UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرتاجىكىستان

تاجىكىستان

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا گۈللۈك دوپپا كەيگەن خەلقلەر دۆلىتى سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. غەربىي شىمال قىسىملىرى ئۆزبىكسىتان، قىرغىزسىتانلار بىلەن، شەرقىي قىسمى دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى بىلەن، جەنۇبىي قىسمى ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن 100 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 4 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىسىنىڭ % 58نى تاجىكلار، قالغىنىنى ئۆزبېك، رۇس قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى دۈشەنبە شەھىرى. تاجىكىستان تاغلىق جاي بولۇپ، 10/9 قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ، يېرىنىڭ 2/1 قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتردىن ئاشىدۇ. شىمالدا پەرغانە ۋادىسىنىڭ غەربىي بۇرجىكى ئورۇن ئالغان. ئوتتۇرا قىسمىدا جىساد - ئالاي تاغلىرى، غەربىي جەنۇبىدا جىساد - ۋاخىش ۋادىسى، شەرقىدە پامىر ئېگىز تەكشىلىكىنىڭ بىر قىسمى بار. ئېگىز تاغلىقلار يىل بويى قارمۇزلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 150-700 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. تاجىكىستاندا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، قوغۇشۇن، سىنك، ۋولفرام، سۈرمە، سىماب قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. تاجىكىستاننىڭ كۆپ قىسمى بۇرۇن بۇخاراخانلىقىغا تەۋە بولغان، 19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى چارروسىيە بىلەن بىرلەشكەن. 1924 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇىيەت بولۇپ قۇرۇلۇپ، ئۆزبېكىستانغا تەۋە بولغان 1929 - يىلى تاجىك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. تاجىكىستان يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىقى كېۋەز ئۆستۈرۈلىدۇ، كېۋەز ئۆستۈرۈلىدىغان يېرى پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ 3/1 تەشكىل قىلىدۇ، كېۋەزدىن باشقا، بۇغداي، ئارپا، شال قاتارلىق زىرائەتلەرمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. باغۋەنچىلىك، پىلە بېقىشمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سانائەتتە يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمىچىلىق، گىلەم توقۇش، يېمەك - ئىچمەك سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ماشىنىسازلىق، ئاليۇمىن تاۋلاش قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ بار. كان سانائىتىدە كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، رەڭلىك مېتال سانائەتلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. تاجىكىستاننىڭ تولۇق نامى <تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ،ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كېلىپ چىققان، تاجىكلار بۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە ياۋرو - ئاسىيا يايلاقلىرىدىن كەلگەن پارس تىلىنى قوللىنىدىغان قەبىلىلەرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى پارس تىلىدا سۆزلىشىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تاجىكلار دەپ ئاتىغان لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇجىكلار دەپ ئاتايدۇ، خەلق رىۋايەتلىرىدە، تاجىك دېگەن <كەشتە گۈللۈك دوپپا كەيگەن ئادەم> دېگەنلىك بولۇپ، بۈگۈنكى تاجىكچە دوپپغا ئوخشاش دوپپىنى كۆرسىتىدۇ. تاجىكىستاندا 1917 - يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، 1924 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولغان، 1929 - يىلى 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى <تاجىكىستان سوۋېت ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان، 1991 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، نامىنى ھازىرقى دۆلەت نامىغا ئۆزگەرتكەن. تاجىكىستاننىڭ يەر مەيدانى 143.1 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 5 مىليون 684 مىڭ، تاجىكلار % 62.8نى، ئۆزبېكلەر % 23.5نى ئىگىلەيدۇ. ئۇندىن باشقا رۇس، تاتار، قىرغىز، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بار. پايتەختى دۈشەنبە. 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مۇستەقىل تاجىك دۆلىتى قۇرۇلغان. 13 - ئەسىردە چىڭگىزخاننىڭ ئاتلىق قوشۇنى غەربكە يۈرۈش قىلىپ تاجىك دۆلىتىنى بېسىۋالغان. 14 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرگىچە تاجىكىستان ئوتتۇرا ئاسىيا تېمۇر ئىمپېرىيسىگە ئەل بولغان. 1868 - يىلى تاجىكىستان چار رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 1918 - يىلى تاجىكىستان بويىچە سوۋېتلەر ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. 1929 - يىلى ئۆكتەبىردە تاجىك سوۋېت سوتسىيالىستىك جومھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى دېكابىردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1991 - يىل سېنتەبىردە تاجىكىستان رەسمىي مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان. تاجىكىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى قىزىل، ئاق ۋە يېشىل رەڭدىن تەركىب تاپقان توغرا بەلدەملىك بايراق. تاجىكىستاننىڭ دۆلەت بايرىقىقويۇق ئىسلام ئۇسلۇبىغائىگە. بايراق ئۈستىدىن ئاستىغىچە قىزىل، ئاق ۋە يېشىل ئۈچ پاراللېل ئۇزۇن چاستىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاق بەلدەمنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا تۈزۈلۈشى ئاجايىپ بىر ئالتۇن تاج بىلەن يەتتە ئالتۇن رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ رەسىمى سىزىلغان. توق قىزىل رەڭ تاجىك خەلقىنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن. پاكلىقنى بىلدۈرىدىغان ئاق رەڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە بولغان ئىنتىلىش ۋە ئارزۇسىنى، يېشىل رەڭ تاجىكىستاننىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە ئۈمىدكە تولغانلىقىنى نامايەن قىلغان. دۆلەت گېربىدە بىر قاناتلىق ئەركەم شىر ئېگىز تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ ئارقىسىغا نەزەر سالغان. ئارقىسىدا ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش پارلاق نۇر چاچقان بولۇپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خۇددى قۇياشتەك كۆتۈرلۈپ، مۇستەقىللىق يولىدا مەردانە قەدەم تاشلايدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. شىرنىڭ ئەتراپى دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل، ئاق ۋە يېشىل رەڭدىكى لېنتا بىلەن باغلانغان بۇغداي باشاقلىرى ئارقىلىق ىېزەلگەن. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىغا دۆلەت بايرىقىدىكى تاج بىلەن بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ رەسىمى ئېلىنغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر