى يۇگوسلاۋىيە مللەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن، 925 - كرودىيە پادىشاھلىقى قورۇلغان. 1220 - يىلى سېربىيە پادىشاھلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 15 - ئەسىردىن باشلاپ تۈركىيە ۋە ئاۋىسترو - ۋىنگىر ئىمپېرىيسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن. 1918 - يىلى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سېربىيە - كرودىيە - سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلۇپ، 1929 - يىلى <يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى> غا ئۆزگەرتىلگەن؛ 1945 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى <يۇگوسلاۋىيە فېدىراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغان؛ 1963 - يىلى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى <يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن. 1991 - يىلى 6 - ئايدا پارچىلىنىپ، 1992 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سېربىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن قارا تاغ (مونتوگرو) جۇمھۇرىيىتى بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان <يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى> نى قۇرغان. ھازىرقى يۇگوسلاۋىيىنىڭ يەر مەيدانى 102.173 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 11 مىليون 675 مىڭ كىشى. بۇنىڭ 8.9 مىليونى سېربىيىلىكلەر، قالغان 52 مىڭ كىشى قارا تاغلىقلار، 1.8 مىليونى ئالبانلار، 400 مىڭى مۇسۇلمانلار ھېسابلىنىدۇ. رۇس شىۋىسىدىكى سېرب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. كېلىر رۇس يېزىقى ئىشلىتىلىدۇ. سېرىبلار پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى بېلگراد، پۇل بىرلىكى دىنار. مىلادىيە 6 - ئەسىردە بىر قىسىم سلاۋيان قەبىللىرى بالقان يېرىم ئارىلىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، تەدرىجى سېربىيە، كرودىيە قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي سلاۋيان مىللەتلىرى گۇرۇھ بولۇپ شەكىللەنگەن. 12 - ئەسىردە سېربلار بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنى قۇرغان. كېيىن جەنۇبىي سلاۋيانلار تۈركىيە ۋە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچىرىغان. 1915 - يىلى سېربىيە جەنۇبتىكى باشقا سلاۋىيە زېمىنى بىلە ن بىرلىشىپ، تارىختىكى تۇنجى بىرلىككە كەلگەن يۇگوسلاۋىيە دۆلىتى - سېربىيە- كرودىيە - سلوۋېىنىيە پادىشاھلىقى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. 1929 - يىلى يۇگوسلاۋىيە پادشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە يۇگوسلاۋىيە بېسىۋالغان. 1945 - يىلى يۇگوسلاۋىيە ئازاد بولۇپ ئالتە جۇمھۇرىيەتتىن تەركىب تاپقان يۇگوسلاۋىيە بىرلەشمە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1991 - يىلى ئىيۇندا كرودىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلىپ، يۇگوسلاۋىيە بىرلەشمىسى پارچىلانغان. 1992 - يىلى ئىيۇندا، سېربىيە بىلەن مونتېنېگرودىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەت يۇگوسلاۋىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يېڭى يۇگوسلاۋىيە دۆلەت بايرىقىدا ئىگىرىكى دۆلەت بايرىقىدىكى سېرىق قىرلىق قىزىل بەش يۇلتۇز ئېلۋېتلگەن؛ ھازىرقى بايرىقى يۇگوسلاۋىيە دەۋرىدە ئىشلەتكەن كۆك، ئاق ۋە قىزىل توغرا بەلدەملىك دۆلەت بايرىقى بولۇپ، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا سېربلار بۇ مىللىي بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان؛ كېيىن بۇ بايراقىنى يەنە يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلىپ بېكىتكەن. ھازىرقى دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگى پان سلاۋيان تۈسكە ئىگە بولۇپ، كۆك رەڭ گويا ئەكىنلىككە ئوقۇلغان مەدھىيە كۈيىدەك يېڭى يۇگوسلاۋىيە ئاسمىنىدا جاراڭلىغان، پاك ئاق رەڭ يۇگوسلاۋىيىلىكلەرنىڭ تىنىچلىق ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشقا بولغان ئنتىلىشىنى ئىپادىلىگەن. قىزىل رە ڭ ئۇلارنىڭ ھەققانىيەت ۋە ئادالەتكە ئىنىتىلگەن ئىشەنچى ۋە جاسارىتىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان چاقىنغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر